مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Naprat2009

شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 10:42 AM
چاۋشىيەندىكى مەسلە يالغۇز كىم جەمەتى مەسلىسىلا ئەمەس ...

ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ چىقىپ كىتىشىگە قوشۇلمىغىنى كورىيەلىكلەرنىڭ بىرلىككە كىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ بۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق چاۋشىيەنگە ھاقارەت قىلغانلىق توۋا ھەربى كۈچى دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 نىڭ بىرىگە كىرگەن كورىيەنىڭ ئامىرىكىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالغىنىدىن ھەيرانمەن  ئامىركا بىلەن كورىيە تۈزگەن كىلىشىمدە ئۇرۇش ۋاقتىدىكى قوماندانلىق ھوقۇقى ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ قولىدا بولىدۇ كورىيە ئارمىيىسى ئامىركا قوماندانلىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇرۇش قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 07:56 PM
بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغىنى ئامېرىكا ئارمىي ...

ئەمىسە چاۋشىيەن ئارىلىنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نىيەت باغلىغان دۆلەت ئامىركا ئىكەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6640
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 10:12 PM
ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ چىقىپ كىتىشىگە قوشۇلمىغىنى كور ...

بۇ كورىيەنىڭ بىرلىككە كىلشنى خالمىغانلىقى ئەمەس، ھەم چاۋشىيەنگە قىلغان ھاقارەتمۇ ئەمەس سىزنىڭ مەنتىقىڭىزدىن ھەيران بولدۇم، ئەلۋەتتە بۇ يەردە مەيلى كورىيە بولسۇن، مەيلى چاۋشىيەن بولسۇن بىرلىككە كىلىشى خالايدۇ. ئەمما گەپ كىمنىڭ كىمنى قۇشۇۋىلىشىدا. ئەينى چاغدا گىرمانىيە بىرلىككە كەلگەندە غەربىي گىرمانىيە شەرقى گىرمانىيەنى قۇشۇۋالغان. چاۋشىيەن - كورىيە مەسلىسىدە كورىيەمۇ ئۆز ئالدىغا چوت سۇقۇپ چاۋشىيەننى قۇشۇۋالماقچى، چاۋشىيەنمۇ كورىيەنى ئازاد قىلىپ پۈتكۈل يېرىم ئارال خەلقىنى سۇتسىيالىزىمدىن بەھىرلەندۇرمەكچى.  شۇنداق بولغانىكەن ئىككىسىدىن بىرى رەڭ ئۆزگەرتىپ، ئەسلى تۈزۈمدىن ۋاز كىچەلىسە ئاندىن بىرلىككە كىلىدۇ. ئامرىكا قۇشۇنلىرى كورىيەنى قۇغداپ بەرسە ئۇلار غەم قىلماي تەرەققى قىلىۋىرىدۇ. ئەگەر دۆلەت مۇداپىئەسىگە زور تۈركۈمدە مەبلەغ سەرپ قىلسا، دۆلەت خەزىنىسىدە باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكۈدەك پۇلمۇ بولماي قالىدۇ. چاۋشىيەن بولسا دەل ھەربى ھازىرلىقلار ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىپ يېنى قۇرۇقدىلىپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقى ئاچ قىلىپ، باشقىلارنىڭ سەدىقىسگە قاراپ قالدى. چاۋشىيەن سوۋىتنىڭ يولىدىن ماڭدى. دەۋىر بىلەن تەڭ ماڭالمىغان كىم جەمەتى ھاكىميىتىنىڭ غۇلاپ چۈشىشى ئىنىق، ئەمما قانداق شەكىلدە ، قاچان غۇلاپ چۈششىنى ھىچ بىر ئىنسان بىلمەيدۇ.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(3)
ياردەم ئاشلىقىنى كىملەر يېيەلەيدۇ؟
گەرچە نەچچە يۈز مىڭ توننا ئاشلىق كەمچىل بولۇش نورمال دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولسىمۇ، ئەمما باشتىن-ئاخىر ئاستا خاراكتېرلىك ئاچارچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان شىمالىي كورىيە خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېھتىمال ھايات-ماماتلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. شىمالىي كورىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدا، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشلىق يېيىش پۇرسىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم ئاشلىقىنى يېيىشمۇ ھەم شۇنداق. ئاشلىق زەنجىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەردە باشتىن-ئاخىر ئاشلىق كەمچىل بولۇپ، بۇ خەلقئارا جامائەتنى قىينىغان چوڭ بىر مەسىلە. ئېھتىمال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئەكسىچە ياردەم ئاشلىقىنى يېيەلمەسلىكى مۇمكىن.
جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتى «كۈندىلىك شىمالىي كورىيە» نىڭ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە:«ئاشلىق ياردىمى؟ ئاممىنىڭ ياردەم ئاشلىقىغا قاراپ بېقىش ئۈلۈشىمۇ يوق» دېگەن. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئاشلىق ياردىمىغا قاتتىق نازارەت قىلىش تەلىپىنى قويدى. ئاشلىق ياردىمى بېرىش ئوبېيكتىمۇ 5-7 ياشتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلار بولۇپ، ئىگىلىنىشچە گۈرۈچ بىلەن بىلەن دادۇرنىڭ ئارىلاشما يېمەكلىكى، ئۆسۈملۈك مېيى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان بالىلارغا ئىشلىتىدىغان قۇۋۋەت يېمەكلىكى قاتارلىق ئەشيالارنى ياردەم قىلىدىكەن.
ئەمما يېقىندا جەنۇبىي كورىيەگە كىرگەن خامگيوڭ بۇكدولۇق شىمالىي كورىيە قاچقۇن ئەمەلدارى پۇقرالارمۇ يېمەكلىك ئالالايدۇ دەپ قارىمىغان. بۇ قاچقۇن ئەمەلدار:«2008-يىلى 10 مىڭ توننىلىق پاراخوت گۈرۈچ، كۆممەقوناق بېسىپ چوڭجىن پورتىغا كىردى، ئەمما ھەربىي ئاشلىق بولۇپ كەتتى» دېگەن. شۇڭا شىمالىي كورىيە ئاممىسى گەرچە «گۈرۈچ بېسىلغان ئامېرىكا پاراخوتى پورتقا كىردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما (تەقسىم قىلىپ بەرمىگەچكە) پاراخوتقا دىققەت قىلىپ كەتمىگەن.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەر پاراخوت چوڭجىن پورتىغا كىرسە، ئەڭ ئالدى بىلەن يۈكنى پويىزغا باسىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر ئەمەلىيەتتە فورمىسىنى ئالماشتۇرغان خۋاڭخى دو ۋىلايىتى( ئىككىنچى پولك)، كاڭۋون دو ۋىلايىتى (5-پولك) ئوفىتسېرلىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كادىرلارنىڭ ئەشيالارنى ئوغرىلاش قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.
2011-يىلى 4-ئايدا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئالاقىدار تەشكىلاتى 500 نەپەر شىمالىي كورىيە قاچقۇنىغا سوئال قەغىزى ئىشلەتكۈزۈش ئارقىلىق تەكشۈرۈش قىلغان، پەقەت 1 ئادەم ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم ئاشلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، پەقەت 10 ئادەم ئاجىز قاتلامدىكى بالىلارغا تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوئال قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، ياردەم ئەشيالىرىغا ئېرىشكەنلىرى ئارمىيە (%73.6)، پارتىيە، ھەربىي قىسىم (%69)، ھاكىمىيەت ئورگىنى (%48.8) قاتارلىق ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلار بولغان.
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا:«جەنۇبىي كورىيە ياردەم قىلغان گۈرۈچلەرنىڭ كۆپ قىسىمى شىمالىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاشلىقى قىلىنغان» لىقىنى بېكىتكەن ئىدى. كومىتېت شىمالىي كورىيەگە بېرىلگەن ياردەم ئاشلىقىنىڭ %90 ياكى بۇنىڭدىن يۇقىرىسىنىڭ ئۇرۇش زاپاس ئاشلىقى قىلىنغانلىقى ياكى ھەر قايسى قىسىملارغا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. باشقا %10 ياردەم ئاشلىقى تەرتىپ بويىچە ھەربىي ھازىرلىق ئىقتىسادىغا تەۋە ئىككىنچى ئىقتىساد كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى ئورگان، كارخانا ۋە پارتىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىغا تەقسىم قىلىنغان.
نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جۇ ئېنلەي ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن پراففىسورى ما دېيوڭ (马得勇) تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئوخشاش ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارى ئەڭ ئاز ئېھتىياج مىقدارىغا يەتكەندىمۇ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاز ئېھتىياجغا باراۋەر ئاشلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. چۈنكى شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق تەقسىملەش مېخانىزىمىدا ئالدى بىلەن تەقسىم قىلىش تەرتىپى بار ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، شىمالىي كورىيەگە ياردەم بەرگۈچى كوللىكتىپ «ياخشى دوستلار» گۇرۇھىنىڭ تەكىتلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئاشلىقنى 4 دەرىجىگە بۆلۈپ تەقسىملەيدىكەن: پارتىيە مەركىزى ئورگىنى، ھەر قايسى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى خادىملىرى ۋە پيوڭياڭنىڭ مەركىزى رايونىدا تۇرىدىغان ئامما بىرىنچى ئورۇندا، ئارمىيە ۋە ئارمىيەگە ئالاقىدار خادىملار ئىككىنچى ئورۇندا، ئالاھىدە كارخانا (چوڭ كارخانا) خادىملىرى ئۈچىنچى ئورۇندا، ئادەتتىكى ئامما تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
«ياخشى دوستلار» گۇرۇھى بىرىنچى ئورۇندا 1 مىليون ئادەم (ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %4 نى ئىگەللەيدۇ)، ئىككىنچى ئورۇندىكىلەر تەخمىنەن 1 مىليون 50 مىڭ ئادەم (ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6 نى ئىگەللەيدۇ)، ئۈچىنچى ئورۇندىكىلەر تەخمىنەن 4 مىليون (%20 نى ئىگەللەيدۇ)، تۆتىنچى ئورۇندىكىلەر 6 مىليون (%30 نى ئىگەللەيدۇ) ئادەم ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە تەقسىملەش تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدىغان دېھقانلار قاتلىمىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون (%40 نى ئىگەللەيدۇ).
ما دېيوڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بىرىنچى، ئىككىنچى ئورۇندىكى نوپۇس مەركىزىي قاتلام بولۇپ، ھەر قانداق چاغدا شەرتسىز ھالدا ئاشلىق تەمىنلىنىدۇ، شۇڭا چەتئەلنىڭ ياردىمى بولۇش بولماسلىقى ئۇلارغا تەسىر قىلمايدۇ. ئەمما، ب د ت نىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندۈلۈك نورمال ئېھتىياج مىقدارى ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قاتلام كىشىلىرىدە يەنىلا كەمچىل. شۇڭا چەتئەل ياردەم ئاشلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئېھتىمال بۇ قاتلامغا تەقسىم قىلىنىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ھېچقانداق چەتئەل ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۈچىنچى ئورۇندىكى كىشىلەردە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرىلىدۇ، تۆتىنچى ئورۇندىكىلەردە 4 مىليون ئادەم ئېغىر ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىغا دۇچ كېلىدۇ، ئەمما زور تۈركۈمدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋەقە يۈز بەرمەيدۇ. 2006-يىلىنى مىسال قىلساق، ئەگەر چەتئەل ياردەم قىلغان 900 مىڭدىن 1 مىليون توننىغىچە ئاشلىقنى قوشساق، تەقسىملەش تەرتىپى بويىچە، تۆتىنچى ئورۇندىكى نوپۇس قسىمەن ئاشلىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كەتمەيدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلۈش كىرزىسى كۆرۈلمەيدۇ. شىمالىي كورىيەنىڭ 2006-يىللىق ئاشلىق مىقدارىنى 4 مىليون 300 مىڭ دەپ بېكىتسەك، ئۇنداقتا چەتئەل چوقۇم 1 مىليون توننىدىن كۆپ ئاشلىق ياردەم قىلسا، ئاندىن ئاجىز قاتلامنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
قاتلام پەرقىدىن سىرت، يەنە رايون پەرقى بار. «كۈندىلىك شىمالىي كورىيە» نىڭ خەۋىرى جەنۇبىي كورىيە بىرلىك مىنىستېرلىكىنىڭ 2005-يىلىدىكى ماتىرىيالىنى نەقىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەگە قىلىنغان ئاشلىق ياردىمىنىڭ %21.21 پيوڭياڭغا كەلگەن، نامپو بىۋاستە شەھىرىگە قاراشلىق پيوڭئان نامدو %16.72 ئاشلىققا ئېرىشكەن. ئەكسىچە ئاشلىق خېلى يېتىشمەيدىغان ياڭگاڭ دو (%4.57) ۋە كاڭۋون دو (%5.76) لار ئېرىشكەن ئاشلىق مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولغان. 2011-يىلى، شىمالىي كورىيە ب د ت غا شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىمىدىكى 5 ۋىلايىتىنىڭ ئاشلىقى ئەڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى دوكلات قىلغان.
خەلقئارا جەمئىيەت ئامال بار نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئاشلىقنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى «نەق مەيداندا نازارەت قىلىش بولمىسا، ئاشلىقمۇ يوق» پىرىنسىپى بويىچە پيوڭياڭغا دائىمىي تۇرۇشلۇق خادىم ئەۋەتكەن. پۈتۈن مەلىكەتتىكى 213 ناھىيەدە ھەر ئايدا ئوتتۇرىچە 450 قېتىم تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، 70 نەچچە ئورۇندا ئىختىيارىي چەك تارتىپ تەكشۈرگەن. يۇقىرى دەرىجىدە نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرى بولغاچقا، شىمالىي كورىيە دائىرلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ بىر مەزگىل چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
ئېنىقكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاشلىق ياردىمى شىمالىي كورىيە خەلقىگە بولغان رولى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ناھايىتى گۇمانلىق. نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئامارتيا سېن «نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى:«كىشىلەرنىڭ ئاچلىقى رېئاللىقتا يېتەرلىك ئاشلىق بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر يېتەرلىك ئاشلىققا ئېرىشەلمەسلىكتىن» دەپ يازغان ئىدى.

ئالدىراشلىق .....

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 10:16 PM
ئەمىسە چاۋشىيەن ئارىلىنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە توسقۇنل ...

سىزنىڭ مەنتقىڭىز راستلا ئۆزگىچە ئىكەن ،باشقىلىرىنى دېمەي قوياي بەشىر ئاسادنى قوللاپ «ھەرقانداق دۆلەتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىششىغا قارشى تۇرۇشىڭىز» ،ماۋۇ تېمىدا شىمالىي چاۋشىيەنگە ھېسداشلىق قىلىشىڭىز قاتارلىقلار..
ئامىرىكا ئارمىيىسىنى كورىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسۇن دېگەن قارىشىڭىز بار ئىكەن ،ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن ئىكەن چوقۇم ئىككى دۆلەتنىڭ بىرسىنىڭ تۈزۈلمىسنى تاللاش كېرەك ؟ ئەمدى سىزدىن سوراي بىرلەشكەن دۆلەت چاۋشىيەن سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ كىم جەمەتنىنىڭ پاناھىغا ئۆتىشى لازىممۇ ياكى كورىيە كاپىتالىزىمى يولىغا مېڭىشى كېرەكمۇ ؟ ئېغىزىڭىزدا ئاسانلا كىم جەمەتىنى ھوقۇقنى بىكارلسۇن دەپسز ،مىليۇن خەلقنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە ئۆز خاندانلىقىنى قوغداۋاتقان كىم جەمەتى شۇنداق ئاسان تەخت بىكارلارمۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا شىمالىي چاۋشىيەن جەنۇبىي چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگىنىدە ئەگەر ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ ياردىمى بولمىغىندا ئىدى قانداق بولار ئىدى ؟ ئامىرىكا ئارمىيسى چېكىنىپ چىقىپ كەتسە خەلقنىڭ  قان -ياش بەدىلىگە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغان شىمالىي چاۋشىيەن كورىيەنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەرمۇ ؟....

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 10:16 PM
ئەمىسە چاۋشىيەن ئارىلىنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە توسقۇنل ...

شۇنداق، ئامېرىكا جەنۇب شىمالنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى، شىمالىي كورىيە خەلقىنىڭ جەنۇبىي كورىيە خەلقىگە ئوخشاش بەختىيار كۈنگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىمالىي كورىيەنىڭ جەنۇبىي كورىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى جەنۇبلۇق ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارغا ئوخشاش تىلەمچى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
لېكىن شىمالىي كورىيەلىك جەنۇبىي كورىيەگە قوشۇلۇشنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ، شۇڭا يىلىغا نەچچە مىڭلىغان شىمالىي كورىيەلىك جەنۇبىي كورىيەگە  (ياكى ياپونىيەگە) قاچماقتا، تاكى ھازىرغىچە جەنۇبىي كورىيەلىك شىمالغا قېچىپتۇ دېگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم.
رېئاللىق يەنىلا رېئاللىق...لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلايلى بۇرادەر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئامىركىنىڭ بۇنداق نىيىتى بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:14:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركىنىىڭ مەقسىتى دوسلارنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنى ئامىركىغا تايىنىدىغان قورچاق ھۆكۈمەتلەرگە ئۆزگەرتمەكچى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 11:12 PM
ئامىركىنىڭ بۇنداق نىيىتى بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيم ...

ئەمىسە. نېمىشقا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى شۇنچە زور بولىدۇ؟ جەنۇبىي كورىيە نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ؟ ئامېرىكا ياردەم قىلمىسا ئۇ تەرەققىياتلار نەدىن كەلدى؟ ئېھتىمال ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمىسە شىمالمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە بولمامدۇ؟ باشقا دۆلەتلەر شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە جەنۇبىي كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hazniqi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 11:05 PM
سىزنىڭ مەنتقىڭىز راستلا ئۆزگىچە ئىكەن ،باشقىلىرىنى د ...

بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق كىم جەمەتى قاچان مىليون خەلىقنى قىرىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش