ئىزاھات: تورداشلار بۇ تىمىنى ئوقۇپ بىقىڭلار بۇ تىمائانا تۇپراق تورىغا قۇيۇلغان.
شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتلەرگە نەزەر
ئاپتورى:جاڭ بىڭلى
ئۇيغۇر ئىلى ئۈچۈن مىللى زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلار تەرپىدىنلا ئەمەس بەلكى خەنزۇلار تەرپىدىنمۇ ئوتتۇرغا قويۇلماقتا.
مەيلى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى خالىغان خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت زىيالىلىرىنىڭ ئۆز كۆز قارشىنى ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويۇشى ھەرگىز تاساددىپى ئەھۋال ئەمەس، بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىش بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە دائىرىلىرى دائىم دېگۈدەك خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ھېچقانداق مىللى زىددىيەت ۋە مىللى مەسلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكىسچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشلىك ۋە سىياسى ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم شەخىسلەرنى مىللى بۆلگۈنچىلىك، ھەتتا تىرورچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى پىرافېسسورى جاڭ بىڭلى خانىمنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتلەرگە نەزەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەزكۇر مەسلە ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب بەرسە كېرەك.
ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتلەرگە نەزەر
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللەت ۋە نوپۇس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا 1949- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايون نوپۇسىنىڭ %80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2007- يىلى ئاران %47 پىرسەنىتكە چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭدەك بۇ رايوندىكى مىللەت تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ 54 مىللەت تەركىبىگە يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىشدە كۆپ خىل ئامىللار مەۋجۇت.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، سىياسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسي جەھەتتىن ئالغاندا يەرلىك مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن بۇ جايدىكى رېئاللىق كۆرسەتتىكى ئەمەلي سىياسي ھوقۇق ئىزچىل ھالدا خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ھەقىقەتەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللىرى بار، بىراق ھەقىقى ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نامدىكى ھوقۇق ۋە دېمۇكراتىيەنىڭ كۆپ بولغانلىقىنىڭ نىمە ئەھمىيتى…..!!؟
ئۇيغۇر ئىلىدا تەڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر ھاكىمىيەت مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيسى «بىڭتۇەن».
بىڭتۇەنگە قاراپ باقايلى، بۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنزۇلاردىن تەركىب تاپقان ئورۇن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىدى. بىراق ئۇنىڭ مۇستەقىل مەمۇرى، ئەدىلىيە، ئىقتىساد ھەم نوپۇس تۈزۈمى بار. بۇنداق بىر رايوندا ئىككى رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش مودىلى كۆپلىگەن ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقى بۇ جايدا ئەمەلى ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقنىڭ يوقلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، سىياسى جەھەتتىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، سىياسى باراۋەرسىزلىكنىڭ مىللى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسى ئامىل بولغان.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىقتىساد ئامىلىدۇر.
ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور پەرق بار، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدا ئىقتىسادى تەكشىسىزلىك ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىدا نامۇۋاپىقلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئىلىدىكى بايلىقلار جۇڭگو ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، قاراماي ۋە تارىم نىفىتلكلىرى جۇڭگۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان نىفىتلىكلىرىدۇر، پاختا، بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى جۇڭگونىڭ ئىمپورت قىلىش بېسمىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتماي مۇمكىن ئەمەس، ئەمما مانا مۇشۇنداق مول بايلىققا ئىگە ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەلىقلەر بۇ بايلىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولالمىدى. بۇ يەردىكى نىفىت، تەبىئىي گاز، پاختا قاتارلىق مۇھىم بايلىقلار سىرىتقا توشۇلۇپ شەرقى قىسىم رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىۋاتىدۇ. ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش ئىشلىرىنى ئاساسلىقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك كىچىك شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشش پۇرستى ئاساسەن بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈشى ۋە خەلىققە ئەمەلى پايدا ئېلىپ كەلدى دەپ ئېيتالمايمىز. بۇ يەردىكى خەلىقلەر ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى ئېچىپلا قاراپ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزلىرى بەھرىمان بولالمىدى. بۇ خىل ئېلىپ كېتىش رولىنى بېجىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئاچچىق ۋە غەزەپ-نەپرەتلەرنىڭ خەنزۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىشىنىمۇ پەرەز قىلىش مۇمىكىن.
پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى ۋە سىرىتقا چىقىپ ئىشلەشتىن كېلىدۇ.
ئىشسىزلىق مەسلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى كۆپلىگەن ساھەلەردە يەنى پۇل مۇئامىلە، ھەربى ۋە ئالاقە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللەت چەكلىمسى بار، دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار شۇكى بۇ ساھەلەرگە ئاساسىلىقى خەنزۇلار قوبۇل قىلىنىدۇ، ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەسكى بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل مىللى كەمسىتىشنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى كىرىملەر مىللى زىددىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئىلدىكى مىللى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى بۇ مەدەنىيەت مائارىپ مەسلىسى بولۇپ، قوش تىللىق مائارىپ بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
بىر مىللەتنىڭ تىلى ئالاقە قۇرالى بولۇپلا قالماستىن، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر ئىلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە قانداق بولۇۋاتىدۇ..!؟ خەنزۇ مەكتەپ بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇئەللىملەر پەقەت خەنزۇ تىلىدا دەرس سۆزلەشكە بەلگىلەنگەن. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە مىللى تىلنى ۋە مەدەنىيتىنى ئۈگىنەلمەيدۇ. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، خەنزۇ تىلىنىڭ قوش تىللىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن قوغلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەنسىرەش ئىدىيىسىنى ئۇلغايتىۋېتىشتىن ئىبارەت. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئاللىقاچان چەتكە قېقىۋېتىلدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا ئالاقە قىلىش قېيىن بولدى، مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى رىقابەتكە دۇچ كەلدى. مىللى ئاڭ بارغانسېرى ئاجىزلاشتى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئارىسىدا قوش تىللىق مائارىپ پۈتۈنلەي ئاسمىلاتسىيە بولۇپ قالدى. بۇ خىل خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خەنزۇلارنىڭ ئوبرازى يەنە بىر قېتىم چۈشتى.
دىنى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشنىدۇ، بىراق خەنزۇلارنىڭ كۆپنچىسى دىنسىز، ماركىسىزم بىلەن ئاللاھ بىر-بىرىگە زىت بولۇپ، ماتېرىيالىزم بىلەن قۇرئان ئۆز-ئارا چىقشالمايدۇ. بۇ ئىككىسى ئوت بىلەن سۇدەك قارشى، كۆپلىگەن خەنزۇلار دىننى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىپ، دىننى بىر خىل خۇراپىلىق دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. يۇقىرىقى بىر قاتار زىددىيەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مېنىڭ قارىشىمچە، كەمبەغەللىك، باراۋەرسىزلىك، خاتا چۈشۈنۈش ۋە ئايرىمىچىلىق قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەگەر، كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇپ بارلىق پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى باراۋەر، ئۆز-ئارا ھۆرمەت، چۈشۈنۈش ۋە ئالاقىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا شانلىق تۆھپىلەر مەيدانغا كەلگۈسى!
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادىمېيىسى
ئانا تۇپراق تورىدىن كۈچۈرۋىلىندى.
2012-4-19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Welihan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-20 11:09 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-22 10:33 AM):