شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:46 AM
تەربىيە كۆرگەن يىگىتمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ ،ئايالىنى ئۆز ...
ھە، ئەلۋەتتە ئىسلام ئەرلىرى ئايالىنىڭ پۈتۈن ھەققىنى ئاداقىلماي تۇرۇپ (يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك، شۇنداقلا ھەرقانداق جەھەتتىكى ماددى مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرماي تۇرۇپ) سىرتلاردا يۈرمەيدۇ، قانداقتۇر ئايالى زەي ئۆيدە ئولتۇرسا ئۆزى باراۋەتتىن كىلەلمەيدىغان ئىش يوق. ئەمدى ھىلىقى «ئىرى بىلەن سىرتلاغا چىقىپ ھاۋا يىيىش» مەسىلىسىگە كەلسەك سىز سىرتتىن ھاۋا يىيىش ئەمەس دەرىزىڭىزدىن بىردەم سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپ بىقىڭە بۇ سۆيۈملۈك جەمىيەت سىزگە نىمىلەرنى كۆرسەتمەيدىكىن، دىمىسەممۇ بىلىسىز ئىسلام ئەرلىرى غورورىنى ئىت يىگەن دەيۈز سۈپەت ئەرلەردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. يەنى ئۇلار ئۆز ئاياللىرىنى يامان ئىش-ھەرىكەت، يامان گەپ-سۆزلەردىن يىراق قىلىشقا تىرىشىدۇ، ھەتتاكى ئايالىنىڭ سىرتتىن بىر ئىغىز غەيۋەت گەپنى ئائىلىسىگە ئەكىرىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاخىرەتتە ئايالىنىڭ دوزاخقا كىرىشىنى خالىمايدۇ. مەيلى ئايالى بۇنى چۈشەنسۇن چۈشەنمىسۇن ئۇنىڭ(ئايالىنىڭ) جەھەننەمگە ئوتۇن بوپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ئىسلام ئەرلىرى مانا مۇشۇنداق چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەر.