مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: aysultan2010

خوتەندىن باشقا جايلىرىدا ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن كەسپ-گىلەمچىلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17902
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6151
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:22:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى تولۇق يوللىغان. ئاخىرىنىڭ نىمىشقا كۆرۈنمىگىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم. كەچۈرگەيسىزلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17902
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6151
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:27:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارىمىزنىڭ خوتەندىن باشقا جايلىرىدا ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن كەسپ-گىلەمچىلىك
80-يىللارنىڭ باشلىرى مەھەللىمىزدىكى بىر ئائىلىگە باشقا بىر مەھەللىدىن بىر قىز يېڭى كېلىن بولۇپ كەلدى. بۇ يېڭى كېلىن ئەسلى گېلەم توقۇيدىغان ھۈنەرۋەن قىز بولۇپ بۇ ھۈنىرىنى مەھەللىمىزگىمۇ ئېلىپ كەلدى.  بۇ كېلىننىڭ ئۆيىدە گېلەم توقۇۋاتقىنىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئاستا ئاستا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇمىغان قىزلىرىنى شاگىرتلىققا بېرىپ توقۇشنى ئۈگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيلىرىدە دۇكان قۇرۇپ ئۆيىدە توقۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىمىزدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان گېلەم توقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا قۇچىقىدا بوۋىقى بار ياش چوكانلارمۇ بالىسى ئۇخلىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تاماق ئەتكەن، ئائىلىنىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا بۇ ئىشنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
بۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ئاناممۇ ئاچام ئىككىمىزنى بۇ ھۈنەرنى ئۈگىنىشكە شاگىرلىققا بەردى. ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا مەن 11 ياشلاردا، ئاچام 13 ياشلاردا ئىدى. ئاچام ئىككىلىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان بولغاچقا بىز پەقەت قىشلىق تەتىلدىلا ئۈگىنەلەيتتۇق. شۇنداق قىلىپ گېلەم توقۇشنى 2 قىشلىق تەتىل ئۈگەندۇق. ئاندىن مەن تولۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە ئانام بىزگە ئۆيدە دۇكان قۇرۇپ گېلەم باشلاپ بەردى.(بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا قىشلىق تەتىل قىسقا گېلەمنى توقۇپ پۈتتۈرۈپ بوللالمايدۇ دەپ يازلىق تەتىلدە باشلاپ بېرەتتى). مۇشۇ بويىچە ئاچام ئىككىمىز تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ماڭغىچە ھەر يازلىق تەتىلدە بىردىن گېلەم توقۇدۇق.
ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇش، ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت قىلىش، ئائىلە قۇرۇپ بالىمىزنى بېقىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن بۇ ھۈنەرنى قايتا قولغا ئالىدىغان پۇرسەت بولمىدى. مەن ئالى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن بىر گېلەم توقۇپ ئېشىپ قالغان يىپلارنى قوشقاندا ئۆيىمىزدە يەنە بىر گېلەم پۈتكۈدەك يۇڭ يىپ بار ئىدى، ئانام بۇ يىپنى باشقىلارغا بېرىۋېتمەي ياكى سېتىۋىتمەي بىزنى يەنە بىر كۈنلەردە توقۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئوي بىلەن ھەر يىلى ئاپتاپقا سېلىپ، ئارىسىغا كۈيە دورىسى سېلىپ 20 يىل ساقلىدى.
مانا توپتوغرا 20 يىل بولغان بۇ يىلدا ئاچام ئىككىمىز ئاخشىمى ۋە شەنبە يەكشەنبە ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ قانداقلا بولمىسۇن بۇ گېلەمنى توقۇۋېتىشنى قارار قىلدۇق. ھەم گېلەم توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىنتايىن پۇختا ئېگىرىلگەن پاختا  يىپ ۋە يۇڭ يىپنى بوياشقا ئىشلىتىدىغان رەڭ نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقتۇق. ئەپسۇس شەھرىمىزدىكى چوڭ كىچىك بازارلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپمۇ ئۆزىمىزگە لازىملىق بۇ نەرسىلەرنى تاپالمىدۇق. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن بۇ نەرسىلەر توردا بولسا توردىن سېتىۋالاي دەپ تاۋباۋ تورى قاتارلىق تور بەتلەردىن نەچچە سائەت ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەرنى خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تونۇشىمىز ئارقىلىق شۇ يەردىن ئەكەلتۈرمەكچى بولدۇق.
مەن بىزگە لازىملىق ئاشۇ نەرسىنى تاپالمىغان شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئويلايمەن، قىز ئاياللارنىڭ شوغۇللىنىشغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، ۋاقىت، ئورۇن تاللىمايدىغان ، پاكىزە ھەم ئەھمىيەتلىك بۇ كەسپ مۇشۇنداقلا ئۇنتۇلۇپ كېتەرمۇ ؟

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17902
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6151
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:34:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل ناملىق تورداشقا:
ئىنكاسىڭىزنى نەقىل قىلىپ ئېلىشنى قاملاشتۇرالمىدىم.  بىز توقۇشتىن ۋاز كەچمىدۇق ،ئەكسىچە  ئاشۇ بۇياققىلا قاراشلىق بولۇپ قالدۇق. شۇ بۇياق كەلسىلا يىپنى بوياپ توقۇشنى باشلايمىز.  گېلەم پۈتكەندە توقۇش جەريانىدىكى تەسىراتنى ئايرىم تېما قىلىپ يەنە يوللايمەن تېخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:50:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماننىڭ مودا بالىلىرى ئۆيىنى شەرقچە ،غەربچە بېزەيدىغان بولۇپ كەتتى ،گىلەم سېلىشنى خالىمايدۇ ئۆيلىرىگە،مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ھەممىلا يېرىگە گىلەم سېلىقلىقتى،بەزىلەر تېخى ،ۋوي ،نېمە بۇلار ،مەسچىتتەك دەيدۇ................

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 05:34:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىلەم توغۇرلۇق گەپ بوپ قاپتۇ،مەن تىمىغا مۇناسىۋەتلىكىرەك گەپنى سىلەردىن سۇراپ باقسام،ئادەتتە بەزى كىشىلەر گىلەمنى يەرگە سالسا بولىدۇ،تامغا گىلەم ئاسسا يامان بولىدۇ دەيدىكەن،سىلەرچە بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ ياكى بۇ بىر پەتىۋامۇ؟

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11543
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8642 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 07:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ قىزدەك مەھەلمىزدە  گىلەمچىلكىنى  ئۈگەنگەن، ئۇستامىنڭ قىشغا مەكتەپتىن كىلپ چۇشتىن كىيىن تەتىل كۇنىللرى باراتتىم.  كيىن دۇككان ئايىرىپ چىقپ  ئۆيدە بەش  پارچە گىلەم توقۇپ
ياتىلق  بولۇپ كەتتم،ھازىرمۇ پۇرسەت  بولسا  يەنە ئاشۇ  ھۆنرىمىنى  قىلسام  دەيمەن،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 07:23 PM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17902
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6151
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردە نەقىلنى قانداق ئالىدۇ؟ مەن نەقىل دىگەن گەپنى نىمىشقا تاپالمايمەن؟ تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس يازاي دىسەم ھىچ ئەپلەشمەيدىغۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17902
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6151
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلبار5 ناملىق تورداشقا:
سىزمۇ قايتا قولىڭىزغا ئالسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ كۈندۈزى 8 سائەت مۇقىم خىزمەت قىلىمەن. يەنە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالاممۇ بار.  كەچلىرى بالامنىڭ تاپشۇرۇقى تۈگىگەندىن كېيىن، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بىكار بولۇپ قالىدىكەنمەن دەپ بىنادىكى ئۆيۈمگە دۇكان قۇرۇپ  توقۇماقچى بولۇۋاتىمەن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 05:34 PM
گىلەم توغۇرلۇق گەپ بوپ قاپتۇ،مەن تىمىغا مۇناسىۋەتلىكى ...

ئىنقلا  پەتۋاغۇ ؟ گىلەمىنى ئاسامدۇ يەرگە  سالامدۇ  يا  قاتلاپ  قويامدۇ ئىگسىنىڭ ئىشى ..بىراق  گىلەمىنى ئېسىش بەكلا  ئاۋارچلىق .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش