oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:35 PM
پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئىسلام تې ...
سىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق بىر ماتېرىيالىزىمچى ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايان. ھەر ھالدا پاكىت بىلەن سۆزلەيسىز ، ئەمما پاكىتلىق بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ يەردە پاكىتلارنىڭ دەل كىلىش مەسلىسىمۇ بار. سىزنىڭ پاكىتلىرىڭىز ۋە دەۋاتقانلىرىڭىز مەن بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ گىپىگە ئۇخشىماي قىلىۋاتىدۇ. قاراتمىلىقى يىتەرلىك ئەمەس.
سىز ئىزچىل بەزى مەسىللەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتىسىز. ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەگە كىرىشنى خاتا دىگەن ھالەتتە سىز شۇنىڭغا ئۇخشاش نۇرغۇن قىلمىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز، بۇ جەھەتتە مەن قويغان سۇئاللار سۇئال بۇيىچە قالدى. سىزدە قانداقتۇ ئەرەبلەرگە ئۆچمەنلىك بولسىمۇ ، ئىسلامغا نىسپەتەن ئادىل پۇزىتسىيەدە بۇلۇڭ.
ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەگە كىرىشى بولسۇن ياكى ئۇلارىڭ قۇغلىنىشى بولسۇن، ئۇ بىر تارىخ. تارىخ ئەخلاق پىرىنسىلىرى بۇيىچە ئالغا ئىلگىرلىگەن ئەمەس. تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ قولى بۇيىچە يىزىلۋاتىدۇ. ئىسلام گاھ ئۇ مىللەتتىن گاھ بۇ مىللەتتىن بولغان كۈچلۈك قۇۋىملارنىڭ قۇلى ئارقىلىق كىڭىيىپ ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىتقادى بۇلۇۋاتىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ باتۇر ئاتلىق قۇشۇنى تۇپا توزۇتۇپ شۇنچە زېمىننى ئىگلىمگەن بولسا روسلارنى ئەسىرلەپ باشقۇرغان تاتارلار، ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق ئۆزبەكلەر، سەئىدىيەلەر، ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان مۇغۇللار ئۆز ئەجدادىنى چىڭگىزخانغا تاقىمايتتى. ئىككى ئامرىكا ، ئوكئانىيەلەرنى خىرىستىئانلار ئەمەس مۇسۇلمانلار ئېستىلا قىلغان بولسا ، دۇنيادا ئەڭ ئاقىدىغان تىل بەلكى ئىنگىلىز تىلى بولمايتتى. بىزمۇ بەلكىم مىلادىيە كالىندارىنى ئىشلەتمەيتتۇق. ئەمما رېئاللىق بولسا بىز كۆرۈپ تۇرغاندەك، دەل مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە بۇلىۋاتقان ئىشلار. بۇ ھىچ خاتاسىز تەستىقلاشقا تىگىشلىك ھەقىقەت. شۇڭا سىزنىڭ ئەرەبلەرگە ئىسپانىيەدە نىمە بار دىيىشىڭىز تۇغرا ئەمەس. بۇ ئاق تەنلىكلەرگە ھىندىئانلار ياشاپ كىلىۋاتقان ئامرىكىدا نىمە بار دىگەندەكلا ئىشتە. بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەگە كىرىشىنى تىخىمۇ ھەقلىق دىگەن تۇيغۇدا بۇلىسىز. دىندى خالىي تۇيغۇدا بولسىڭىز ئۇ چاغدا بەلىكم ئۇخشاش دەپ قارىسىڭىز بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-3 10:16 PM