arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:30 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم kizzik99 ئەپەندىم ! سىز مىنىڭ مەخسىدىمن ...
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
خان ئاچا سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي- مەن «نېمە» ئەمەس بەلكى ياراتقۇچۇم ياراتقان ئادەم بالىسى، يەنە شۇنىڭدەك پىكىر-تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم. ئاللاھنىڭ بىر مۇكەممەل ياراتقان ئادەمنى بىر ئەرزىمەس «نېمە» بىلەن باھالىساق سېلىچە ئېتىقادىمىزغا ئۇيغۇن كىلەرمۇ؟ «نېمىتتىڭىز» دەپ كەتكۈدەك ئۆزلىرى ياراتقۇچىمىزنىڭ مۇكەممەل ياراتقان ئادەمدىن باشقا تۈردىكى مەخلۇقاتلاردىن ئوخشىماملا؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسىلا ھەممىمىز ئادەمدۇرمىز. شۇڭا شەيتاننىڭ قىلىقى بولغان كىبىرلىكلىرىنى تاشلاشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم ئۆزۈمنىڭ ياراتچۇقۇم ئالدىدا ئاجىز بەندە ئىكەنلىكمنى تېخى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئاۋارە بولمىسىلا.
سۈزۈمگە كەلسەك: سىلى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئەشۇنداق بىراۋنىڭ دىلىدىكىنى بىلمەستىنلا ھەقنى دەلىللىدىم دەپلا ھۆكۈم پىچسۇن دېگەنمۇ؟ ياكى بىۋارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا- خاتالىقىنى ئايرىشقا، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە بۇيرىغانمۇ؟ مەن بۇ يەردە خاتالاشقۇدەك ئىسلام دىنغا گۇمانىي تۇيغۇدا قارىمىدىم ياكى سىزگە غەيىپ ئىشلارنى بىلىمەن دېمىدىم، پەقەت بىۋارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە قاراپ شۇ كىشىگە باھا بەردىم خالاس. مەخلۇقاتقا باھا بەرگىنىم قانداقسىگە ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىگە گۇنانى تۇيغۇدا قارىغانلىق بوپ قالدى؟
سىلىدىن سوراپ باقاي، بۇ ئىنكاسلىرىنى مېنىڭ دىلىمدىكى مەقسىدىمنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىگە تايىنىپ يەكۈنلىدىلە؟ مىنىڭ دىلىمدىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ماڭا گۇمانخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك قالپىقىنى كېيدۈرگەنلىرى سىلىنىڭ تەپەككۈرلىرى بويىچە گۇمانخورلۇققا كىرىپ، گەرچە ھەقنى يەتكۈزگەن، ئەمما ئۆزى ئەمەل قىلمىغان كىشىدەك، ئۆزلىرى يەتكۈزگەن ھەققە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغان بوپ قالماملا؟ بىر ئىشنىڭ توغرا خاتاسىنى ئايرىش ۋە بىراۋنىڭ ئىشلىرىغا قاراپ باھا بېرىش ئىسلامغا گۇمانى ھېس تۇيغۇ بىلەن قاراشقا كىرسە، ئۇنداقتا سىلى ئېيىتقان ھەق ھايۋاندەك پىكىر قىلماي قارىغۇلارچە ئەگىشىنىشنى بۇيرىغانمۇ؟