‹‹ ھېكمەت قايسى ئەلدە بولسا ھېكمەتتۇر ، گۆھەر قايسى تاغدا بولسا گۆھەردۇر ›› .
بىر قىسىم تورداشلار ئارىسىدا سوغۇق مۇنازىرە بولغان كونا تېمىنى نېمىشقا ئاۋارە بولۇپ
يوللىغانسىز ؟ يەھۇدىيلارنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق .
كىشىلەر باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى كىچىككىنە تېرە كېسەللىكىگە سەپسالدۇكى ـ
ئۆزىدىكى ئېغىر كېسەلنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ . بىز باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى
ئۈستىدىن تەھلىل قىلغۇچە ، ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلانغانلىقىمىز تۈزۈك !
ئۇلارنىڭ تېرىشچانلىقىغائىجادچانلىق ، ئىتتىپاقلىق ، مىللىتىنى ، ئىلىم ـ
پەننى سۆيۈش روھىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹ مەي ئىچمەڭلار ! زىناغا يېقىنلاشماڭلار ! ھەر
ئىككىسىدىن بەخىت قاچىدۇ ›› دەپ يازغان ئىدى . ئەمما ، بۇنىڭلىق
بىلەن ئۇيغۇرلار ھاراق ئىچمەيدىغان بولدىمۇ ؟ تېخى تويلىرىمىز
شاراپسىز ئۆتمەس بولدى .
بولدى ! سۆزلىسەك گەپ جىق ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 06:25 PM