研究称光由波动粒子共同组成 违反波粒二象性
...............................................................
这证明了暗纹中心是没有光的,并进一步证明了光在表现出粒子性的同时也表现波动性
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
دولقۇننى ھەركەت شەكلى دەپ قارىغان ئەھۋالدا،يۇقۇرقى رىياللىقنى ياخشى چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.يەنى بۇ جۆملىنىڭ ئەڭ ئاددى،ئاممىباپ تەرجىمىسى ياكى ئىزاھى«فۇتون ياكى يورۇقلۇق ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ياكى زەررىچىلەر ئېقىمى بولۇپ،ھەركەت(دولقۇن)ھەم زەررىچىلىك بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىنىدۇ».
«دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت»ئاتالمىش« ۋاقىت»بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.«ۋاقىت(زامان)»قانچە مىكرۇ قىممەت ئالسا ئۇ شۇنچە ئىپادىلەنمەيدۇياكى يارقىن ئىپادىلەنمەيدۇ.ھالبۇكى«زەررىچىلىك»ئاتالمىش«ۋاقىت»چەكلىمىسىگە ئوچرىمايدۇ.
ھازىرقى فىزىكا چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ۋاقىت 0 دەپ ئويلىساق زەررىچەنىڭ مەۋجۆتلىگىنى تەساۋۋۇر قىلالايمىز لىكىن«دولقۇن»نىڭ مەۋجۈتلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.زامان(ۋاقىت)ئامىلىدىن ئايرىلغان«دولقۇن» مەۋجۈت ئەمەس.بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغىنى شەكىللەندۈرۈشكە يەتمەيدىغان ۋاقىت بىرلىگى ئىچىدە زەرىچىلا ئىپادىلىنىدۇكى،«دولقۇنلۇق خۇسۇسيەت ئىپادىلەنمەيدۇ.بۇنىڭدىن بىز«دولقۇن»نىڭ ماھىيەتلىك مەسىلە بولماي پەقەت بىر تەسۋىرلەش ،چۈشەندۈرۈش ئوسۇلى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز.باشقىچە ئىتقاندا «ئېن»نىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن«زامان»نىڭ ھاجىتى يوق،«دولقۇن»نىڭ تەسۋىرلىنىشى ئۈچۈن«زامان»لازىم.
شەكىل نەزەريىسى «زامان سوبىكتىپ كاتىگۇرىيە،ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسىدا زامان مەۋجۈت ئەمەس»دەپ قارايدۇ.كىراك كالىندىر «
زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟»سەرلەۋھەلىلىك ماقالىسىدا «
گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىش كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.»دەپ يازىدۇ.مانا بۇ «دولقۇن ئەپسانىسى»ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز ئۆچۆر.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9328&page=1&extra=#pid28254
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-15 11:38 AM