bozqir يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:25 PM
مەنغۇ مۇشۇ تېمىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئاپتور چوقۇ ...
تۇرۋېنجان تۇرسۇننى قازاق بولسا كېرەك دەپ خاتا پەرەز قىلغانلىقىمدىن ئۆزرىلىكمەن. ئىزدىنىشتىكى نوشىرۋان قالدۇرغان ئادرېس ۋە بەيدۇدىكى ئۇچۇرلاردىن تۇرۋېنجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلدىم .
ئۆزۈم خەۋەردار ئەھۋاللاردىن قارىغاندا « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» زىيارەت قىلغان 6مۇتەخەسىس ئىچىدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىن بېلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تۇرۋېنجان تۇرسۇنلا دۆلەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتىنى ئالدىراپ تەڭشىمەسلىك ياكى ئۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشتا پىكىرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن .قالغان تۆت نەپىرى دۆلەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتىنى تەڭشەشكە بولىدۇ دەپ قارىغان.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۋېنجان تۇرسۇنىنىڭ « مىللەتلەر سېياسىتىدە ئەكسىچە كەمسىتىش مەۋجۇت ئەمەس »ناملىق ماقالىسى خېلى ئوبىيېكتىپ رېئاللىق ئاستىدا يېزىلغان دەپ قارىدىم. بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم .ئەمما ، بىر ئادەمگە ئۇنىڭ بىرەر پارچە ماقالىسىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمىغۇدەك.
شۇڭا يۇقۇرقى ئىنكاسىم ئۈچۈن سىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن.