qay يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:13 AM
ئاللانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈگۈنۈشنىڭ ھاجىتى ...
‹‹ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىزدىمۇ بار ›› بۇنى قانداق چۈشنىش كېرەك ؟ ئۇنداقتا
بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئورتاقلىق بار دېگەن قاراش شەكىللىنىشى مۇمكىن .
مۇنداق دېسەم بىر قىسىم چۈشكۈن كىشىلەر : ‹‹ خۇدايىم يەھۇدىيلارغا بەرگەن ئەقىل
پاراسەتنى باشقىلارغا بەرمىگەن ›› دېگەن گەپنى قېلىشى تۇرغان گەپ ؟
ئەمسە : ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى ، مۇتەپپەككۈرى ، ئىسلاھاتچى ، مەرىپەتپەرۋەر
ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ << ھېچقانداق ئىشنىڭ ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقشىنى ئاللاھ
ئادەت قىلمىغاندۇر ھەر قانداق ئىشنىڭ تېرىشچانلىق ، ئىجتىھات بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ >>
<< ئىنساننىڭ تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر >> دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىسپاتتۇر!>>
دېگىنى قۇرۇق گەپكەندە ؟ ئۇلار تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشتى دەپ قارايمەن .
ئۆتكەندە بىر قوشنام بىلەن مۇڭدىشىپ قالدىم ، ‹‹ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ، خۇدايىم
بىزنىڭ بۇ دۇنيالىقىمىزنى بەرمىگەن ، ئۇ دۇنيالىقىمىزنى بەرگەن ›› دەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە جۇمە نامزىغا بارغىننى بىلمەيمەن ، ئىچىپ _ چىكىپ يۈرىيدۇ .
ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىلكىدە ، يەھۇدى بىلەن ئەرەب تۇقۇنىشىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە
خۇدا ئەرەبلەرگە يەر ئاستى نىفىت بايلىقىنى كۆپلەپ بەردى .
تەييارتاپلىق قىلسۇن ، ئەيىش ئىشرەتتە ياشىسۇن ، كۆپلەپ خۇتۇن ئالسۇن ،
كىنىزەكلەرنى قۇل قىلسۇن دەپ بەرمىدى . قېىنداشلىرىنى يۆلىسۇن ، ئۆز قوۋمنى
تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۈكسەلدۈرسۈن دەپ بەردى .
كۆپىنچە داڭلىق ئۈنۋىرسىتىتلار يەنىلا غەرىب دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلدى .
يەھۇدى مىنىڭ مەھەللەمگە كىلىپ جالاپخانا ، قاۋاقخانا ، قىمارخانا
ئاچمىدى ، يەيدىغان نېنىمنى ، زىمنىمنى تارتىۋالمىدى . شۇڭا ئۇلارنى ئانچە
ئۆچ كۆرۈپ كەتمەيمەن .
سىزنى ئۆگىنىڭ ! ئۆگەنمەڭ ! دەپ يوللىمىدىم . خالىسىڭىز ئۆيدىن
چىقماي << قۇرئان >> ئۇقۇڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 03:44 PM