مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: perfume

ئەندەلۇس (ئىسپانىيە)مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە پاراڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4747
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:49:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 07:05 PM
دىگەنلىرىڭىز يوللۇقتەكمۇ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە ئسلام ئەز ...

بۇ يەردە بىر نەرسە  ئېنىق ئايرىلمىغان ، يەنى پەيغەمبىرىمىز ( س ئە ۋ ) غا ئاللادىن قارشى تۇرۇشقا (دىققەت ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەس ) رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن،   دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن  قوغدىنىش ئۇرۇشلىرىنى قىلغان .
بەدر ،   خەندەك غازاتلىرى (قوغدىنىش ئۇرۇشلىرى دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ دەپ قارايمەن )  پەقەت دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان قەبىلىللەرگە قارىتىلغان ئۇرۇشتۇر .
بىلىشىمچە پەيغەمبىرىمىز (س ئە ۋ ) رىمغا ئەسكەر ئەۋەتمىگەن، چۈنكى ئەرەپ ئارىلىنىڭ سىرتىدىكى شام، بىزانتانىيە قاتارلىق جايلار تېخى ئەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ كونتىروللىغىدا ئەمەس ئىدى ، بۇ زىمىندىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ھەربى يۈرۈش قىلغىلى بولمەيدۇ دە .
ئىسلام دىنى ئاللا تاللىغان ۋە پۈتۈن قىلغان ئىنسانىيەتكە  ئاتىغان دىن ، بۇ دىننى ئاللا ئۆزى ساقلايدۇ، راۋا كۆرسە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ دىنى قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدۇ ئەلبەتتە ،
بىراق ئەمىلىيەتتە دۇنيادا 4 چوڭ دىندىن باشقا نۇرغۇن دىنلار بار ،
قۇرئاندىمۇ ئاللا دىندا زورلاش يوق (سۈرە بەقەرە 256- ئايەت )دەپ ئەسكەرتكەن تۇرۇقلۇق ، نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا قۇرال كۈچى بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىش كىرەك ؟

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4747
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:56:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
perfume يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 07:07 PM
بىرىنچىدىن مەممەت پەيغەمبەر ئەمەس ،مۇھەممەد سەللالل ...
  1. بىرىنچىدىن مەممەت پەيغەمبەر ئەمەس ،مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ،ئەگەردە ئاغزىڭىغا شۇنداق كەلسە توغرا ئاتارسىز
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەپەندىم : مەن قاچان نەدە مەممەت دەپ ئاتاپتىمەن ؟ تولا بەتنام چاپلىماڭ بولامدۇ ؟
  1. توغرا ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر ،ئەمما ئاللاھ بىھاجەت دەپ بىز ئۇنى تەرك ئەتسەك بولامدۇ ،ئاللاھقا باش ئۇرۇش سەجدە قىلىش بىزگە پەرىز قىلىپ بىكىتىلگەن تۇرسا
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
توغرا ، ئاللا بەندىنىڭ باش ئۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق(زۆرۈر ) ئەمەس، بىراق بەندە  ئاللاغا باش ئۇرۇش كېرەك(بىز ئاللاغا ئېھتىياجلىق تە ) ، ئاللانى تەرك ئېتىش دىگەن گەپنى نەدىن كۆتۈرۈپ چىقتىڭىز ؟ تولا بەتناملارنى چاپلاۋەرمەڭ ،
  1. ھەممە ئىشنىڭ پىرىنسىپ قائىدىلىرى بولىدۇ ،ئاۋال ئىسلامغا دەۋەت قىلىمىز ،ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا جىزيە ئالىمىز ،ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا ئۇرۇش ئاچىمىز ،مانا ماشۇ ئىسلامى كېڭىيىشنىڭ قائىدىسى
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەپەندىم : بۇ پىرىنسىپنى سىزگە كىم ئۈگەتكەن ئىدى ؟ ئىسلام دىنى ئادىل دىنمۇ ياكى زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان دىنمۇ؟
سۈرە بەقەرەنىڭ 256- ئايىتىنى قايتا بىر ئوقۇڭ .

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4747
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:08:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1furkan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 11:25 PM
سىلەر ئەھلى كىتابتىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەي ...
  1. سىلەر ئەھلى كىتابتىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار  بىلەن، اﷲ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار.( سۈرە تەۋبە 29-ئايەت)  
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
قۇرئان ئايەتلىرىنى تولۇق چاپلاڭ ۋە  مەزمۇنىنى تولۇق چۈشىنىڭ
------------
سىلەر ئەھلى كىتابتىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى اﷲ نىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىسانى اﷲ نىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، اﷲ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار (29)
-----------------------------------
بۇ يەردىكى جىيزىيە دىگەن گەپ ئىسلام كونتىروللۇغىدىكى ( ھامىلىسى ئاستىدىكى ) غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باجدۇر ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەربى مەجبۇرىيەت(ئۇرۇشقا چىقىش ، زىمىننى قوغداش ..) ئۆتەش ۋەزىپىسى بولمىغاچقا،  باج ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ .
سەن ئاللانىڭ گەپلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشىنىپ،  ئىسلام (تېنچلىق، ئەمىنلىك ) دىن ئىبارەت تېنچلىقپەرۋەر دىننى مۇشۇنداق زوراۋانلىق، تااۋۇزچىلىق قىلشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن خاتا ئۇقۇمنى باشقىلارغا سىڭدۈرمەكچىمۇ ؟
رادىكال ئىددىيىلىرىڭنى يۇقات .  ئىسلامغا داغ كەلتۈرمە ، باشقىلارنى قۇرئان ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىقىغا ، دىنغا ، ئېتىقادىغا ئالدىراپ باھا بەرمە ، سەندە ئۇنداق  ئىقتىدار يوق .

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75858
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-2-15
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:57:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5159
تۆھپە نۇمۇرى: 815
توردا: 6364 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىسلامى ئالەمگە سىياسىي ھوجۇم

ئەندەلۇس (ئىسپانىيە) گە بولغان ھوجۇمنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى سەلىپ ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىنتىقامىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، غەرب سەلىب ئۇرۇشىدا ناھايىتى تېز مۇۋاپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ، ئىسلام ئالىمىدىن شەرمەندىلەرچە قوغلاندى. كېيىن بۇ مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە مۇسۇلمانلارنى يامان كۆرۈش،ئۇلارغا نىسبەتەن ئاداۋەت ۋە نەپرەت يالقۇنى پەيدا بولدى. غەرب شەرققە ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى، شەرق خەلقى ھەر تۈرلۈك بولسىمۇ، غەربنىڭ يولىنى توسۇشقا ۋە ئۇرۇشلىرىنى پىچەككە چىقىرىشقا كۈچى يېتەرلىك ئىدى. غەرب بۇ ئىنتىقامنى ئەندەلۇستا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆردى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كۈچىنى شۇنىڭغا قاراتتى. ئوتخانىلار، باش كېسىلىدىغان ئەسلىھەلەر، تېپىتىش مەھكىمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ۋەھشىي ھايۋانلاردىنمۇ ئارتۇق ياۋۇزلۇق بىلەن ئەندەلۇسنى مەغلۇب قىلدى. ئەسلىدە، بۇنداق ۋەھشىيلىك غەرب ئۈچۈن ئار ھېسابلىناتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي قۇدرىتى كۈچلۈك ۋە ئەندەلۇسقا ياردەم بېرىش ئىمكانىيەتلىرى بار تۇرۇپ، تاماشىبىن بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن غەرب، ئىنتىقام ئېلىشنى ئۇزاققا سوزدى. مۇسۇلمانلار بولسا سۇسلۇق قىلدى ۋە ئەندەلۇسنى مانا مۇشۇنداق قىيىن ھالەتتە ئاسان يۇتقىلى بولىدىغان لوقمىدەك ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويدى ۋە بۇنىڭ بىلەن غەربنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئۆچ ئېلىشى ئۈچۈن يەنە بىر ئىمكان يارىتىپ بەردى. ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئوسمانىي دۆلەتنىڭ قۇدرىتى بولمىغان بولسا، غەربلىكلەر ئىسلام يۇرتلىرىغا كەينى- كەينىدىن ئۇرۇش قىلغان بولاتتى. لىكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرىتى ۋە ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپاغا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى پەتھى قىلىشى ئۇنى قورقۇنچقا سېلىپ قويدى. ھەتتا، ئىككىنچى سەلىب ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا كۆپ ئىنتىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، غەربنىڭ ئىسلام يۇرتلىرىغا قىلغان ھۇقۇمى 18- ئەسىرنىڭ يېرىمىدا توختاپ قالدى. چۈنكى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا بارلىق ئىسلامىي ئالەمگە تۇرغۇنلۇق يېيىلىشقا باشلىغان ئىدى. دۆلەت ئىسلامىي دەۋەت بىلەن شوغۇللانماي قويدى. نەتىجىدە، ئىدىيىدە ئىسلام ھازارىتى سۇسلىشىپ، دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلاردىن ھېيىقماي قويدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئىسلامىي ئالەمگە ساقاپىي ۋە  مىسسىيونىرلىق ھۇجۇملىرى باشلاندى ۋە ئىسلامىي يۇرتلارنى كىچىك بۆلەكچىلەرگە بۆلۈپ تاشلاش ۋە ئۇنى يىلتىزى يوق قىلىش ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەتلەر يېنىغا سىياسىي ھۇجۇممۇ قوشۇلدى. غەربلىكلەرنىڭ بۇ مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشتى ۋە ئۇلار كاتتا غەلبىنى قولغا كىرگۈزدى.
مىلادىي 1762-1769- يىللىرى روسىيە كاتىرنا دەۋرىدە ئوسمانىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، غەلبە قازاندى ۋە ئۇلاردىن بەزى يەرلەرنى، ئازاۋ شەھىرىنى ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىنى قولغا تارتىۋالدى. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي كۆللىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى. ئاداسسادا قارا دېڭىزدا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن پورت قۇردى. قىرىم يېرىم ئارىلىدا سىۋەستاپال شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىگە مەركەز قىلىۋالدى. شۇنداق ھالدا روسىيە ئوسمانىي دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خەۋپلىك دۈشمەنگە ئايلاندى. روسىيە رۇم ئەمىرلىكىدە يىتەكچى بولۇپ قالدى ۋە ئكزىنى ئوسمانىي دۆلەتتە مەۋجۇت بولغان مەسھىيلىكنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ئىتبار قىلدى. كېيىن، 1884- يىلى تۈركىيەدىن تۈركىستاننى ئاجرىتىۋالدى. كېيىن پۈتۈن كاۋكازنى بېسىۋالدى.
ئىش پەقەت روسىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بەلكى، باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. 1798- يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ناپالىئون مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىگەللىۋالدى. 1799- يىلى فېۋرالدا شام ئۆلكىلىرىنىڭ جەنۇبى ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى ۋە غەززە، يەففا ۋە رىملارنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەككە قەلئەلىرىگىچە باردى. لېكىن، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا مۇۋەپپەق بولمىدى. كېيىن ناپالىئون مىسىرغا، ئۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەگە قايتىپ كەتتى. 1801- يىلىدىكى ھۇجۇمى بولسا مۇۋاپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئوسمانىي دۆلەتكە تەسىر قىلدى ۋە ئۇنى سىلكىتىۋەتتى. ئىسلامىي ئالەمگە باشقا دۆلەتلەرمۇ كەينى- كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، يەرلىرىنى ئىگەللىۋېلىشقا باشلىدى. فىرانسۇزلار 1830- يىلى ئالجىرىيەنى بېسىۋالدى. كېيىن تۇنىسقا يۈرۈش باشلاپ، 1881- يىلى ئۇنى قولغا كىرگۈزدى. 1912- يىلى ماراكەشنى ئىشغال قىلدى. ئىتالىيە 1911- يىلى ترپولى شەھىرىنى ئىگەللىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، شىمالىي ئافرىقىنى بېسىۋالدى. ئۇنى ئىسلام باشقۇرۇشىدىن چىقىرىپ، كۇفرى باشقۇرۇشىغا بويسۇندۇرۇش ۋە مۇستەملىكە قىلىش چېكىگە يەتتى. غەربلىكلەر بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. بەلكى، قالغان يەرلەرنىمۇ ئىگەللىۋېلىشقا باشلىدى. ئەنگىلىيە 1839-يىلى ئەدەننى قولغا كىرگۈزدى. جەنۇبىي يەمەن چىگرالىرىدىن تا ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگىچە سوزۇلغان لەھج ۋە مەھىيياتىسسا يەرلىرىنى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزدى.ئېنگىلىزلار ھىندىستاننى ئىگەللەپ، ئۇنى مۇستەملىكە قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن چىقىرىۋالغان ۋە ئۇلارغا ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدى. چۈنكى، ھىندىستاندا سەلتەنەت ئىگىلىرى مۇسۇلمانلار ئىدى. ئېنگىلىزلار ئۇنى تارتىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى ھەر تەرەپلىمە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلدى. 1882- يىلى ئەنگىلىيە مىسىرنى قولغا كىرگۈزدى. 1898- يىلى بولسا، گوللاندىيە ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئارالنى، ئەنگىلىيە سۇداننى بېسىۋالدى. ئىران ۋە ئافغانىستان ئېنگىلىزلار بىلەن رۇسلار ئارىسىدا قالدى. شۇنداى قىلىپ، غەربلىكلەرنىڭ ئىسلام ئالىمىگە ھۇجۇمى ھەممە جايدا كۈچىيىپ كەتتى. نەتىجىدە، پۈتۈن ئىسلام ئالىمى غەرب ئىستىبدادى ئاستىدا يىقىلىشقا يېقىن كېلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە غەرب كەينى – كەينىدىن غەلبىلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، سەلىب يەنە باشلىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئىسلام ئالەمى غەربنىڭ بۇ باسقۇنچىلىقىنى ياكى ئۇنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چۈشۈپ قالدى. كۆپ جايلاردا غەربكە قارشى ھەرىكەتلەر سادىر بولدى. ئالجىريەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار باش كۆتۈردى. سۇداندا ‹‹ مەھدىيچىلەر›› ھەرىكىتى ئورنىدىن تۇردى. سېنۇسىيدا قوزغىلاڭلار ئەۋج ئالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئالەمى قالاق ۋە ئاجىزلىقىغا قارىماستىن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ھېلىمۇ يۇشۇرۇن قەتئىي كۈچ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بىراق، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى تامامەن مۇۋاپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدى. ئىسلام ئالەمىنى غەرب چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمىدى.
ئىسلام دۇنياسى ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىپ قالالمىدى. غەربمۇ سىياسىي ھەم ساقاپىي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى. غەرب ئىسلام ئالەمىنى كىچىك بۆلەكچىلەرگە پارچىلاش بىلەن توختاپ قالماي، ئوسمانىي دۆلەتنى مۇسۇلمانلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان ئىسلامىي دۆلەت دىگەن ئىتىباردا پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. شۇ مەقسەتتە، ئ.ۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇردى. 1804-يىلىدىن باشلاپ، ئەجنەبىي دۆلەتلەر بالقان يېرىم ئارىلى خەلقىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ تۇردى. تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە قوزغىلاڭ 1878-يىلى ئىستىقلالغا ئېرىشىشى بىلەن يەكۈنلەندى. 1821- يىلىدىن باشلاپ، يۇنانلارنى قوزغىلاڭ قىلىشقا قىزىقتۇردى ۋە 1830-يىلى ئەجنەبىي دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ قوزغىلاڭ يۇنانلار تۈركىيەدىن ئاجرىلىپ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بالقاندىكى باشقا ئۆلكىلەرمۇ قوزغىلاڭغا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىردى. ئىسلامىي دۆلەت سۈپىتىدە ئوسمانىي دۆلەتنىڭ سايىسى بالقاندىن، كرىتتىن، كىپرىدىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ كۆپلەپ ئاراللىرىدىن كۆتۈرۈلدى. غەربلىكلەر بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئاراللىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۈرلۈك ۋەھشىيلىكلەرنى قوللاندى ۋە ئۇلاردىن كۆپلىرىنى ياشاۋاتقان جايلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىرى كاپىرلارنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن ئۆز دىنلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ۋە ئىسلامىي يۇرتلار ۋە ئىسلامىي دۆلەتنىڭ بىر بۆلىكى دىگەن ئىتباردا ئەرەب يۇرتلىرىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ يەرلەردىكى چەركەس، يوشتاق، چىچەن ۋە باشقا خەلقلەر كۇفرى باشىۇرۇشىغا رازى بولمىغان قەھرىمانلاردۇر. ئۇلار ئۆز دىنلىرىنى ئىسلام دىيارىغا ئېلىپ قاچتى.
غەربلىكلەر بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىدى. بەلكى، مەخپىي ۋاستىلىرى بىلەن ئىسلامىي دۆلەت ۋۇجۇدى ئىچىدە تۈرك ۋە ئەربلەر ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. ئەرەبىي ۋە تۈركىي سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ياردەم بەردى. «ياش تۈركىيە پارتىيىسى»، «بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى»، «ئەرەب مۇستەقىللىقى»، «ئەھد» پارتىيەلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھال ئىسلامىي دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلدى. بۇ ئىچكى ۋەقەلەر ۋە تاشقى ھۇجۇملار ئاستىدا، دۆلەتنىڭ ۋۇجۇدى تەمتىرەپ قالدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقىت غەرب سۈرىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان كۇفرى، ئىسلام ئالىمىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋە يەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن پۇرسەت كەلگەنلىكىنى چۈشەندى. ئوسمانىي دۆلەت (ئىتتىپاقچىلارنىڭ غەلبىسى ۋە ئوسمانىي دۆلەتنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاخىرىغا يەتتى) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىردى. ئەلھال ئاقىۋەتتە غەربلىكلەر ئىسلامىي ئالەمنى ئولجا سۈپىتىدە تەقسىم قىلىۋېلىشتى. ئۇنىڭدىن پەقەت «تۈركىيە» دەپ نام بېرىلگەن تۈرك ئۆلكىسىلا قالدى. تۈركىيە 1918- يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ تاكى ئىتتىپاقچىلارغا ئىسلامىي دۆلەتنى يوق قىلشنى تەمىنلەپ بېرىپ، 1921-يىل مۇستەقىل بولغىنىغا قەدەر ئىتتىپاقچىلار قولىدا قالدى.
ھۆرىيەت بىلوگى

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6640
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:06:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 10:49 AM
بۇ يەردە بىر نەرسە  ئېنىق ئايرىلمىغان ، يەنى پەيغەمبى ...

مەن پەيغەمبىرىمىزنى رىمغا ئەسكەر ئەۋەتتى دىمىدىم رۇمغا دىدىم، رۇم -شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنى يەنى سىز دەۋاتقان بىزانتىيە نەق ئۆزى شۇ. يەنە بەزى ماتېرىياللاردا ئۇنى ۋىزانتىيە دەپمۇ قۇيىدىكەن. ئەينى زاماندىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ رۇمغا ئەسكار تارتىشى بەلكى رۇم ھامىيلىقىدىكى شامغا ئەسكەر تارتىشىدۇر. چۈنكى شۇ زاماندا رۇم بىلەن پارسلار بۇ رايۇندىكى ئىككى كۈچلۈك ھاكىميەت بۇلۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان تىىركىشىپ كىلىۋاتقان ئىدى. ئىراق پارسلارنىڭ قولىدا شام( سۈرىيە ) رۇمنىڭ قولىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراقتىكى ئەرەبلەر ئاتەشپەرەس ،شامدىكلىرى خىرىستىئان ئىدى.  سىز پەيغەمبەر ئەلەيسالامنىڭ تەرجىمھالىنى ئۇقۇسىڭىز ، رۇمغا ئەسكەر چىقىرىشنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئىلىپ بېرىلغان بىرقىتىملىق ئۇرۇش ئىكەنلىكنى ،  ئەۋەتىلگەن قۇشۇننىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھالاك بولغانلىقىنى كۆرگەن بۇلاتتىڭىز.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4058
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 1006 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 10:56 AM
ئەپەندىم : مەن قاچان نەدە مەممەت دەپ ئاتاپتىمەن ؟ تولا ...

ئەپەندى بۇ يەردە تولا چالۋاقاپ ئۆز گىپىڭىزنى يورغىلىتپ يۈرمەي ،23-قەۋەتتىكى "ئاللاغا بەندىلەرنىڭ باش ئۇرۇشى كىرەك ئەمەس بۇرادەر ، "دىگەن سۆزىڭىزنى قايتا قايتا ئوقۇپ كۆرۈڭ.ھىچكىم بۇ يەردە سىزگە بەتنام چاپلىغىنى يوق .مەممەت دىگەن ئاتالغۇغا كەلسەك ،سىز باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىن چاپلاپ ئالغان مەزمۇنىڭىز ئىكەن،بۇنىڭغا مەن ناماقۇل.ئەمدى پىرىنسىپ مەسلىسىگە كەلسەك ،ئۆزىڭىز چاپلىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە قۇرئان كەرىمنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققايسىز،ئىشەنچىلىك تەسىر كىتاپلىرىغا مۇراجەت قىلغايسىز ،بۇ يەردە ھىچكىم زوراۋانلىقنى ،رادىكاللىقنى تەرغىب قىلغىنى يوق ،ئىسلامدا مىنىڭ بىلىشىمچە ،مىنىڭ قارىشىمچە دەيدىغان پىسپاس گەپلەر يوق ،پەيغەمبىرىمىز قانداق يول تۇتقان بولسا ،ساھابە كىراملار قانداق ئەگەشكەن بولسا بىزمۇ شۇلارغا ئەگىشىمىز.بۇ يەردە ھىچكىشى كېلىپلا بىر يەر خەلقىنى گۈلدۈر غالاپ ئۆلتۈرۋىتىپ كەتكىنى يوق ،ئاۋال دەۋەت قىلغان ،قارىغاندا غەرىبنىڭ زەھەرلىرى خېلى سىڭگەن ئوخشايدۇ سىزگە.ئىسپانىيە تارىخىنى تەپسىلى ئوقۇپ كۆرەرسىز ،تېمىدىمۇ تىلغا ئېلىندىغۇ مۇسۇلمانلار ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ .7-8 ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن تارىختا ئەلۋەتتە شۇ يەرن خەلقىنىڭ ئىسلامنى ئۆزلىكىدىن قۇبۇل قىلىشىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ ،بولمىسىا ئەندەلۇستا ئۇمەۋىيەلەر ،مۇرابىتلار ،مورلار ھاكىمىيتىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ،يەرلىك خەلىق شۇ ھامان خىرىستىيان ھاكىمىيتىنى تىكلەپ چىققان بولاتتى.ئىسپانىيە خىرىستىيانلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى قانداق يوقاتقانلىقى توغرۈلۇق ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ،رىم پاپاسىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ،نەچچە ئەسىرلىك ئاداۋەتلىشىپ كەلگەن فىرنانىد ۋە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى تاغلىرىدا مەۋجۇتلىقنى ساقلاپ قالغان ئايال پادىشاھ توي قىلىپ ،رەزىل پىلانلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى يوقتىشىنى ئويلىدى،ئالداش بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۇقۇپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.گىرنادا قولدىن كەتكەندىن كېيىنلا ئۇلار نەچچە مىليڭن مۇسۇلماننى قەتلىئام قىلدى ،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى شۇ ئىسپانىيە يەرلىك خەلقى ئىدى.ئىسپانىيە خىرىستىيانلىرى ئۆز خەلقىدىن بولغان ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىغا قاتتىق زۇلۇم قىلدىكى ،بۇ خىل ھالەت نەچچە ئەسىر ساقلاندى،ھەتتا يېقىنقى دەۋىرلەردە پۈتۈن ياۋروپادا ئىسلام دىنى قانۇنلۇق دىن سۈپىتىدە مەيدانغا چىققاندا ،ئىسپانىيە 1962-يىلى ئاندىن ئىسلامنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ،سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ كىم تاجاۋۇزچى ،كىم باسقۇنچى ،كىم زوراۋان؟؟؟.....

ئاخىرىدا يەنە بىر سۇئالىمنى سوراي ،34-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا ئېيتىپىز ،ئەندەلۈسىنىڭ فەتھى قىلىنىشىنى ئاللاھ راۋا كۆرمەپتىمىش ،كىم شۇنداق دەيدۇ؟؟ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئېيتماڭ ،سىز ئاللاھنىڭ راۋا كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىنى بىلمەيسىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4058
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 1006 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay-turk يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 12:01 PM
ئىسلامى ئالەمگە سىياسىي ھوجۇم

ئەندەلۇس (ئىسپانىيە)  ...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ياخشى مەزمۇن چاپلاپسىز...

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4747
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1furkan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 11:57 AM
اﷲ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سۈننىتىدە) ھ ...
  1. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا جىزىيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەناسىنىمۇ ئۇقماي تۇرۇپ نىمەڭگە گەپ تالىشىسەن . جىزىيەدىگەن گەپ ئولتىماتىم دىگەن گەپ ، ئولتىماتىمنى ئۆزتەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئالامدىكەن ؟...   باج باشقاگەپ ،جىزىيە (ئۇلتىماتىم ) باشقا گەپ
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


سەن بېرىپ نىمىنىڭ جىزىيە ، نىمىنىڭ ئۇلتىماتىم ( ئېنگىلىزچە  ultimatum) ئكەنلىكىنى بىلىپ ئاندىن مۇنازىرىلەش بولامدۇ ؟
جىزىيە :
http://en.wikipedia.org/wiki/Jizya
ئۇلتىماتۇم: ئەڭ ئاخىرقىسى 最后通牒
http://en.wikipedia.org/wiki/Ultimatum

سىنىڭ دەۋاتقىنىڭ ئېھتىمال ئولپان بولىشى مۈمكىن .

ئولپان - باج . 2012-04-03_121808.png

http://en.wikipedia.org/wiki/Ulpan



مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4747
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 12:06 PM
مەن پەيغەمبىرىمىزنى رىمغا ئەسكەر ئەۋەتتى دىمىدىم رۇم ...

پەيغەمبەر ( س ئە ۋ )  ۋاپات  بولغاندىن كېيىن ، ئىسلام تېرىتورىيىسى پەقەت  ئەرەپ ئارىلىدىلا بولغان،  ئەلبەتتە رىم، ئىران ۋە  مىسىر قاتارلىق ئىمپېرىيىلەرگىمۇ مەكتۇپ ئەۋەتىپ  ئىسلامغا دەۋەت قىلغان .


سىز دەۋاتقان ئورۇن   شام بولۇشى مۈمكىن .

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش