«ئاتوم»،«كىۋانىت»ئىدىيىلىرىدىن «ئېن»غا نەزەر
قاسىم سىدىق
قىسقىچە مەزمۇنى:
«كىۋانىت»ئىدىيىسى شەكىل نەزىريسدە تەشەببۇس قىلىنغان«ئېن»پەرىزى بىلەن پىرىنسىپال زىدىيەتكە ئىگەئەمەس،ئەكسىچە «ئېن»مۇقەررەر ھالدا«كىۋانىت»ئىديىسىنىڭ مەنتىقى رىۋاجى.«كىۋانىت»ئىدىيىسى ماھىيەتتە زامانىۋى تۇس ئالغان قەدىمى پەلسەپەۋى مەسىلە.«كىۋانىت»لىق ماددى ئالەمنىڭ ماھىيىتى.
ئاچقۇچلۇق سۇزلەر:«
ئاتوم نەزىريىسى»، «
كىۋانىت»،«ئېن»،«
پەلسەپە».
«كىۋانىت» ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يىلتىزلىرى
لېئۇكىپپوس
(م.ئى500-440-يىللار)
تېلىستىن باشلانغان
قەدىمكى گىرىك(يونان) پەلسەپەسى ھازىرغىچە بولغان تەجىربە پەنلىرىنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ۋە تەتقىقات رامكىسىنى بەلگىلىگەن،ھازىرقى زامان پەنلىرى بۇ يۇنۇلۇش ۋە رامكىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق.ئەگەر بىز ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرىدىن قەدىمكى زامان«ئۇقۇم-ئىدىيە كىسەكلىرى»نى چىقىرىپ تاشلىساق تەبىئەت پەنلىرىدىن ئىبارەت تىخى پۇتمىگەن بۇ ھەيۋەتلىك بىنا ھەش-پەش دىگۇچە گۆمۆرۆلۆپ چۆشۆدۇ.سىز «
ئاتوم»ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا كىۋانىت نەزىريىسىنى،«
ئۆزلۆكسىز» لىك ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا نىسبىلىك نەزىريىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟،بۇ ،مۇمكىن ئەمەس.ھالبۇكى،يۇقۇرقى ئۇقۇم ۋە ئىدىيىلەر قەدىمقى يونانلىقلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى بىناسىغا قويغان ئۇل تاشلار ئىدى.بۇنداق مىساللارنى كۇپلەپ كۇرسۇتەلەيمىز.
دىموكىرىت
(م.ئى460-370-يىللار)
قەدىمكى يونان مۇتەپپەككۇرلىرىدىن لېئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلار«ئاتوم»ئىديسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچىلار بولۇپ،گىرىكلارنىڭ نەزىرىدە ئاتوم- قايتا پارچىلانمايدىغان،جىسىملارنى تۇزىدىغان ئەڭ كىچىك ماددى بىرلىك دەپ قارىلاتتى.
لېئوكىپپۇسنىڭ ئەسەرلىرى تولوق ساقلانمىغان بولۇپ،ئونىڭ ئاتوم ھەققىدىكى يادرولۇق ئىدىيىلىرى بەخىتكە يارىشابەزى شېئىرلىرىنىڭ پارچىلىرىدائىنىسكىلوپىدىك ئالىم دىموكىرىتقا يىتىپ كەلگەن.دىموكىرىت ئەسەرلىرىدە ئەينى دەۋىردىكى ئاتوم ئىدىيىلىرىگە ئائىت كۇزقاراشلار بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان.دىموكىرىت يونان ئاتوم نەزىريىسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچى ۋە تاماملىغۇچى ھىساپلىنىدۇ.
كىۋانىت مىخانىكىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان
ۋېرنى.كارىل.ھېزىنبېرىگ(
Werner Karl Heisenberg,1901-1976) دىمۇكىرىت ئاتوم ئىدىيىسىنىڭ 19-ئەسىردىكى ھاياتى كۇچى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە«
پەلسەپە ۋە فىزىكا» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق يازىدۇ:«دىموكىرىتنىڭ ئاتوم نۇقتىنەزىرى ئالدىنقى ئەسىردىكى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىۋى قىسمى ئىدى.بونداق ئاتوم نۇقتىنەزىرىنى ئاساسەن چۇشەنگىلى بولۇپلا قالماي،نىسبەتەن بىۋاستە كۇزەتكىلى بولاتتى،بۇ نۇقتىنەزەر فىزىكلارنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنى بەلگىلىدى.ھەتتا پەيلاسوپلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى خالىمايدىغان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنىمۇ بەلگىلىدى. ».
بۇ يەردە گىرىكلارنىڭ «ئاتوم»ئىدىيسىگە ۋارسلىق قىلغان رىملىق مۇتەپەككۇر
لوكىرىتسى.كار(Lucretius,Carus م.ئى:55 -99) نىمۇ ئەسلەپ ئۇتۇش كىرەك .لوكىرىتسى ئۇزىنىڭ «
ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە» ناملىق پەلسەپەۋى داستانىدا«ئاتوم»ھەققىدە خىلى تەپسىلى توختالدى.«ئاتوم» نىڭ كونكىرىت «شەكىل»لىرى ھەققىدىمۇيونانلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كەڭ سەھىپە ئاجىراتتى.بۇ ئەسەرئۇزىدىكى مول مەزمۇنلار ۋەجىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى موھىم ئەسەرلەر كاتۇلۇگىدىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ.ئالبىرىت.ئېينىشتىيېن 1924-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ نىمىسچە تەرجىمىسىگە كىرىش سۇزمۇ يازغان ئىدى(1-توم 200-بەت).
لوكىرىتسى.كار( Lucretius,Carus م.ئى:55 -99)
ئېھتىمال،ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ تاكى گالىلىغىچە بولغان ناھايتى ئۇزۇن مەزگىللىك ھۇكۇمرانلىغى ۋەجىدىن بولسا كىرەك،«ئاتوم»نەزىريەسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى ۋە ھەتتا بۇ تەلىمات ئاسەن ئونتۇپ كىتىلدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە گالىلېئۇ.گالىلې(1564-1642) زامانسىدا بۇ مەسىلىنى فىرانسىيىلىك پەيلاسۇپ،فىزىك ۋە ئاستىرۇنۇم گاسسىندى(1592-1655)قايتا ئوتتۇرىغا قويدى،لىكىن،گاسسىندى يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريسىنىڭ ئاساسچىسى دىگەن شەرەپكە نائىل بولالمىدى،ئۇنى«ئاتوم تەلىماتى»نى تارىخنىڭ يادىغا سالدى دىسەك بولىدۇ.
يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى ئەنگىلىيە فىزىكا ۋەخىمىيە ئالىمى
جون.دالتون(John Dalton,1766-1844)بولۇپ،دالتۇننى تۆپ پىرىنسىپ جەھەتتە يونان ئاتوم ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە رىۋاجلاندۇردى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
جون.دالتون
(John Dalton,1766-1844)
چۇنكى جون.دالتۇن گىرىكلارنىڭ ئاتومنىڭ پارچىلانماسلىقىدىن ئىبارەت تۇپ مەۋقەسىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.بۇ يەردە دالتوننىڭ «ئاتوم»ىنىڭ قەدىمقىلارنىڭكىدەك ھەر خىل شەكىللەرگە ئەمەس، پەقەت شار شەكلىگىلا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۇتۇش كىرەك.
ھالبۇكى تارىخ تومسۇننى(Thomson,Joseph John) سەھنىگە چىقارغىنىدا گىرىكلارنىڭ بۇئىدىئال زەررىچىسى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدى.
جوسىف.جون.تومسون
(1856~1940)
چاتاق دالتوننىڭ ئەسلا «ئاتوم»ئەمەس نەرسىنى «ئاتوم»دەپ قارىۋىلىشىدىن باشلاندى.مۇبادا لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرتلار قەبرسىدىن چىقالىغان بولسا دالتون ۋەتومسۇنغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ «سەنلەر بىزنىڭ ئاتومىمىزنى نىمە قىلىۋىتىشتىڭ»دەپ كايىغان ،ئۇلارنىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغىدىن
نېلىس. بورمۇ چەتتە قالمىغان بولاتتى.چۆنكى، دالتوننىڭ«ئاتوم»ى ئۇنىڭ ئۇزى ۋە گىرىكلاركۇزدە تۇتقان قايتا پارچىلانمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بولماي،ئەكسىچە ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە سىستىما ئىدى.تومسۇن ئالاھىزەل 1890-يىللاردا ئاتالمىش«ئاتوم»ئىچىدىكى ئىلىكتىروننى تەجىربىدە بايقىدى،بۇ بايقاش شۇبھىسىزكى ئولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.لىكىن«ئاتوم»نىڭ ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت فىزىكا دونياسىدا«چەكسىز پارچىلىنىش»ئەقىدىلىرىگە ئىلھام بەرمىدى دىيەلمەيمىز.تاكى ھازىرغىچە جوڭگۇدىكى كۇپ سانلىق پەيلاسۇپلار ۋە فىزىكلارماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى شۇكى،تەبىئەت پەنلىرى بىناسىنى تولوق پۇتتۇرۇش ،ئوبېكتىپ ئالەمنى ئۆزۆل-كىسىل بىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئىنشائاللا، مەلۇم مەنىدە گىرمانىيەلىك
ماكىس.پىلانىك(1858年4月23日-1947年10月4日) تەرىپىدىن بۇ خىل ئۆمىتسىزلىك كەيپىياتىغا جەڭ ئېلان قىلىندى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ماكىس.پىلانىك
پىلانىك 1900-يىلى «كىۋانىت »ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.بۇ ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىكى«
quantus»دىن كەلگەن بولۇپ،«قانچە،قانچىلىك»دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى«ئۇزۇك -ئۇزۇك»،«دانە»،«يەككە»دىگەندەك سۇزلەربىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.لىكىن،پىلانىك بۇ ئاتالغۇنى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىگى دىگەن يىڭى ئۇقۇمغا ئايلاندۇردى.«
پىلانىك تۇراقلىغى» بۇنىڭ دەلىلى.
«كىۋانىت »ئۇقۇمى خىلى كەسكىن مەنىدە قەدىمكى گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ئىدىيىسىنى قايتىدىن ھاياتى كۇچكە ئىگە قىلدى.ئىھتىمال 1900-يىلى لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلارئۇئالەمدە تۇرۇپ پىلانىكقا غايىۋانە رەھمەت ئوقۇغاندۇر.
چۆنكى،«كىۋانىت»بىلەن گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ى «ئەڭ كىچىك»، «قايتا پارچىلانماس» دىگەن پىرىنسىپال نۇقتىدا بىردەكلىككە ئىگە ئىدى.
ئېينىشتىيېن 1905-يىلى يورۇقلۇق كىۋانتى-«
فۇتۇن»پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى،1922-1923-يىللاردا كومپىتۇن فۇتۇننىڭ زەررىچە ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇدىغان تەجىربىلەرنى ئىشلىدى.مەيلى«كىۋانىت»ياكى«فۇتون»بولسۇن ئۇلاردا«ئەڭ كىچىك»،«قايتا پارچىلانماس»دىگەن قەدىمكى ئىدىيە-«ئاتوم»ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتى.ئۇنداقتا تارىخ بىر قەدەممۇ ئالدىغا سىلجىمىدىمۇ؟،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،20-ئەسىرنىڭ ئىجادىلىغى شۇكى،پىلانىك ۋە ئېينىشتىيېن قاتارلىقلار بۇ قەدىمكى مەسىلىنى مىقدارلاشتۇردى،خالاس.لىكىن بۇيەردە قەدىمكى گىرىكلار ۋە دالتۇن نەزىريىلىرىدە ئىزچىل ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەسلى مەنىدىكى«ئاتوم»نىڭ «شەكلى»(فىزىكىلىق شەكىل) ئۇستىدىكى ئىزدىنىش غايىپ بولدى.
يىڭى خىرىس:«كىۋانىت»ئەڭ كىچىك بىرلىك ئەمەس
ئالەمنى ماكرۇ ۋە مىكرو نوقتىدىن«پىلانىك تۇراقلىغى»،«
پىلانىك ئۇزۇنلىغى»قاتارلىقلار ئارقىلىق چۇشەندۇرگىلى بولسا ئىھتىمال فىزىكا ئاياقلاشقان بولاتتى.ئەپسۇس «غەيرى نۇقتا»نىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى نەزەريەلەر ئالەمدە پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىنمۇ كىچىك رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىدىن بىشارەت بىرىپ پىلانىكنى دالتۇنچە تەقدىرگە گىرىپتار قىلماقتا.بۇ خىل تەقدىر 2009-يىلى ئامىرىكا تەۋەلىگىدىكى خەنزۇئىلىمگەر
چىنگاڭ (陈刚)نىڭ پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن 1000ھەسسە كىچىك بولغان مىكرۇ رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىگە تەجىربە ئارقىلق ئىرىشكەنلىگى تۇپەيلى ئۇزۇل-كىسىل مۇئەييەنلىشىدۇ.پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن قىسقا بولغان مىكرۇدۇنيادا پىلانىك ئۇلچەملىرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان چىنگاڭ 2010-يىلى ئامىرىكا دۇلەتلىك قۇرۇلوش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى،ماسساچۇتىس سانائەت پەنلىرى ئىنستېتوتى نانومىتىرقۇرۇلۇشى تەجىرىبەخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قالىدۇ.
来源:中国新闻网 作者:唐嘉丽 选稿:屠瑜
چىنگاڭ (陈刚)
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئۇزىنىڭ«
مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە»ناملىق ماقالىسىدا پىلانىك ئۇلچىمىدىن كىچىك بولغان مىكرۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىگى ئۇستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەنگەن. بۇ يەردە پىلانىك تۇراقلىغنىڭ 1900-يىلى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىغى،«
غەيرى نۇقتا»ئىدىيسنىڭ بولسا كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۇتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فۇتۇنمۇ ھەرگىز ئىلېمېنتار بىرلىك ئەمەس،چۇنكى فۇتۇن ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدۇ ۋە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىدۇ دىگەن چۇشەنچە ۋە تەجىربە نەتىجىلىرى فۇتۇننىڭ ئېلېمىنتار زەررىچىلىگىنى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى «كىۋانىت»لىغىنى ئىنكار قىلىدۇ.
مۇبادا فۇتۇننىڭ ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغانلىغى ياكى قوبول قىلىدىغانلىغى مۇئەييەنلەشسە بۇ ھالدا كۇچ توشۇغۇچى زەررىچىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇزى تۇزۇلۇشكە ئىگە بولغان زەررىچىلەرمۇ بار دىگەن يەكۇنگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.چۇنكى
فۇتۇن ئىلېكتىر ماگىنىت كۇچىنىڭ توشۇغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.
ئېن
«ئېن» شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان پۇتۇن ماددى ئالەمنى تۇزۇدىغان ئىدىئال زەررىچە ۋە ئەڭ ئېلېمىنتار بىرلىك.گىرىكلارنىڭ ئاتومى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى كىۋانىت،
ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە.
«ئېن»ئىدىيىسى گىرىكلارنىڭ ئاتوم ئىدىيىسى ۋە پىلانىكنىڭ «كىۋانىت»ئىدىيىلىرى بىلەن «قايتا پارچىلانمايدىغان ئەڭ ئاساسى بىرلىك»دىگەن مۇشۇنوقتىدا تارىخى ئىزچىللىقنى ساقلىغان.
ئەسلى مەنىدىكى ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇنمۇ يىڭى ئاتالغۇ زۇرۇر ئىدى.لىكن «ئېن»نوقۇل ئاتالغۇ زۇرۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.ئۇ،ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مەھسۇلى،مىنىڭچە«ساقلىنىش قانونلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ئېنلارغا تەقسىملەنگەن بولىدۇ»دىگەن بۇ قاراش بۇ ئۇقۇمدىكى ئىجادى ئىدىيە.مۇشۇ ئىدىيە شەكىل نەزىريىسىدىكى« ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئورۇنلۇق بولىۋىرىدۇ» دىگەن يەكۇننىڭ ئاساسى.«ئېن»ئىدىيىسىنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغان نۇۋەتتىكى فىزىكا«غەيرى نۇقتا»نى چۇشەندۇرۇشكە ئامالسىز،لىكن،«غەيرى نۇقتا»دىن ئىبارەت بۇ نەزىريەۋى مودىلنىڭ ئەمەليەتتە مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر،«ئېن »(«
مۇتلەق ھەجىم»)ئارقىلىق غەيرى نۇقتىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ.
_______________
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1.
ھىزىنبىرىگ:فىزىكا ۋە پەلسەپە
2.ئالفىرىد.ۋېبېت:«غەرىپ پەلسەپە تارىخى»(ئېنگىلىزچىسى«پەلسەپە تارىخى»،خەنزۇچىگە«ئاتلانتىك ئوكيان پەلسەپە تارىخى»دەپ تەرجىمە قىلىنغان)خىۋادوڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
3.ۋاڭشاۋچاۋ:«يونان پەلسەپەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» شاڭخەي ئۇچ بىرلەشمە نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
4.لوكىرىتسى.كار:«ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى) 1981-يىل نەشىرى.
5.«ئېينىشتىيېن ئەسەرلىرى»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى)1977-يىلى نەشىرى،1-توم 200-بەت
6.«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ،1993-يىلى ئويغۇرچە نەشىرى 744-بەت.
7.بەيدو تورى
8.گوگىل تورى
9. ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:
مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4114&extra=page%3D1
10.
قاسىم سىدىق: فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە تەتقىقات رامكىسى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=61
داۋامى ئەلۋەتتە بار
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7918&extra=page%3D1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 10:50 PM