cholpan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:43 PM
تۇيۇقسىزلا، ماۋۇ ئەسىرىڭىزنىڭ تىمىسىدىن قۇسۇر تاپقۇم ...
1.ئەسەرنىڭ تۇنجى تەسىرى، يەنى ئىملاسى بەكلا خەتەرلىك ئىكەن.
2.مەزمۇن جەھەتتىن خېلى چوڭقۇرلۇقلارنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشىپتۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئېففىكتلىرى تەسىرىدە پەيدا بولغان ئوخشىمىغان ئادەت سۆزلىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشلار كىشىنى ئويغا سالىدىكەن.
3. ئەمدى تېمىسى "ئۆلۈم گۈللىرى"گە كەلسەم، ئەسەر بىلەن باغلىنىشىنى تاپالمىدىم. قەبرە گۈللىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىياللار بەك بىر تەرەپلىمە بوپ قالغان. قەبرىلەرگە گۈل تېرىپ قويۇش، قەبرە ئەتراپىدىكى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قەبرە ساھىبىنى يوقلاپ كەلگەنلەرگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، ھەشەمەت قوغلاشمىغان ئاساستا، قەبرە ئەتراپىنى گۈزەللەشتۈرۈش، خاتىرە يۈزىسىدىن ئىسمىنى يېزىش ئادەتلىرىنى باشقىچە خىيال قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارايمەن. بۇ بىر مەدەنىيلككە مەنسۇپ بولغان ئىش.
4."ئۆلۈم گۈللىرى"، "ئازاب گۈللىرى" يەنە ئاللىقانداقتۇر "جەسەت گۈللىرى" دېگەن تېمىلار ھەققىدە ياكى كېلىش مەنبەسى ھەققىدە قارايدىغان بولساق، كىشىگە مودا قوغلىشىش ياكى دوراش تۇيغۇسىنى بېرىدىكەن. چارلىس بودىللىرنىڭ 1857-يىلى نەشر قىلىنغان "رەزىللىكنىڭ گۈلى" (رەزىل گۈللەرمۇ دېيىلىدۇ)دىن باشلانغان مودېرنىزم ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىگە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدەك مەيلى غەرب ئەدەبىياتىدا بولسۇن، مەيلى خەن ئەدەبىياتىدا بولسۇن ياكى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسۇن بۇ خىل ئىللەتلەردىن خالىي بولالمىدى. "گۈل" ئېچىلمايدىغان "قاقاس"لىقلارغا گۈل تېرىيدىغان قەلەملەر ئاۋۇپ كەتتى. تور ئەدەبىياتىمىزغا قارايدىغان بولساق، "ئۆلۈم لىرىكىسى"، "ئۆلۈم گۈلى"، "ئۆلۈم كۈلكىسى" دېگەندەك تېمىلاردىكى ئەسەرلەر خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن نۇرغۇن قەلەم ئىگىلىرى مەن بودېللىرنى تونۇمايمەن، "رەزىللىكنىڭ گۈلى"نى ئوقۇمىغان، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيىشى مۇمكىن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى زەنجىرسىمان تارقىلىشنىڭ مەھسۇلى. تېمىدا بۇ خىل قېلىپبازلىق ياكى دورامچۇقلۇقتىن ساقلانغان ياخشى. ئەلۋەتتە "گۈل" ئېچىلدۇرۇپ بېقىش كېرەك، ئەمما باشقىچە گۈللەر بولغىنى ياخشى.