شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 02:22 PM
مۇنداقكەندە ،بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدىغان ئادەملەر قانچلىك ...
مەن بۇ تىمىنى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر تور بەتتە كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغاچقا بۇ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم، گەرچە ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قانچە تىما يوللاپ باققان بولساممۇ بۇ مۇنبەردە تىخى يىڭى ئەزا بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ مۇنبەرنى باشقۇرىدىغانلار ئىسلامچە تىمىلارنى تەستىقلىمامدۇ ئىشقىلىپ بىرەسىمۇ تەستىقلانمىغان ئىدى، شۇڭا بۇ تىمىنى يوللاپ قويۇپلا كارىم بولماپتۇ كىم بىلسۇن تەستىقلىنىپ يۇ 2 بەت ئىنكاس يىزىلىپ كىتىپتۇ. شۇڭا ئىنكاسىڭىزغا ئەمدى جاۋاب يىزىشىم، توغرا چۈشىنىڭ.
سىز شۇنداق دەيسىز قىرىندىشىم ئاياللار مەسىلىسىدە ئاياللارنى سۆكۈپ باشقىلارنى ئاياللارغا ئۆچ قىلىپ قويۇپ دەپ، كاشكى بىلسىڭىز يەر يۈزىدە ھىچقانداق تۈزۈم ئاياللارغا ئىسلامدەك كەڭچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى، قانداق دىسىڭىز ئىسلامدا ئاياللارنى ئەڭ ئاسان يول بىلەن جەننەتكە كىرىۋال دىسە ئۇلار ئەڭ قىيىن يول بىلەن دوزاققا كىرىدۇ، بۇنىڭ مىسالى شۇكى ئايال كىشى ياتلىق بولغىنىدىن كىيىن ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ 5 ۋاخ نامىزىنى ئوقۇپ يىلدا بىر ئاي روزىسىنى تۇتۇپ پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەربىيەتلا قىلسا جەننەتنىڭ قايسى ئىشىگىدىن كىرىۋالسا رۇخسەت ئىدى. ھەرگىزمۇ ئۇلارغا نامازنى مەسجىددە ئوقۇيسە، سىرتلاغا چىقىپ ئەمىر-مەئرۇپ قىلىسە، ئىشلەپ پۇل تىپىپ ئائىلەڭدىكىلەرنى باقىسە، جىھاد قىلىسە دىگەندەك تەلەپلەر يوق ئىدى، ئەكسىچە ئايال كىشىنىڭ مەسجىددە ئوقۇغان نامىزىدىن بەكىرەك ئويدە ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەل، ئايال كىشىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يىقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆيدە ئولتۇرغان ۋاقتى، ئايال كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارقىلىق ھەتتا جىھادنىڭ ساۋابىنى ئالىدىغانلىقىنى دىنىمىز كۆرسەتكەن.
ئەمدى بىز ئويلۇنۇپ باقساق مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق زادى ئايال كىشىنىڭ نىمىسىگە نىمە يەتمەيدۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى ئايال كىشىگە يىتىپ ئاشمامدۇ؟ ئەمدى قىرىندىشىم سىز ئويلىنىپ بىقىڭ ئايال كىشىنى كىم كىمگە ئۆچ قىپ قويۇپتۇ؟