kataylak يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 04:34 PM
ئەمما بەزى بالىلار باكى مۇشۇ گەپلەر دورا !
سىزنىڭ قارىشىڭىزغا قوشۇلمايمەن
ھەر قانچە ياغاچقۇلاق كەپسىز سەھرا بالىلىرى بولسىمۇ بۇنداق ھاقارەت قىلىشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق
بۇنداق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلاردا روھى جەھەتتىن ئۆزىنى كەمسىتىش شەھەرلىكلەر ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىش، ئىنتىلىش ئالغا بېسىش روھى بولماسلىق ، روھى چۈشكۈنلۈك پەيدا بولۇپ مەكتەپتىن چىققاندىن كىيىنمۇ ئۆزىنى يارىماس ھىس قىلىپ ئاسانلا جىنايەت قاينىمىغا شۇڭغۇپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنى قەدىرلەش ئۆزىنى ھەر قانداق زۇڭتۇڭ ئەلباشلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ كەمسىتمەيدىغان دادىل جۇشقۇن روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، جەمىيەتتىكى رىقابەتلەرگە بوزەك بولۇپ قالمايدىغان باتۇر قىلىپ تەربىيلەش ھەر قانداق كەسىپنى سۆيىدىغان يۇقىرى ساپالىق مەسئۇلىيەتچان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشتارتقۇسىز مەجبۇرىيتى ھەم مەسئۇلىيىتى
بۇنداق قىلمىغان ئوقوغۇچىلىرىنىڭ روھىنى سۇندۇرىدىغان كەمسىتىپ بىخلىنىۋاتقان ئىنتىلىشلىرىنى رەھىمسىز قىرقىيدىغان چالا ساۋات ئوقۇتقۇچىلارنى شاللاپ ئىشەك باققىلى سېلىش ھەتتا تۈرمىگە سېلىش لازىم.