ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى! ھەممىڭلارغا يەكشەنبىلىك سالام!
ھەپتىدى بىرى جاپالىق ئىشلىمىسەڭلىمۇ، ئىشقا بېرىپ كىلىپ، كۆپمۇ چارچاپ كەتتىڭلار، بەلكىم. قارىسام بۈگۈن ھاۋا خېلى ئېچىلىپ، ئىللىپ قاپتۇ، سىرىتلارنى ئايلىنىپ، دوقمۇشلاردا گازىر چاققاچ چوڭلارنىڭ قىززىق پاراڭلىرىنى تىڭشاپ كىلەيمىكى دەپ ماڭاي دەپ تۇرسام، مۇنبەردىن ئۇختۇرۇش كەپتۇ. ماۋۇ بىر قانچە كۈندىن كىيىن مۇنبەردە بىر پائالىيەت بولارمىش، شۇنىڭغا بىر مارش يېزىپتىكەن شۇنى رىپتىس قىلىدىكەنمىز. مانا رىپىتىس دىگەنى شامدەك قاتۇرۋەتتۇق. لىكىن ئالدىراپ كەلسەم دوقمۇشقا ئادەم يوق، كەيپىم ئۇچۇپ، خەپ دوقمۇشتا بولمىسا مۇنبەردە باردۇ ماڭا ئوخشاش گازىر چاققاچ، قىززىق پاراڭلارنى ئاڭلاپ قويدىغانلار دەپ، ئىزدەپ كەلدىم.
قېنى باشلىدىم ئەمسە!
****************************************************************************************
بىر كۈنى ھۆكۈمىران ئەپەندى ئۆيدە مۇنبەر باشقۇرۇش ئولتۇرسا، چوڭ بالىسى جىددى كىرىپتۇ:
-دادا،دادا ھويلىمىزدىكى ھېلىقى يۇمىلاق نەرسىنى نىمە دەيدۇ؟
-ماڭ چىقىپ ئۇكاڭ بىلەن ئوينا، مۇنبەرنى باشقۇرۇپ بولالمايۋاتسام، قارا يەنە تېخى نۇرۇن يازمىلار بار تەستىقلايدىغان! تاقايدىغان، ئۆچۈردىغىننى بىر يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن!
...........
-دادا،دادا دەپ بىرە ھېلىقى يۇمىلاقنىڭ ئىسمى نىمە؟
-ھە نىمە دەيسەن؟ قۇدۇق قۇدۇق!
-ھە،ئۇكام ئابايا ئاشۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى
****************************************************************************************
مۇشۇ سۈمەييە قىزچاق ھېيتگاھ تەرەپتىكى بىر ئېلان شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان چاغلاركەن، بىر كۈنى ۋېلىسپىت مىنىپ ئىشقا كىتىپ بېرىپ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپتۇ. قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلغاندا، سۈمەييە ئۆزىنىڭ رەڭ قارغۇسى بۇلۇپ، قىزىل چىراغنى پەرقلەندۇرەلمەيدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
-بۇلىدۇ، ئۇنداقتا سىز ۋېلىسپىتىڭىزنى ئېلىپ قايتىڭ، -دەپتۇ قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭغا بىر يېشىل رەڭلىك كونا ۋېلىسپىتنى كۆرسىتىپ.
-خاتا بولۇپ قالدى، مېنىڭ ۋېلىسپىتىم ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك يېڭى ۋېلىسپىت ،-دەپتۇ سۈمەييە ئىتتىكلا.
****************************************************************************************
نازىلە ھەدىمىزنىڭ توي قىلىپ، تۇنجى بالىسى دۇنيا كۆز ئاچقان ۋاقىتلاركەن. خىزمەت ئىشلىرى بىلەن يىتىشىپ بولالماي ئۆيىگە خىزمەتكار تەكلىپ قىلپتۇ. كەچلىكى نازىلە ھەدىمىز خىزمەتكارغا جىكلەپ دەپتۇ:
-ئەتە بىز جىددى بىر يېغىنغا بارىمىز، ئەتىگەنلىكى يەتتىدە ناشتا قىلمىز، شۇڭا سىز.... دېيىشىگە بالا باققۇچى:
-بىلدىم ھەدە، سىلەر ناشتا قىلۋېرىڭلار، مېنى ساقلىماڭلار، مەن سەككىز يېرىمغىچە ئۇخلايمەن دىگۇدەك
****************************************************************************************
دىھقان ئوغلى بىر كۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋىتىپ رېزىنكە ئايىغى ئىچىگە تاش كىرىپ كەتكەچكە، ئايىغىدىكى تاش-شېغىللارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئېتىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توك تۈۋرىكىنى بىر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپتۇ ۋە بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ رېزىنكە ئايىغىنى سېلىپ يەنە بىر قولىدا ئايىغىنى ئېلىپ قاتتىق سىلكىۋاتقان ئىكەن، بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر ئىشچى ئۇنى يۇقىرى بېسىملىق توك تۇتۇۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يۈگۈرۈپ كىلىپ بىر كالتەك بىلەن دىھقاننىڭ توك تۈۋرىكىنى تۇتۇپ تۇرغان قولىغا قاتتىق بىرنى ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دىھقان بالنىسقا كىرىپ قاپتۇ.
****************************************************************************************
نەپراتجان كۈندە ئاق ساراي بىلەن مۇنبەر ئارسىدا قاتىراپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئۆي ئشلىرىغا پەقەت قارشىپ بەرمەيدىكەن، ئۆزى دېمىكراتىيىنى بەك سۆزلىگەن بىلەن، ئۆيدە دىمكراتىيەدىن ئەسەرمۇ يوقكەن.
خوتۇنى پۇتبۇل گۈزىلىنىڭ ئاچچچىغى كىلىپ:
-ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر ئاز ئىش قىلىشىپ بىرىڭ، مەن سىزنىڭ چاكىرىڭىز ئەمەس- دەپتۇ.
كاپتالىس :
- چاكار سىز كۈن بويى خوجايىننىڭ ئالدىدا توختىماي ۋاتىلداپ تۇردىغان چاكارنى كۆرگەنمۇ؟-دەپتۇ.
-دەرۋەقە، چاكار ئىش قىلسا ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بېرلىدۇ، مىنىڭچۇ؟ سىزنىڭچە مەن نىمە ھىساپلىنىمەن؟- دىگەنكەن.
كاپتالىس :
-سىز ياش پىدايى ھىساپلىنىسىز -دەپتۇ.
****************************************************************************************
فاتىمە ھەدىمىز بەكلا تەلەپچان بولۇپ، ھەمىشە ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئوغلىنى قائىدە-يۇسۇنلۇق بولۇشقا ئۈندەيدىكەن.
بىر كۈنى بۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بىر چاغدا ئوغلى:« ئانا سىيگۈم كەپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. فاتىمە بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكلا ئۇڭايسىزلىنىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، فاتىمە بالىنىڭ ھەر قانداق چاغدا سىيگۈسى كەلسە «ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دېيىش لازىملىقىن تاپىلاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئۇلارنى يوقلاپ كەپتۇ. بالا چوڭ دادىسىغا بەكلا ئامراق ئىكەن. كەچتە بالا بوۋىسىدىن چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئويغىنىپ :«بوۋا، ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. بوۋاي بۇ يېرىم كېچىدە باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمىسۇن دەپ،
نەۋرىسىگە :«ئوبدان بالام، ناخشا ئېيتقۇڭ كەلگەن بولسا مېنىڭ قۇلىقىمغا ئېيتقىن» دەپ پىچىرلاپتۇ.
****************************************************************************************
مارشال ئەپەندىنىڭ ئايالى ئايپاتەم ھەركۈنى ئۆيدە گۈرۈچ تامىقى ئىتىدىكەن. بۇنىڭدىن زىرىككەن مارشال ئەپەندىنى بىر كۈنى سىرتتىن تاماق يەي دەپ ئاشخانىغا بېرىپتۇ.
مارشال ئەپەندىنى:
نىمە تاماق بار ؟ -دەپتۇ.
كۈتكۈچى: پولو ، گاڭپەن ، شوۋگۈرۈچ بار - دەپتۇ.
مارشال ئەپەندىنى تۇرۇپ كىتىپ، ئايپاتەم مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامدا ؟ دىگۈدەك.
يۇقىردا مەن تېلغا ئالغان دوسلاردىن مىنى ئەيىپلىمەسلىكنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jassurman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-15 05:14 PM