蓝狼331 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:24 PM
ياتاقداشلىرىم بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىپتىمەن ، رەھمەت سى ...
يۇمۇرۇڭلار بەك قىززىق ئىكەن،مەنمۇ بىرنى قۇشۇپ قۇياي
بىر ئونىۋېرسىتىتنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۋاپتۇ،مەكتەپ مۇدىرى مەزكۇر ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا مەكتەپكە ۋاكالەتەن رەھمەت ئېيتىپتۇ.
-سىز مەكتىپىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى قوغداپ قالدىڭىز،شۇڭا بىز سىزنىڭ 3تۈلۈك تەلىپىڭىزنى ئورۇنلايلى،سىز تارتىنماي دەلېۋىرىڭ.
ئوقۇغۇچى ئۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپتۇ.
-مەن بىرىنجى يىللىقدا ماتېماتىكىدىن ئۆتەلمىگەن..
ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي مەكتەپ مۇدىرى جاۋاپ بېرىپتۇ.
-مەن تەستىقلىۋەتتىم،ھازىردىن باشلاپ سىزنىڭ بۇپەندىكى نەتىجىڭىز100نۇمۇر بولدى،ئەمدى ئىككىنجى تەلىپىڭىزنى دەڭ.
-بىرىنجى يىللىقدا ئوقۇۋاتقاندا مەن يەنە ئېنگىلىز تىلىدىن ئۆتەلمىگەن..
-بۇنىمۇ ھازىرلا تەستىقلايمەن،بۆگۈندىن باشلاپ بۇپەندىكى نەتىجىڭىز 100نۇمۇر بولدى.ھە ئەمدى ئۈچىنجى تەلىپىڭىزنى دەڭ.
بۇ ئوقۇغۇچى ئويلاپ باقسا ئىككىنجى ئۈچىنجى يىللىقدا يەنە ئىككىى-ئۈچ پەندىن ئۆتەلمىگەن ئىكەن،شۇڭا ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇنداق دەپتۇ.
-قولۇمغا ئوت ئۈچۈرگۈچ بېرىپ،كۈتۈپخانىغا ئوت قويغان بولساڭلار.