سەن سالغان شۇ ئۆچمەس پىراقلا،
يوقالسۇنچۇ ئەمدى يىراققا.
بەكمۇ ئازكەن تارىختىن بۇيان،
چىن ۋىسالغا يەتكەن ئاشىقلا.
ئۇنتىدىڭمۇ يارىم سەن مىنى،
بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلەر قېنى.
شۇنچە تاشمۇ باغرىڭ سېنىڭكى،
ھىجرانىڭدا قويدۇڭغۇ مىنى.
يايرىم ئەمدى بەخىتكە ئاتلان،
كۈندە كۈلگىن مەنىلىك شاتلان.
كىرەممىسۇن قەلبىڭگە سەيتان،
نا پاكلىقتىن ئەمدى سەن پاكلان.
كۈنلىرىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز،
ساڭا تىكىلگەن ھەر تەرەپتە كۆز.
ئىمانىڭدىن ھەرگىز چەتنىمە،
قىيامەدتە تۆكۈلمىسۇن يۈز.
مۇسلىنەگە:_
قويغان ئىسمىڭىز ئىكەن مۇسلىنە،
بەلكىم دۇرسىز ياخشى مۇسلىمە.
ئۈمۈت قىلىمەن شۇنداق بولسا دەپ،
شۇنداق بولسا ھەممە خۇرسىنە.
ھەي مۇسلىنە ياخشى مۇسلىمە،
بىزگە قاراپ تاتلىق بىر كۈلىڭە.
بىرگە كۈلۈپ ئىناق ئۈتەيلى،
مىسرانىمدا بىز قېنى يۈرىڭە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 02:02 AM