يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بىرى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە ئاتۇشتا تۇغۇلغان غەلىتە قوي توغرىلىق خەۋەرلەر قايتا -قايتا كۈچۈرۈپ بېسىلدى. بۇنىڭ بىلەن تورداشلار ئارىسىدا بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان سادالار پەيدا بولۇشقا باشلاپ، ئۇيغۇر رۇھىيىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر بۇ خەۋەر ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلاپ ئۈلگۈردى.پېقىرمۇ بۇ رەسىمنى كۈرۈپلا ئىشەنمىدىم، قارىسام بۇ رەسىمدىكى قوينىڭ ئالىسى بەزى تورداشلار دىگەندەك ئەرەپچە خەتكە ئوخشايدىغاندەك ئەمەس، ئوخشىغان تەقدىردىمۇ بۇ ئارقىلىق نىمىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ؟ مىنىڭ قارىشىم شۇكى بۇ ئارقىلىق ھىچنىمىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.بۇنداق دىسەم بەلكىم مىنى تىللاپ ۋەيلۇن دەۋزەخكە ھۈكۈم چىقىرىدىغانلار چىقىشى ، چىققاندىمۇ ساماندەك چىقىشى مۈمكىن. بىراق بىز سوغۇققانلىق بىلەن شۇنى ئويلايدىغان يەرگە بېرىپ قالدۇقكى،ئەمدى كاللا ئىشلەتمەي،ھىسسىياتقا تايىنىپ ئالا تاغىل سۆزلەپ يۈرسەك، يەنە باشقىلارنىڭ سەنىمىگە ساما سېلىۋەرسەك زامان كۈتۈرمەيدۇ، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىمىزلا ئەمەس، پۈتكۈل مەدەنىيىتىمىز قارىغا كىتىدۇ مىللەتداشلار...
ئىلگىرىمۇ بۇنداق مۆجىزىلەر كۆپ كۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاخىرى يالغانغا چىقىپ، خۇددى ئالۋاستىنىڭ كۆلەڭگۈسى قۇياشنى كۈرۈپ يوقالغاندەك ئىز دىرەكسىز يوقالغان ئىدى. بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە چوشقىغا ئايلىنىپ قالغان ئويۇنچى قىز، مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە،ئەرەپچە ھۇۋلايدىغان شىر،تۇغۇلۇپلا گەپ قىلغان بالا، قەبرىدىن تىرىلىپ مىنى نىمىشقا ياغلىق ئارت دىمىگەن دەپ ئانىسىغا ئېسىلىۋالغان قىز...دىگەندەك نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۈمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى ئەقىل ئىگىلىرى تەرىپىدىن،ياكى ئەمەلىيەت تەرىپىدىن يالغانلىقى ئىسپاتلىنىپ رەسۋا بولدى خالاس.ئۆتكەن يىلى قەشقەردە تارقالغان ، ھەتتا خېلى ئوقۇغان زىيالىلار ئارىسىدا زىكرى قىلىنىپ كوچا كويدا ، ھەتتا تاكسىلاردا تارقالغان ''پالانى دوختۇرخانىدا بىر بالا تۇغۇلۇپلا گەپ قىپتۇ، بۇ يىل قار ياغمايدۇ ، دەپتۇ...'' دىگەن خەۋەرگە گۇمان قىلىغانلىقىم ئۈچۈن بەزىلەر تەرىپىدىن ئىشىتكەن تىللىرىم ، بۇ ساختا مۆجىزىنىڭ شۇ يىلى ئارقا- ئارقىدىن ياققان قار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا رەسۋا بولغان بولغانلىقى ھېلىمۇ ئىسىمدە...
ئەمدى گەپنىڭ نىگىزىگە كەلسەك، يۇقارقى مۆجىزە دىيىلگەن سەپتەتىلەرنىڭ بىر قىسىملىرى بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن،ساددا نادان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە مەلۇم مەخسەتلەر بىلەن قەستەن سۈنئى ئۇسۇلدا توقۇپ چىقىرىلغاندىن باشقا كۆپ قىسمى ئاساسەن تاسادىبى ھاسىل بولغان خەت ياكى شەكىللەردىن ئىبارەت خالاس. مەسىلەن، ھېلىقى ئاتۇشلۇقنىڭ ئۆيىدىكى قويدا پەيدا بولغان خەت، خوتەندە كۆرۈلگەن بۇلۇتتىكى كۆز... قاتارلىقلار. ئۇنداقتا نىمىشقا بۇلارنى مۆجىزە دىيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە تاسادىبى توغرا كىلىپ قېلىش بولۇپ خۇددى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى "يالغان پالچىنىڭ ئىشىكى يۈتكەن كىىشىگە سۈرگە دورىسى بۇيرۇپ ، ئۇ كىشى تاسادىبى ھالدا ئىشەكنى ھاجەتخانىدىن تاپقان"،"لەقۋا شاھنىڭ ئاتقا مىنەلمەيدىغانلىقىدىن يىلىم بىلەن ئىگەرگە ئۆزىنى چاپلاپ جەڭگە چىقىپ،ئات ئېلىپ قاچقاندا پورلاشقان توغراققا ئېسىلىۋىلىپ، توغراق ئۆرۈلۈپ دۈشمەننى چۈچۈتۈپ قاچۇرغاندەك "... ۋەقەلەرگە ئوخشايدۇ.
بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى بىر قېتىم مۇنداق قىزىقارلىق ئىشمۇ بولغان. بىر كۈنى كىيۇ كىيۇدىكى بىر توپتىن بىرسى ئۇچۇر يوللىدى، قارىسام بىر خەنزۇ تورداشكەن، ئۇ بىر رەسىمنى يوللاپ 观音菩萨 ئۆزىنى نامايان قىلدى، دەپتۇ، قارىسام رەسىمدىكى بۇلۇتتا راستىنلا ئاۋالۇك سۇۋارانىڭ نىلۇپەر تەختتە ئولتۇرغان ھالىتىگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل بار ئىدى، مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا بۇ بىر تاسادىبىلىق دىدىم. ئۇ رەسىم بۇ ئۇلىنشتىكى رەسىملەرنىڭ ئىچىدە بار.
http://image.baidu.com/i?ct=2013 ... &z=0&fm=rs2
كىيىن بىر خىزمەتدىشىم دەريادىن تېپىۋالغان بىر تاشنى كۆرسەتتى، تاش ئادەتتىكى تاش بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدا ئېنىق ھالدىكى 龙 يەنى ئەجدەرھا دىگەن خەنزۇچە قىزىل خەت شەكىللەنگەن ئىدى، يەنە بىر يىلى قوناق سويىۋېتىپ ئىككى باش قۇناقنى كۈرۈپ قالدىم ، بىرىنى قۇرۇت يىگەن، يەنە بىرىنىڭ دىنى ئالا بولۇپ ئۇنىڭ دانلىرىدىن ۋە قۇرۇت يىگەن ئىزلىرىدىن بەزىلەر ئەينى يىللىرى مۆجىزە دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان خەتلەرگە ئوخشايدىغان شەكىللەر پەيدا بولغان ئىدى،بىراق ئۇنى بىر ئايغا قالمايلا قويغان يېرىمدىن چاشقان قۇرۇق مەدەككە ئايلاندۇرۇپتۇ...
ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ تاسادىلىق ئىكەنلىگىنى ئەقىل ئىگىلىرىگە چۈشەندۈرۈش كەتمىسە كىرەك، چۈنكى ماتىماتىكا ئىلمىدە تاسادىبىلىق دەيدىغان بىر ماتىماتىلىق ئۇقۇم بار. مەسىلەن، تەڭگىنىڭ ئىككىلا يۈزى بولغانلىقتىن تەڭگىنى نەچچە مىڭ، نەچچە مىليۇن قېتىم تاشلىساق ئوڭ چۈشۈش ئىھتىماللىقى بىلەن تەتۈر چۈشۈش ئىھتىماللىقى تەڭ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر خالتا قوغۇشۇن ھەرپنى نۇرغۇن قېتىم تاشلىساق ھەرقانداق خەتنىڭ شەكىللىنىش ئىھتىمالى بولىدۇ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر سىقىم مىخ ياكى سەرەڭگە تېلىنى نۇرغۇن قېتىم قانۇنىيەتسىز چاچساقمۇ ھەرخىل خەت ياكى شەكىللەرنىڭ تاسادىبى شەكىللىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
دېمەك، ماتىماتىكا ئىلمى ئاتالمىش تاسادىبىلىقتىن شەكىللەنگەن مۆجىزىلەرنى چۈشەندۈرەلىگەن ئىكەن، ئەمدى يەنە بۇنداق تاسادىلىقلار ساددا كىىشلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرماسلىقى،بەزىلەرنىڭ شەخسى مەخسەتلىرىگە قۇرال بولماسلىقى كىرەك. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى،ھىسسىياتقا بىرىلمەسلىكىنى،تور دۇنياسىدىمۇ رىئال دۇنيادەك مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ساغلام، ئەمىلى قوللىنىشچان ، ئىشەنىچلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قۇشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، چۈنكى يولغا تەرەت قىلىپ قويغان كىشى يەنە شۇ يولدا ماڭىدۇ، باشقىلارمۇ ، ئۆزىمۇ شۇ نەرسىگە تېيىلىپ كىتىشى مۈمكىن.