nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:13 PM
ئامىركىنىڭ چاششىيەن ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نىيى ...
50-يىللاردا بىرلىككە كەلتۈرەي دېۋىدى، ساپال-كوزا دۆلىتى بىلەن ئېيىق دۆلىتى يول قويمىدى، ساپال دۆلىتى مىليون ئادىمىنى قۇربان قىلىپ بۆلۈپ تاشلىدى، ئامېرىكا ئادەم كۆپ ئۆلۈپ كەتسە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش قىلىش پۇرسىتى بولماي كەلدى، ھازىر ئۇرۇش قىلاي دېسە، جەنۇبىي كورىيەگە چىقىم بەك ئېغىر بوپ كېتىدۇ، چۈنكى بەك تەرەققىي قىلغان.
لېكىن شىمالنىڭ ھېچنىمىسى يوق قەلەندەر، ئامېرىكا بومبا ئاتسا ئەسكى تاملىقلىرى ۋەيران بولىدۇ.
تىنچ بىرلىككە كەلسە ياخشى ياكى شىمالىي كورىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ ئىسيان كۆتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.