مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Naprat2009

شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 07:57:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىمالىي كورىيە چوڭ ئاچارچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(2)
شىمالىي كورىيەدە زادى قانچىلىك ئاشلىق كەمچىل؟
شىمالىي كورىيەنىڭ ھەر يىلى قانچىلىق ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقى، يەنە قانچىلىك ئاشلىق كەمچىل ئىكەنلىكىنى قانداق ھېسابلاش خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن چوڭ بىر مەسىلە. يەنبىيەن (延边) ئۇنۋېرسىتىتى شىمالىي كورىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جىن چىياڭيى (金强一) پراففىسورنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ توغرىسىنى بىلمەيدىكەن.
2006-يىلىنى مىسال قىلساق، جەنۇبىي كورىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ شىمالىي كورىيە ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىغا بولغان مۆلچەرىدىكى پەرق زور بولغان. جەنۇبىي كورىيە يېزا گۈللەندۈرۈش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا 4 مىليون 480 مىڭ توننا دېيىلگەن؛ جەنۇبىي كورىيەنىڭ شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان پائالىيەتچى تەشكىلات «ياخشى دوستلار» گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئەڭ تۆۋەن مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ توننا دەپ قارىغان؛ جەنۇبىي كورىيە يېزا ئىقتىسادى تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى 4 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 3 مىليون 500 مىڭ توننا، 4 مىليون 900 مىڭ-5 مىليون توننا قاتارلىق ئوخشىمىغان سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان.
شىمالىي كورىيەدە قانچىلىك ئاشلىق كەمچىل بولغانلىقىغا قارىتا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى پەرق غايەت زور بولدى. 2008-يىلى موشۇ سەۋەبلىك ماجرا يۈز بەرگەن. ئەينى يىلى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 1 مىليون 670 مىڭ توننا ئاشلىق كەمچىل، 6 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىدى دەپ قارىغان. «ياخشى دوستلار» گۇرۇھى 5، 6 ئاي ئىچىدە 200 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ قارىغان. ئامېرىكا ئاخبارات ھەپتىلىكى ژورنىلى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قاتتىق گۇمان قىلغان، «بىزنىڭ تەھلىلىمىزدە پەقەت 100 مىڭ توننا كەمچىل كىرزىس 'باشلىنىش' ھالىتىدە تۇرماقتا» دېگەن ھەمدە «ب د ت ئورگىنى شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجىنى ئېغىر كىرزىس ھالىتىدە تۇرماقتا دەپ قايتا-قايتا كۆپتۈردى ۋە تەكىتلىدى، بۇ ئەكسىچە ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇپ تاشلىدى» دېگەن.
5 كۈندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قاراشنى ئىپادىلىدى، جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئاخبارات مەھكىمىسى پارلامېنت دوكلاتىدا:«ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئەھۋالى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 200 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئېغىر ئاشلىق كىرزىسى ۋاقتىغا ئوخشىمايدۇ» دېگەن.
دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ھەمىشە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شىمالىي كورىيەگە ئەۋەتىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما ھەرىكەت ئەركىنلىكى بولمىغانلىقتىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقى گۇمان قوزغىغان.
2006-يىلى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىمالىي كورىيەنىڭ 9 ۋىلاييىتىنىڭ 40 نەچچە رايونىغا كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن ئەمەلىي تەكشۈرۈش قىلغان. ئەمما كورىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسورى يۇ خو يېئولنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىغا بولغان پەرەزدە، قىسمەن مەزمۇنلار مۇۋاپىق ئەمەس بولۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان رايونلارمۇ ھوسۇلى ناچار جايلار» ئىكەن.
2011-يىلى 3-ئايدا، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى يەنە گۇمان قوزغىدى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى شىمالىي كورىيەنىڭ نەچچە ناھىيىسىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولدى ھەمدە دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 11-ئايدىن 2011-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئاشلىق ئىمپورت ئېھتىياجى 1 مىليون 86 مىڭ توننا بولغان. مۆلچەرلەنگەن ئىمپورت مىقدارى 200 مىڭ توننا، كەمچىل بولۇش 886 مىڭ توننىغا يەتكەن. دوكلاتتا 6 مىليون 100 مىڭ ئاساس ئاچلىق تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئاممىغا 297 مىڭ توننا ئاشلىق ۋە 137 مىڭ توننا يۇقىرى ئوزۇقلۇقتىكى ئارىلاشما يېمەكلىك تەمىنلەش تەكلىپى بەرگەن.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، 6 مىليوندىن يۇقىرى شىمالىي كورىيە ئاممىسى خەلقئارانىڭ جىددىي ئاشلىق ياردىمىگە موھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورىيەگە 430 مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمى بېرىشكە دەۋەت قىلغان.
جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتلىرى جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ باھاسىنى نەقىل قىلىپ:«دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئەھۋالى ئېغىر دېدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىمال شىمالىي كورىيە دائىرلىرىنىڭ ئالاھىدە ياساپ چىققان ساختا كۆرۈنۈش بولىشى مۇمكىن، شىمالىي كورىيە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنى شىمالىي كورىيە ئاشلىق ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇقرالارغا ئاشلىق بېرىشنى قەستەن ئازلاتقان بولىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ شىمالىي كورىيە ئاممىسى بازاردىن ئاشلىق سېتىۋالالايدۇ، پەقەت بېرىش مىقدارىنىڭ ئازلىغانلىقىغا ئاساسلانساق، شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئەھۋالى ھەقىقەتەن يامانلاشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى تەس» دېگەن.
شىمالىي كورىيە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىگە دوكلات قىلغان گۈرۈچ ئاقلاش نىسبىتى %65 بولۇپ، بۇ نۇقتىدا تالاش-تارتىش بار. جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى:«گۈرۈچ ئاقلاش نىسبىتى ھەر %10 ئۆرلىگەندە 400 مىڭ توننا ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يېقىندا مەملىكەت دائىرىسىدا 'ھەربىي ئاشلىق ئىئانە قىلىش ھەرىكىتى' قوزغىدى. ئەگەر شىمالىي كورىيەنىڭ ئاشلىق ئەھۋالى ھەقىقەتەن ناھايىتى جىددىي بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى كىشىلەر قايسى ئېشىنچە ئاشلىقى بىلەن ھەربىي ئاشلىق ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ؟...بۇ سەۋەبنى ئويلاشقاندا، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار زاتلىرى بىردەك 'شىمالىي كورىيەنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت دەپ قاراش تەس، شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئاشلىق ياردىمى تەلىپى ناھايىتى يالغان، دەپ قارىدى ھەمدە ،شىمالىي كورىيەنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبلىك ئاشلىق ياردىمى تەلەپ قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىمىز، بەلكى دغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى' دەپ قارىدى » دېگەن.
ئىنتايىن چەكلىك ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە مۆلچەرلەشتىن سىرت، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شىمالىي كورىيە ئاشلىق كىرزىسىنى چۈشۈنىشتىكى مۇھىم يول شىمالىي كورىيە ئاشلىق باھاسىنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالى.
ئەگەر ئاشلىق باھاسى يۇقىرىلىسىا، ئاشلىقتا كەمچىلىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئاشلىق باھاسى تۆۋەنلىسە ئاشلىقنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئاشلىق باھاسى مۇقىم بولسا، ئاشلىق تەمىنلەشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
كۆممەقوناقنىڭ باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئەگەر ئاشلىق كەمچىلىكى كۆرۈلسە، كىشىلەر گۈرۈچ سېتىۋالماستىن كۆممەقوناق سېتىۋالىدۇ، ئۇنداقتا كۆممەقوناقنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىشى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. ھەر يىلى سېرىقتال مەزگىلىدە ئالاھىدە خاتىرلەش پائالىيىتى بولمىسا ئاشلىقنىڭ باھاسى ئۆرلەش كۆرىلىدۇ.
دەندوڭ (丹东) دىكى شىمالىي كورىيە بىلەن سودا قىلىدىغان سودىگەرنىڭ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تونۇشتۇرغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، پيوڭياڭنىڭ ئاشلىق باھاسى گۈرۈچنىڭ ھەر كىلوسى شىمالىي كورىيە پۇلىدا 2800 بولغان، كۆممەقوناقنىڭ ھەر كىلوسى شىمالىي كورىيە پۇلىدا 1500 بولغان؛ ئۇننىڭ ھەر كىلوسى شىمالىي كورىيە پۇلىدا 2200 بولغان (1 ئامېرىكا دوللىرى 3700 شىمالىي كورىيە پۇلىغا ئالماشتۇرىلىدۇ). بۇ باھا روشەن تەۋرەنمىگەن. تەۋرىنىش كۆرۈلگەن تەغدىردىمۇ، جۇڭگو بازىرى باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
بۇ سودىگەر:«ئاشلىقنىڭ كەمچىل بولىشى ئېنىق ھەمدە شىمالىي كورىيەلىكلەر بىر ئايلىق ئىش ھەققىگە كۆپ بولغاندا پەقەت 2 كىلوگىرام گۈرۈچ سېتىۋالالايدۇ، سېتىۋالغىلى بولماسلىق ئاساسلىق مەسىلە، خەلقئارانىڭ سىتاستىستىكىلىغىنى ئاشلىق كەمچىلىكى، ئەمەلىيەتتە يەنە ئوت-چۆپ قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگىلى بولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە تاماقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، مەسىلە كەچ 8-9 دا ئاندىن تاماق يەپ، كەچتە قورساق ئېچىپ ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ سودىگەرنىڭ دېيىشىچە، شىمالىي كورىيەلىكلەر جاپا-مۇشەققەتكە كۆنۈپ قالغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەكلىك ئۆلچىمى ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ يېمەكلىك كەمچىلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئوتلىرى تېخى ئۆسۈپ چىقمىدى، ئوت، ياڭيۇلار ئۆسۈپ چىققاندا، يېمەكلىك كەمچىلىكى يېنىكلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6640
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:42:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 11:51 PM
چاۋشىيەندە كىم جەمەتى بولمىسا كورىيەدە ئامىركا ئارمى ...

چاۋشىيەندىكى مەسلە يالغۇز كىم جەمەتى مەسلىسىلا ئەمەس بەلكى سىياسىي تۈزۈم مەسلىسى، كىم جەمەتىنى بىرى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان تەقدىردىمۇ تۈزۈمدە ئۆزگىرىش بولمىسا يەنە باشقا «كىم» لەر چىقىپ چاۋشىيەننى كونتۇرۇل قىلىدۇ. كورىيەدىكى ئامرىكا مەسلىسىگە كەلسەك، ئامرىكا ئارمىيسى چىقىپ كىتىمىز دىگەن تەقدىرىدىمۇ  كورىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۇلارنىڭ چىقىپ كىتىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئەسەبىي چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ھايات -ماماتى بىلەن كارى يوق ھالدا دەبدەبە بىلەن ئۇرۇش قۇراللىرىنى ياساپ پۇپۇزا قىلىشماقتا. لىكىن ئۇلار ۋەزىيەتنى بىلمەيۋاتىدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ھەربى كۈچ بىلەن ئەمەس ئىقتىسادى كۈچ بىلەن ئىدارە قىلىنۋاتقىننى.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئاق تاش،،،،،،قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7747
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 6498 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 12:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار    تارىختىكى   ئاپپاق غۇجىدىن     نەپرەتلەنگەندەك،
چاۋشەن خەلقىمۇ  كەلگۈسىدە،     كىم جەمەتىدىن    قاتتىق نەپرەتلىنىشى مۇمكىن...

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 12:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇمكىن  بولسا 3-4-بۆلكىنىمۇ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز ، داۋامىغا قاراپلام قالدىىم، يىقىندىن بىرى مىسرانىمدا ئانچە كۆپ كۆرۈنمەس بوپ قالدىڭىز ، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق نادىر تەرجىمىللىڭىز بىلەن مىسرانىم ئەھلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ، بىر ۋاقىتلاردا ئوكيان تورنىڭ خەۋەرلەر بۆلمىنى باشقۇرمەن دىگەندەك قىلۋاتاتىڭىز لىكىن مەن بىلەلمىدىممۇ تاپالمىدىم سىزنىڭ يازمىللىرڭىزنى  ......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Naprat2009 + 10 خەۋەر سەھىپىسىدىكىلە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1493 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 01:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋشىيەن 70-80يىللاردا ھال -ئەھۋالى خېلى ياخشى ئىدى ،شۇ چاغدىكى جۇغراپىيە كىتابلىرىدا چاۋشىيەننى باي ،قۇدىرەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ تونۇشتۇراتتى .لېكىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى ،چاۋشىيەن ئىقتىسادىنىڭ يىمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بىچارە چاۋشىيەنلىكلەر

بايتۇرا

جىسمىڭدا قىزلارغا خاس نازىڭ ،ق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8079
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 4323 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 01:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتى توغرا جۇمۇ،دىمگەن بىلەن ،كەچكىچە بىكىنمە ھالەتتە ياشاۋەرسە قانداق بولدۇ ؟

يىقىلساڭ زارلىما ،ئۈمۈد ئۈزمە ھەم
ھاياتنىڭ يازىدىن قىشى  تولا ھەم
تاغلاردەك مەزمۇت تۇرامسەن بەردەم
كۆرۈپ باق بۇ ھايات سىناقىدا ھەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 01:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيدا يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 10:53 PM
جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئارقى تۈۋرىكى ئامېرىكا،جەنۇبىي كور ...

جوڭگۇ خەقنىڭ بىرلىكىنى بۇزىمەن دېمەي كۆتۈنى غىت قىسسا بولارمىكىن ،ئۆزىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتقاندا ! بولمىسا خەقمۇ جىم تۇرمايدۇ ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا تەيۋەننى قايتۇرۋېلىشى تەس بولار؟!

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 02:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgabag يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 12:21 AM
تەرەققىيات دېسە ئېگىز بىنا دېگەنلەرنى ئۆلچەم قىلىدىغ ...

مىنىڭ دىگىنىم ئاخبارات ۋاستىللىرى ھەددىن زىيادە ئاشۇرۇپ كۆپتۈرۈپ،يوقنى بار قىلىپ بارنى يوق قىلىپ خەۋەرنى بىرىپ ئۇقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ بەزى مەسىلىلەرگە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قۇيىدىكەن ،ئىگىز بىنالار تەرىققىياتنى ئىپادىلىمىسىمۇ دەسلەپتە چوۋشەن توغۇرلۇق بىرىلگەن خەۋەرلەردە يۇقرىسى 6 قەۋەت تۈۋىنى ئەسكىرەپ كەتكەن ئۆيلەرنى چىقىرىپ مانا بۇ چاۋشەننىڭ ئەھۋالى تىخى قىزىل چىراقنىڭ ئورنىغا قاتناش ساقچىلىرىنى قۇيۇپ بە ئەينى بىزنىڭ 85 يىللارنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن ،لىكىن شەھەرگە سىلىنغان بىنا،رەت-رەت يوللار ئاۋاتلاشقان بازار لارمۇ شۇ شەھەرنىڭ ئىقسادىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى بۈلدۈرىدۇ ،ئاچارچىلىق دىگەن خىلى خىلى دۆلەتلەردە مەۋجۇت باياشاتچىلىقنىڭ ئۇمۇمىلىشىپ كەتكىنى يوق ،بىر قىتىم خەنزۇچە توردا تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ بەزى تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى يوللاپ باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغۇتۇپ ھەر ىل چۈشەنچىلەرگە كەلتۈرۈپ قۇيۇپتىكەن بەزى خەنزۇ تورداشلار ،سىللەر بەك جاپادا قاپسىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىغا قايتىپ كىلىڭلار ياخشى كۈنگە ئىرىشىسىلەر ،ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلمىغان بولساڭلار بۇنداق بوپ كەتمەيتىڭلار  دىگندەك ئىچ ئاغرىتىش مەسخىرە قىلىش  دىگندەك ئىنكاسلار يىزىلىپتۇ ،شۇڭا دەيمەن ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ بەزى مەخسەتنى ئۆز دۆلىتىنىڭ نىشىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلىتى ئۈچۈن ھەر نىمىلەرنى دەپ جەمىيەتتىن قوللىغۇچىلار توپىنى ھاسىل قىلىپ بەزى مەخسەتلىرىگە يىتشنى نىشان قىلىدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئاخباراتلار بەك مۇھىم ،بۇ ئىشقا قىزىىقىدىغانلار نەخ مەيدانغا بىرىپ زىيارەت قىلسا ھەقىقى ئەھۋالنى بۈلەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 05:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشلىق ياردەم قىلمىسا تۈگۈشۈپتىغۇ .ئامرىكا چاۋشەننى كونتىرول قىلىپ بولۇپتۇ

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 07:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 01:10 AM
ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشىيەن يىرىم ئارىلىدا ئەسكەر  ...

بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەمەس بەلكى ساپال-كاھىش، چىنە-قاچا دۆلىتى، ئەگەر كورىئانلار بىرلىككە كېلىۋالسا چاڭبەيشەننى قايتۇرۇپ بەر دەپ غەلۋە قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
سىز نېمانداق سولچىل پىكىر قىلىسىز، ئىدارىدە باشلىق يىغىننى جىق ئاچىدىغان ئوخشىمامدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش