ۋۇي ، ۋۇي ، مۇشائىرىنىڭ ئاخىرى ئېيتىشىش بوپ كېتىپغۇ ، مۇشائىرىنىڭ ھۆرمىتى ، مەن بىشىدىن بىر باشلاپ باقاي ھە
مەن مۇڭلىنىپ ئېيتقان شۇ ناخشا.
سىڭىپ كەتتى تۈننىڭ قوينىغا ،
خىلۋەتتىكى ئەي گۈزەل قىزچاق،
سىرلىرىڭنى سۆزلەپ بەر ئايغا..
خىلۋەتلەردە يۇرىدۇ بىر قىز ،
يۇشۇرغاندەك يالغۇزلىقىنى،
كەچمىشىنى دەرەخ ئاڭلىدى،
ئۇ ئىزلىگەچ چىن ۋاپادارىنى.
خىلۋەتلەردە يۇرىدۇ بىر قىز،
يادلاپ تۇرۇپ بىرلا ئىسىمنى،
بەزەن چىھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم،
ئەسكە ئالغاچ خۇشھال كۈنلەرنى.
تۇيۇقسىز ئاسماننى بۇلۇتلار قاپلاپ،
زىمىن كۆمۈلدى سانسىز تامچىغا،
يامغۇرلار چۇشكەچ تەنگە شەپىسىز،
قىز ئايلاندى سۈكۈت ئىلكىدە بىرتال گىياھقا.
قاملاشمىسىمۇ مۇشۇنچىلىك جۇر بولدوم ، قېنى داۋامىنى كىم داۋاملاشتۇراركىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 05:32 AM