مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

(ئۆزھال) ئۆلۈم گۈللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79047
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:10:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14837
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئۆلۈم گۈللىرى›  مېنىڭمۇ بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ...بۇ گۈللەر پەقەت ياۋرۇپالىقلارغىلا خاس گۈللەر ئەمەس ھايات ۋە ياشاش قەدرىنى ھېس قىلغانلارغا يېقىنلىشىدىغان گۈللەر...
  ئۇزۇن بوپتىكەن ياخشىراق بىرەر پارچە ئەسەر ئوقىمىغىنى...
    بۇلار دەۋىردۇ-ئۆزھال،بىز يەنىلا تۈزۈتۈپ ئوقىلىۋىرمىز...

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:22:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھەممىز ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېىتىغۇچىلارمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:49:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم داڭگالسىنى سىغىندىم  . زىندان قەسىدىسىنى يىزىۋاتىمەن . ئالا جوقا سۆزلىگەنلەرنىڭ بىزنى دارغا ئېسىشتىن باشقا ھىچ ئىشقا كۈچى يەتمەيدۇ . ياشىسۇن ئۇيغۇرنى دەپسەندە قىلىدىغان چەكسىز ھوقۇق. تاللىشىمىزنى ھۈرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان قىرىنداشلىرىمىز دارنىڭ يىپىنى ئەشكۇچىلەردۇر  . بىزنىڭ ياشىغانلىغىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئەيىپ ھەم گۇناھ .  بىز قانداق دەۋىردە ياشاۋاتىمىز ھەي قانداق دەۋىردەياشاۋاتىمىز  ؟ بوپتۇ ياشىسۇن . مىنى تىللىغانلارنى مىنى سۈيۈپتۇ دەپ ياشاي چۈنكى بۇ ۋەتەن . ئانا تىل ۋەتەن تىل ھاقارەت ۋەتەن . ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئەمەس مىڭ جىنىم پىدا بولسۇن . قىنى ئەي مەن كۈتكەن ۋەتەنلەر قىنى سىلەر . بەھۇزۇر كىلڭلار . لىكىن يۈزۈڭلار قىزارمىسۇن . چۈنكى سىلەر قەھرىمان بولساڭلار مەن ئەڭ ئەرزىمەس ئادەم قىنى كىلىڭلار قەھرىمانلار كىلىڭلار ...........................................................................................

ئۆزھال --

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 01:49 AM
قىرىندىشىم داڭگالسىنى سىغىندىم  . زىندان قەسىدىسىنى يى ...

   ئەپەندىم، ئازراق ھاياجانلىنىپ قالدىڭىز، قارىسام سىزنىڭ بۇ يازمىلىرىڭىزنى ھەر تەرەپتىن باھالاپ كۆرگەن تورداشتىن بىر مەن يالغۇز بار ئىكەنمەن. لېكىن سىز بۇ يەردە ئاللىقانداق بىر تۈركۈم رەزىللىك ۋەكىللىرى سىزنى تىللاپ كەتكەننىڭ گېپىنى قىلىپ كېتىپسىز. قەيەردىكەن ماڭا بىر كۆرسىتىپ قويۇڭە. سىز تىللىنىشتىن ئارتۇقچە تەمە تارتىپ كەتكەندەك قىلىسىز. خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ خىل ھوزۇر سىزگە نېسىپ بولمايدۇ. مەن پەقەت ئىملاسىغا قارىسام سەل قۇسۇر جىقكەن، شۇنىڭغا بېقىپ يەنە باش تېما بىلەن ماۋزۇ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى راستلا ئەرزىمەس ئادەم بولسىڭىز، مەن قەھرىمان بولاي. سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز قايسىدۇر «关云长» فىلىمىدىكى ساۋساۋنىڭ سەھنە سۆزىنى ئەسلەتتى. كىمنىڭ قەھرىمان كىمنىڭ ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاۋام بەلگىلەيدۇ.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئۆلۈم -ئەڭ يېتەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51936
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5826
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-8-17
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 01:50:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=right]ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ئۆزھال ئەپەندى.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولغاي.ھېسلىرىمنى دوستانىلارچە پىكىر دەپ چۈشەنگەيسىز .(1) يازمىڭىزدىكى <بىۋاپا دۇنيا>،<مۇدھىش ھايات>دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش ئسلامنىڭ روھىغا خىلاپ.چۈنكى زامان،تەقدىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدەئۇ جانسىز نەرسە.ئۇنى تىللاش،قارغاش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارىشى سۆزلىگەنلىك.بۇ ھەقتەئىسلامى مەنبەلەردىن ئىزدەنسىڭىز.(2-)<ئاۋال ئادەم بول ،ئاندىن ئوغرى بول>دېگىنىڭىز مەلۇم نۇقتىدىن تۇغرىدەك تۇيۇلسىمۇ خاتا سەپسەتىدۇر.ئادەم بولۇش ئادەمدىكى كامىللىققا قارىتىلۋاتقان سۆز تۇرسا ھەقىقى ئادىمىلىككە خىلاپ ئوغرى بولۇشنى  تەرغىپ قىلىش خاتادۇر.ئىسلام شەرىئتىدە ئوغرىلارنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قارىتا قولى كېسىلىدۇ.ئەلۋەتتە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ.بەزىلەر بۇ بەك ئېغىر جازاكەنغۇ دېيىشى مۇمكىن .بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى نەچچە يۈز يىلدا ئاران تۆت ئوغرى چىققان ئىكەن.بۇ قۇلىنىڭ كىسىلىشىدىن قورققانلىق بولۇپلا قالماي ئاللاھقا بولغان بولغان ئىتائەتنىڭ  نەقەدەر  ئومۇملاشقانلىدۇر .(3) <دۈم يېتىپ يىغلاش>توغرىسىدىكى يەرلەرنى ئوقۇۋىتىپ ،ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈك ئەپەندىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ {بۇ ئا.جالالىدىننىڭ سۆزى} جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۈم ياتقانلىقىنى كۆرۈپ<<ئى جۇندۇپ !دۈم ياتما.بۇ دوزىخىيلارنىڭ يېتىشىدۇر >>دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى.(4)ساراڭ ئوڭشالغۇچە،ئۇخلاۋاتقان ئادەم ئويغانغۇچە...قەلەم ئۇلاردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىلىدىغانلىقى ئىلاھى ئەمىردۇر.شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ بەزىدە ساراڭغا  ھەۋەس قىلىپ قالىمەن ،ئەممائەقىلدىن ۋاز كېچىپ ساراڭلىقنى ئارزۇ قىلىش ئاللاھ بەرگەن نېمەتكە ناشۈكۈرلۈكتۇر.بۇ جاھالەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارا  ئەرزىيەتلەرگە سەبىر قىلىش،ساراڭلار ئارسىدا ساراڭ ئاتىلىپمۇ ئەقىل يۈكسەلىكىدە ياشاش ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشتۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى(س.ئە.ۋ)مۇشرىكلار ساراڭ دەيتتى،شائىر دەيتتى.ئۇ زات سۈكۈت قىلاتتى ،چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ كۇپايە ئىدى. قېرىندىشىم !قەلبىمىز جاھالەت مەجنۇنلىرى تەرىپىدىن زەخمە يېگەن چاغدائەقىل دۇلدۇللىرى ئۈستىدە بەرقارار ئولتۇرۇشنى ياراتقۇچىمىز نىسىپ قىلغاي.(5)ۋەتەن ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەر ھالدابۇرۇن يازغاندەك ‹‹بىراۋ ماڭا بەرسىمۇ جەننەت،كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن››دەپ بىلمەيلا جۆيلۈپ سالمىغانلىقىڭىزدىن ھەرھالداسۆيۈندۈم.ئەمما ‹‹ۋەتەن سەزگۈسى دىننىڭ....ياكى ھەرقانداق كۈچكە بويسۇنغان ئەمەس دېگىنىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن.ۋەتەنمۇ ،سەزگۈمۇ،.....ھەممىسى ئاللا ھنىڭ .دىنمۇ ئاللاھنىڭ.دىنغا بويسۇنمىغانلىق= ئاللاھقا بويسۇنمىغانلىق.بويسۇنماسلىق  ئازاپتۇر.ئىبلىس ئەقلىگە ئىشىنىپ ئۆكتە قوپتى، ئازاپقا نائىل بولدى. ۋەتەننى  جەننەتكە تېگىشمەكچى بولغانلارسىزلا ئەمەس،بىزدە كۆپ،خۇددى سىلىشتۇرىدىغان نەرسە تاپالمىغاندەك.خۇددى جەننەتنى  ئاللاھ ئەمەس ئاتالمىش بىراۋلار ‹ئالە،ئاداش ›دەپ بېرىۋىتىدىغان بۇيۇمدەك...ئۇلارچە جەننەت ئەپسانىلەردىكى بىر نېمىلەردەك مەۋھۇم.شۇڭا چوڭ بىلمەي ياراتمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەسلى ۋەتىنى دەل جەننەتتۇر.ئادەم ئاتىمىز ئەسلى ۋەتىنى جەننەتىن كەلگەندۇر.بۇ دۇنيادىكى ۋەتىنىمىزنى قانچەسۆيسەك، ئەسلى ۋەتىنىمىزجەننەتكە يېتىش ئۈچۈن چەندان -چەندان ئاشىقى بىقارارلىق،ئىلاھقا ئىتائەتمەنلىك بولمىقى زۆرۈردۇر.شەيتانغا ۋەتەن بولمىش جەھەننەم شەيتاننى ئىلاھ بىلگەنلەرگە ئەلۋەتتە جايىزدۇر.چۈنكى ئۇلار  ئاللاھنى تەرك ئەتكەندۇر . قېرىندىشىم!ئۆزھال،مەنمۇ يىگىرمە يىللىق ئەدەبى ھەۋەسكارلىق ھاياتىمدا ئېلان قىلدۇرغان بەزى  ئەسەرلرىمدىن ۋاز كەچتىم.چۈنكى مەنمۇ غەرپ مائارىپى،غەرب ئەدەبىياتىنىڭ دۇلقۇنىدا يۈرگۈزگەن غەربچە تەپپەككۈرۈمنىڭ  ئىلاھى يوليورۇققا زىتلىقىنى بىلىپ تەۋبە قىلدىم.ئاللاھ سىزگە مەڭگۈ ساغلام تەپەككۇر ئاتا قىلغاي.پىكىرلىرىمدىن رەنجىپ قالغان بولسىڭىز كەچۈرگەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79540
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ خاراكتىرى تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ ....بۇ راس....تۇغۇلغىنىغا خوش،گۆش يەپ ،ھۇزۇرلىنىپ راھەت كۈلگەندە،........تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىىلىپ ئاتا-ئانىسىنى ...دۇنيانى تىللايدۇ....بىر پارچە نان تېپىپ يىيەلمەي ئاچ قالغاندا.....ھاياتلىق .ئىسسق قان.....ئاللانىڭ بىزگە بېرىپ تۇرغان ئۆتنىسى....ئۇنى جايىدە ئىشلىتەلمەي يەنە كىمنى تىللامىز .....رەھمەت دوستۇم،ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ) ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﯩﻨﻰ؟ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﯩﻨﻰ ؟      

ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﯩﻤﻪ . ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻣﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻼ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻛﺎ ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻻﻡ ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯘﻣﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ . ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﻰ . ﮬﻪﻱ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﭘﺘﯘﻕ ﺟﯘﻣﯘ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﯓ ﮬﺎﺭﻣﺎﯓ ﺩﺍﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻳﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﮬﻪﻱ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺕ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮬﺎﺭﻏﯩﻦ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻟﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻤﯘ ﮬﯧﺴﻴﺎﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺵ . ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﺩﻩ ﺟﺎﻻﻗﻼﭖ ﺳﻮﻗﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ . ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺳﻮﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﯩﺴﻴﺎﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﮬﻪﻱ ﻛﯩﻢ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻟﺘﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭼﯘﺭﮔﯩﻠﯩﺘﭗ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﮬﻪﻱ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺭﺍﺱ ﺷﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﺘﺎ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻖ ، ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ . ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭼﯘﺷﺸﻪﻙ ﻛﯩﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺳﻪﯞﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯩﺮﯞﺍﺗﻘﺎﻥ . ﮬﻪﻱ ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻧﯘﮔﯘﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﻗﯩﻴﻐﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﯨﻤﻐﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺳﺎﯞﺍﻏﺪﺍﺷﻼﺭ ﻧﻪﯞﺭﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯞﺍﺗﻘﺎﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﻪﺯﮔﻪﻧﺪﻩ .ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﺰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﯩﻨﻪﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ . ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﺪﻩﻝ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﺵ ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ . ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻐﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﺸﯩﭗ ﮔﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﭘﻠﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻟﮕﻪﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﻟﮕﯘﺭﻣﻪﻳﻼ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﺮﯨﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻮﺯﯨﻜﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﻰ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻣﺎﻛﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﺎﻟﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯘﺗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻛﯘﺗﯩﯟﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ . ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻨﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﻣﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯘﺭﯗﻧﻤﻪﺱ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﺎﺟﺎﭖ ﻛﻮﻧﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ . ﺋﯘﻟﯘﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪ ﺗﯩﺨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﯨﺴﻪ ﺗﯩﺨﻰ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻻﻗﻼﭖ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﺪﯨﻢ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ .
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺳﯩﺮﯨﺘﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﻝ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﭘﻼ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﭽﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻳﺪﻩﻙ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺭﻭﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺘﯩﻨﻰ ﻛﯘﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺭﯗﺷﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﯩﺪﯗ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﻤﯩﺰ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯚﻣﯘﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﮔﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﻚ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻛﺎﻡ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﻛﺘﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻟﯩﻖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﺰﻻﺭ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﺘﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﯩﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﻪﻙ . ﺗﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﻳﻮﻕ . ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻳﻮﻕ . ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﯓ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ . ﺭﺍﺱ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﺭﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﺗﯘﮔﻪﭘﺘﯘ . ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯘﺭﯗﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯘﺷﺘﯘﻡ . ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺭﻭﮬﺴﯩﺰ ﭼﯘﺷﻜﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻣﻪﺱ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﺗﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﻰ ﺗﯘﻛﯘﭘﻼ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻛﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﻩﻣﮕﻪ ﭼﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯩﻐﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻱ ؟ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻐﻠﺸﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯘﺭﯨﻤﻪﻥ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻣﻤﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﭙﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﯩﺮﺗﯩﺶ ﮔﯘﺩﻩﻙ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯘﻳﮕﯘﺳﯩﺪﯨﻼ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺳﯩﻤﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﺭﺍﺯﻯ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﯨﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﯞﺍﻱ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻛﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨﻜﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ . ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﭗ ﭼﯩﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻱ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﭼﯘﻧﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻪﻙ ﺗﯩﺰ . ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﻗﺘﻪﻙ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺗﯩﺰ ﺗﯩﺰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﻩﺗﻤﺴﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﺎﻟﻠﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﻨﻰ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯨﺘﻪﺭﻣﯩﺶ ﺷﯘﯕﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯩﻠﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﻐﯩﺪﻩﻙ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ .
ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺨﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ . ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﻨﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺸﻤﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ .ﺑﺎﺭ ﻛﯘﭼﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯩﺮﺷﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﯩﻤﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﺎﭘﺎﻗﯩﻠﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﯩﻠﮭﻪﻡ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺭﺟﯘﻧﺪﯨﻪﻙ ﺑﻮﺵ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ . ﺋﯚﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﻣﯩﺖ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ . ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺷﯘﮬﺮﻩﺕ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ . ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﻩ ﺳﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﯨﻴﺪﯗ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ . ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﭘﯩﺘﻰ . ﺑﯩﻠﻤﯩﻰ ﺗﯘﺭﻗﻰ ﻛﺎﺳﺘﯩﻴﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭘﯩﻨﮭﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﻝ ﮬﻪﻡ ﺗﯩﺨﻰ ﮔﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﯩﻨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻛﯘﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﻖ ﭼﯩﻐﯩﻤﯩﺪﺍ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﯩﻨﻰ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮬﺎﺭﺍﻕ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺸﯩﻨﻰ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻨﻰ ﻛﯘﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﺘﯩﺸﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﯩﻨﺴﯩﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﭘﯘﺗﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺑﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﯩﻤﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺟﻮﮬﯩﺖ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭽﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻼﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﻤﯩﺰ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﺘﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﯧﺴﯩﻖ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯨﻤﯩﺰ . ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻻﻱ ﺟﯘﻣﯘ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﻤﯩﺰ . ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﺘﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯘﭖ ﺑﻮﻟﻤﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺭ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯩﺪﻩﻙ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺰ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﯖﻰ ﺋﯩﻐﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻗﻪﺳﻪﻣﻠﻪﺭ . ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻥ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺵ. ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯘﻛﯘﻧﯘﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺴﻴﺎﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻪﺧﺘﯩﺴﯩﺰ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯩﻐﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺗﺎﭘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﯨﺴﻤﯩﺰﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﺳﻤﯩﺰ ﺭﺍﻙ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﺮﯨﻤﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻐﯩﻨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯚﻟﻜﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﺘﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺖ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺩﯙﻡ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺩﯛﻡ ﻗﻮﭘﻮﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺑﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺘﯘﺷﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﯟﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺰ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻪﻙ ﮬﯩﭻ ﻧﻪﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺰ . ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﺯ ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻣﻐﺎ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﻐﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﻟﺰﺍﻛﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﻪﻙ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺯﻯ ﺋﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﺳﻮﯞﯨﻐﺎﻥ . ﺗﻪﻥ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ . ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﻣﯩﺘﺴﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﮔﻪﺷﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯘ ﺗﯘﮔﻪﻳﺪﯗ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻡ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى سۆزۇم

ئەي دىلرابا . مەن ۋەسلىڭنى ئىزدەپ ، ساڭا ئىنتىلىپ بىئازار كۇڭلۇم رەخمە يىدى . مەن جاراھەتلىك ئەسلىمىلەر ئىچىدە ياشاپ ھاياتىمنىڭ بۇگۇنىگە نەزەر سىلىشتىن تامام بىزار بولدۇم . مىنىڭ ھاياتىم وەقەت ئاخىرى چىقمايدىغان قارا چۇش ئىچىدە مەۋجۇت بۇمۇ يەتمەمدۇ ؟ ئىچىلماي سۇلغان گۈلنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ۋىسالىغا يەتمىگەن مۇھەببەتنىڭچۇ ؟ جۇدالىق بىلەن ۋىسالنىڭ . ھايات بىلەن ماماتنىڭ . خۇشاللىق بىلەن شادىلىقنىڭ ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارلىقنى يىقىن قىلىشقا بىر غىرىپ يول . بىر تەبەسسۇم . بىر نەپەسلىك كۆڭۇل قارارى كىتەتتى . سەن مەندىن شۇنى ئاياپ ئىرىشكىنىڭ نىمە بولدى ؟  مەن قان قۇسقان كاككۇكتەك يىرىم جان ھالەتتە دۇرا كار قىلمايدىغان بىمار بۇلۇپ ياتقىنىمدا يەنە سىنى ئەسلىدىم بۇمۇ يەتمەمدۇ ؟ بىر قىتئەنىڭ ئەڭ يىقىن يىرىدە بىللە ياشاپ سىنىڭ مۇز مىنىڭ ئوت بۇلۇپ يارىلىشىم نىمە سەۋەپتىن ؟ مىنىڭ ياراتقۇچىدىن سورايدىغان مۇشۇ بىرلا سۇئالىمدىن باشقا سۇئالىم يوق . ئىككىمىز ھاياتنىڭ ساپىننى ئوخشاشلا لىۋىمىزنى چىڭ چىشلىگەنچە بارلىق كۈچىمىز بىلەن سۆرەۋاتىمىز . لىكىن مەنزىل ئۈلۈمنى كۇتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەگەر ھايات بىلەن ئۈلۈم كىسشكەن جايدا ئۇچۇرشۇپ قالساق مەن ئازاپلىق كۇڭۇل بىلەن سەن ئاسىيلىقتىن باشقا ھىچ نەرسە تاپقىلى بولمايدىغان بىر كۇڭۇل بىلەن ئۇچراشمىساق بۇلاتتى . لىكىن بىز ھەممىگە كەچ قالدۇق . قوياش چۇشتى . بۇغداي پىشتى ئورۇلدى . قوغۇن پىشتى ئۇزۇلدى . گۈللەر ئېچىلدى توزىدى . لىكىن مەن مىۋىلىك دەرەخ بۇلۇش ھالىتىدە يىگىلەپ قۇرۇدۇم . سەندىن سوراي سەنچۇ ؟ گۈلۈڭ ئىچىلدىمۇ ؟ بۇغدايلىرىڭ چەشلەندىمۇ ؟ قوغۇنلىرىڭ ئۇزۇلدىمۇ ؟ چىغىر يوللىرىڭ مەنسىز كەڭ بولدىمۇ ؟ ئازاپلىق دەقىقىلەر مەنسىز ساڭا يار بولدىمۇ ؟ بەختلىك بول دىلرابا . مەنسىز مەڭگۇ بەختلىك بول . مەن ياشىماسلىققا ئىلاجسىز قالغان دەقىقىلەردە ساختا بەختكە ئورالغان ھاياتىمدىن مەڭگۇلۇك ناخشىلارنى پۇتۇپ سىنىڭ ھايات ئىتىزىڭنى ياشنىتاي . چۈنكى مەن سەنسىز مەڭگۇلۇك جۇدالىققا بەندە بولغان ئەر . سەن نەسىل قالدۇرۇشنىڭ ئۆمىدى بولغان تۇغۇت ئانىسى . شۇ تاپتا مىنىڭ ھايات يولۇمدا تىخىمۇ ئىگىز داۋان كىرەك . ساڭا بولسا ئەسلىمە ئىچىدە كۇڭلىنى خۇشلايدىغان ناخشا كىرەك . مەن شۇ تاپتا سەن ئۇچۇن ناخشا ئىيتتىم ئاڭلاۋاتامسەن دىلرابا ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79648
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3141
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 08:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئولۇم ئولۇم دېدىڭ- نىدىركى گۈلۈم...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش