سىزنىڭ خىزمەتچى تۇرۇپمۇ يەنىلا گىلەم تۇقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىز مىنى بەكلا تەسىرلەندۇردى، غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن ئۇقۇيمەن.....................
مىنىڭ دادام خوتەن گىلىمى ئۇچۈن ئۆزىنىڭ قان تەرىنى سىڭدۇرگەن، ئۇنىڭ يىتىشتۇرگەن شاگىرتلىرى خوتەن ۋە باشقا يۇرتلاردا گىلەمچىلىك كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن تېرىشىۋاتىدۇ بەلكىم........... بۇرۇنلاردا گىلەمنى ئەر- ئاياللار تۇقۇيتتى، ھازىر بولسا ئەرلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان، ئاياللار بولسا بىر ئىككىسى بىرلىشىپ گىلەم تۇقۇيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ گىلەم تۇقۇپ قىلغان كىرىمى ئومۇمى قىلغان كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ دىسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئەگەر سىز مىللىتىڭىزنى سۆيسىڭىز، يېزا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىراي دىسىڭىز شۇنچە ھەشەم قىلىپ ئۆيىڭىزنى غەرىپچە بىزىمەي ئۆيىڭىزگە گىلەم سېلىڭ...... گىلەم باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئوتتا كۇيۇپ كەتمىسە، ئوغۇرلانمىسا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا تەۋەرۇك بۇلۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AgRaNoM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 02:24 PM