ئۇستازلارنىڭ خاتالىقى ياكى دەۋىرنىڭ خاتالىقى؟
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بېشىدىلا«بۇنى كىم ئوقۇيدۇ؟»دەپ يازىدۇ فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى دېدىرو. ئىلگىرى ئىدىيە ئىنسانىيەتنى ئالدىغا چامداتقۇزغان،كىشىلەر ئىدىيە ۋە پەيلاسوپلارغا ھۆرمەت قىلىشقان دەۋىرلەردە جاھان گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان.
تارىختا شۇنداق گۈزەل ۋاقىتلار بولغان: مەلۇم ئىدىيە كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان،يېڭىچە تەپەككۇرنى ئۇچقۇنلىتىپ،ئىجتىمائىيەتتە ئىنقىلاپ ۋە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان, بىزنىڭ دۇنيانى بىلىش ئۇسۇلىمىزغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان.
بۈگۈنكى كۈنگە قاراپ باقىدىغان بولساق،بىز ئىدىيە نامراتلىقى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز.يېڭىلىقلار سۈكۈتنىڭ،جاسارەت ئىمتىيازنىڭ ئاستىغا بۇسۇرۇلۇپ ياتماقتا.
ئىدىيە يۈكسەكلىكى توغرىنى قوللاش،چۈشىنىش ۋە ئۆزلۈكسىز ئىزدەشتىن كېلىدۇ.ئىدىيۋى يۈكسەكلىكتىن ئىزنا يوق «ھالقىش»تىن گەپ ئېچىش تېخىمۇ قىيىن.
ھازىرقى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى نوقۇل تەجرىبە ۋە مىتودقىلا ئېسىلىۋېلىش بىلەن ئاۋارە(«ئىدىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى»2012-يىل1-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى سانىدىن).
بۇنداق بولغاندا، ئىدىيە يوقسۇزلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشەنچىسىنى،قىزغىنلىق ۋە ھۆرمىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ ھەم ئىلمىي كەيپىياتنى ئايىغى چىقماس كۆلگە ئوخشىتىپ قويىدۇ.
بۇرۇنلاردا ئۇلۇغ ئالىملارنى،پەيلاسوپلارنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورىۋالاتتى،جەمئىيەتكە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەقەززابولاتتى.ئۇلارنىڭ ئىدىيسى ئىختىيارى يوسۇندا كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىدە بولاتتى. نورمال رېتىمى،توغرا فورمىلىرى بىلەن كېلىۋاتقان ئىلىم-پەن ۋە ئىدىيەلەر ھازىرقى كۈندە بىرقىسىم تېتىقسىز ئەخلەت ئۇچۇرلارغا ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇر! بۇلار ئۇستازلارنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى دەۋىرنىڭ خاتالىقىمۇ؟
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9439
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 03:53 PM