nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:02 AM
ھۆي ئۇكام قورقمىسا ھۇجۇم قىلا ئۇ ئامىركا ئاكاڭ ئامىرك ...
مېدال كېرەك بولسا سىزدىن ئايلانسۇن ئېلىڭ، سىزدىن ئايلانسۇن. ئەمما مۇنازىرىدە ئۇنداق ئۇششۇقلۇق قىلماڭ. ئۆزىڭىز دېگەندەك بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىكىن بىزمۇ ئۆز كۆز-قارىشىمىز بويىچە كىمنىڭكىنى توغرا دەپ قارىساق شۇنىڭ تەرەپتە بولىمىز ۋە ئىنكاس يازىمىز. بۇ تەبىئىي ئەھۋال.سىزدە بار ھوقۇق بىزدىمۇ باردە . لېكىن تېما ئىگىسى سەۋرچانلىق بىلەن سىز بىلەن مۇنازىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، لېكىن سىز بىرمۇنچە ئوشۇق كايىپ كېتىپسىزغۇ؟ ئۇنچىۋالا ئۇششۇقلۇق قىلماڭ. پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز مۇنبەر سىز ئۈچۈن داۋاملىق ھەقسىز خىزمەتتە. ھېچكىم ئاغزىڭىزنى تۇتۇۋالغىنى يوققۇ؟! تېخى گەپ تاپالماي خەققە بىكاردىن بىكار ئۈسسۈمەڭ. بولامدۇ قېرىندىشىم؟ مۇنازىرە توغرىسدا بىزگە تەلىم بەرگىچە ئۆزىڭىز ئاۋال شۇ تەلىملەر ماددىسىدىن ئازراق ھەزىم قىلىۋىلىڭ. ئاندىن باشقىلارغا سەۋەپسىز بىرمۇنچە كايىمايدىغان بولىسىز. سەۋەپسىز ئارتۇقچە كايىش سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق.
ئۇنتۇماڭ: سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز كۆز-قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار، سىزنىڭكىنى توغرا دېگەن بولساق، ئاندىن مۇنداق كايىمايتىڭىزغۇ دەيمەن. سىزنىڭ سەۋەپسىز بۇنچە كايىپ كەتكىنىڭىزگە قارىغاندا سىز بۇ مۇنازىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قاپسىزدە؟ بوپتۇ. ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ سىزگە ئارتۇقچە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمىسۇن. گەپ دېگەننى گېپىم بار دەپ دەۋەرسە بولمايدۇ، ئېغىز دېگەن باشقىلاردىمۇ بار، باشقىلارمۇ دېيەلەيدۇ، لېكىن قايىل قىلارلىق گەپ بولسا ھەممىمىز قوبۇل قىلىمىز، ئالقىشلايمىز. سىزنىڭ مەن يېڭى سەن كونا دېگەندەك ئاقماس پاراڭلار بىلەن مۇنبەر مۇنازىرىسىدە باشقا قېرىنداشلىرىڭىزغا سەۋەپسىز ھۇجۇم قىلىشتەك ناچار، چىدىماسنىڭ ئۇسۇلنى بۇنىڭدىن كىيىن قەتئىي قوللانماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇنبەر ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مۇنبىرى، ھەممىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان ئوخشاش بىر ئىنسان.