مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arzuumut

جانابى ئاللاھ نىڭ ھۈكۈمىدە قانداق كىشىلەر تەرسا كىشىلەردۇر ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arzuumut يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 09:19 PM
سىزنىڭچەئۆزلىرى نەپسى خاھىشلىرغا  ئەگىشىپلا ھېچ قاندا ...

مەن ئۆزۈمنى ئىلىمدار دېمىدىم بەلكى ئىلىمدارلاردىن چۈشەنمىگەن يەرلىرىمنى سورىدىم خالاس. سىز جاۋاب بېرىش دىگۈل مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، كىشىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىپ، مەندىن دەلىل تەلەپ قىلىۋاتىسىز. ئەگەر راستىنلا پىتنە خورلۇق قىلمىغان،  ئىلىم يەتكۈزۈش نىيتىڭىز بولسا ئۈستىدىكى سورىغان سوئالىمغا چۈشەنچە بېرىڭ.

.          دىللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17725
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15295
تۆھپە نۇمۇرى: 2715
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سىزنى ئۆزىڭىزنى ئىلمدار دەپسىز دىمىدىم ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىلىم ئەھلى ئەمەسلىكىڭىزنى ئۆزىڭىز  ئىخرار قىلىۋېتىپمۇ يەنىلا سورغان مەسىللەرگە ھەقنى دەلىللەپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىلسىمۇ  ئۇنى پىكىر تەپەككۇر قىلماستىنلا ئايەتلەرنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتىڭىز دەپ ئۆزىڭىز ھەقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ،ئايەتلەرنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقى ئۈستىدە ھۈكۈم چىقارماڭ دەۋاتىمەن .
شۇڭا سىز باشقىلارنىڭ ئىلمىدىن ،ھەم قەلبىدىن ئۇنداقلار نىمىنى بىلەتتى دەپ
گۇمانلىنىپلا يۈرمەي نەخ بار يەنى ھەربىر  تىمىلاردا دەلىللىنىۋاتقان ئاللاھنىڭ ھەق سۆزلىرنىلا پىكىر قىلىپ كۆرۈشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ مەن سىزگە ئۆتكەن قېتىم ئىنكاسىمدا مۇشۇ ۋەھى توغۇرلۇق ئىنكاس قالدۇرغان ئېھتىمال بۇمۇ ئەخلەتكە چىقىرىلغان بۇلۇشى مۇمكىن . بۇ توغۇرلۇق يەنى مەن سىزگە ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتلىرنى يوللاپ قويدۇم . قەنى بۇلارغا سىز  نىمە دەيسىزكىن ؟
يەنى [ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا:‹‹ماڭا ۋە مىنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار››دەپ ۋەھى قىلدىم .ئۇلار:‹‹بىز ئىمان ئېيتتۇق ، گۇۋاھ بولغىنكى ، بىز( ئەمىرىڭگە) بوي سۇنغۇچىلارمىز  ››دىدى ]5-سۈرە 111-ئايەت .
دىمەك ئاللاھ نىڭ يۇقارقى ھەق سۆزلىرنى پىكىر قىلىدىغانلا  بولسىڭىز ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىمۇ يەنى ئۆزى خالىغان بەندىسىنىڭ دىلىغا  ۋەھى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ھەققە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز . يەنى ھەۋارىلارغا زىمىندە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۇلارنىڭ دىللىرغا ئاللاھ ۋەھى ئارقىلىقلا سالغان . يەنى ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ كۆڭنىگىمۇ ۋەھى ئارقىلىق بەزى ئىشلارنى بىلدۈرۈپ قويغان . ئەنە شۇلارمۇ پەيغەمبەردىن باشقا ئىنسانلاردىن ئەمەسمۇ ؟ يەنا كىلىپ قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھى قىلىنغان مۇقەددەس قانۇن ئەمەسمۇ ؟ شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىم جىمى جاھان ئەھلىگىمۇ ئاللاھ تەرپىدىن ئورتاق ۋەھى قىلىنغان قانۇندۇر .
سىزگە بۇ مۇنبەردە ئەخلەتكە چىقىرىلغان تىمامدىن بىرنى ئىنكاس قاتارىدا يوللاپ قويدۇم مالال كۆرمەي پىكىر قىلىپ كۆرگەيسىز .

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  
                            ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن سۆزلەيمەن .
  
ھەي تورداشلار !  سىلەر ئاللاھ نىڭ مۇنۇ ئايەتلىرگە قۇلاق سېلىڭلاركى  ئاللاھ  ۋەھىيسىنى پەيغەمبىرىمىزگە جىبىرائىل ئەلىيھسسالام ئارقىلىق يەتكۈزگەن بولسا  . ئۇندىن باشقىمۇ  ھەرقانداق ئىنسانغا  ئاللاھ ئۆز ئىزنى بىلەن ، پەردە ئارقىسىدىنلا دىللىرغا ۋەھيى ئارقىلىق ياكى بولمىدى بىرەر  پەيغەمبەرنى  ئىۋەرتىپ ئۆزى خالىغان ۋەھيىنى قىلغان .  بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ! قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن :
يەنى[ اﷲ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. اﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر]42-51.
دىمەك قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ نىڭ يۇقارقىدەك ھەق سۆزلىرى تۇرسا ؛ سىلەر  بۇلارغا نىمە دىمەكچى ؟ ياكى سىلەر  ھەقسىز رەۋېشتە ئاللاھ نىڭ خالىغان بەندىسىگە يۇقارقىدەك ئۇسۇلۇپتا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ دىلىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان سۆزلىگۈچى سۈپىتىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ سىلەر  ؟
يەنى [شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك- شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن]42-52.
دىمەك ئاللاھ نىڭ يۇقارقىدەك ھەق سۆزلىرى شۇلارنى ئىسپاتلايدۇكى پەيغەمبىرىمىزگىمۇ ئاللاھ ! ئىماننىڭ نىمەئىكەنلىكىنى شۇ قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق  ئۈگەتكەن  . شۇنداقلا شۇ قۇرئان ئارقىلىق بەندىلىردىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان . ئاللاھ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر . شۇڭلاشقا ھەر ئادەم ئاللاھ دىن ئۆزگە ھەرقانداق مەبۇتلىرنى تەركىتىپ ، ئىسلامغا نىسىپىتەن  دىللىرىمىزدا  قىلچىلىك غوم بولسىمۇ ھەممىنى بىراقلا تۈگۈتىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەق دەۋەتلىرنى قۇبۇل قىلىپ ، ئىسلامغا (يەنى ھەق قۇرئانغا ) پۈتۈنلەي كەلمۈگىچە بىز ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئىتىۋارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايمىز  .
بۇ ھەقتە ئاللاھ يەنى مۇنداق دىگەن:
يەنى[ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دە تالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ]4-65.
دىمەك ئىسلامدا ئىنسانلارنىڭ دىللىردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ چىقارغان ھۈكۈملىرگە قارتا قىلچىلىك غوم بولسىمۇ بىراقلا تۈگۈتىپ پۈتۈنلەي بوي سۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمىساق . ئۇنداقتا  4مەزھەپ دىگەنلەر نىم بولماقچى ؟ قىلدىگەن شۇنداق يىنجىكە نەرسە تۇرسا ، دىلىمىزدا قىلچە غۇم بولسىمۇ يۇقالمىسا ئىمان ئايتقان قاتارغا كىرەلمىسەك ، ھەي ئۇنداقتا  4 مەزھەپ دىگەنلەر شۇ ئىسلامدىكى تالاش - تارتىشلارنى شاخچە مەسىللەر دەپ قۇيۇش بىلەنلا  ئىمان ئېيتقان يىساپلىنامدۇ ؟ قۇرئان كەرىمدە 4مەزھەپ توغۇرلۇق ئاللاھ سۆز ئاچمىغان ئىكەن ئىسلامدا بەزەن بىر كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدىكىدەكلا  4 مەزھەپ يوق .قۇرئاندا يوق نەرسىلەر ئۈستىدە پەيغەمبىرىمىزمۇ  ئۈممەتلىرگە سۆز ئاچمىغان . سۆز ئېچىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .  ھەي تورداشلار قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچقانداق جايلىرىدا ئاللاھ مۇشۇ مەزھەپ توغرىسىدا ھېچقانداق سۆز قىلمىغان . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنى بىز نىمە دەپ  نۇرلۇق كىتاپسىز (يەنى ھەقسىز رەۋېشتە ) مەزھەپ باراسىدا ئۆز ئارا جىدەللىشىمىز ؟ ياكى ئاللاھ مەزھەپ توغۇرلۇق بىزگە قۇرئان كەرىمدە ۋەھيى قىلغانمۇ ؟ مەن  شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قۇيايكى توغرا ! مەن شۇنداق ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن . ئاللاھ  ماڭا قۇرئان ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن باشقىسىنى بىلمەيمەن .  مەزھەپ دىگەنلەر  قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنمىغان ئىكەن بىزنىڭمۇ بۇ مەسىلە  ئۈستىدە دەتتالاش قىلىشىپ يۈرۈشىمىزنىڭ زرىييىتى يوق . ئۆز نەپسى خاھىشلىرىمىزغا ئەگىشىپلا ئىسلامغا مۇخالىپ ھالدا . ئۇنداق باشقىلارنىڭ چۈشەنجىسىگە ۋە ئىلمىگە ھۈكۈم چىقىرىپ يۈرىيدىغانلار  ئىمان تارازىسىدا ئاۋال ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ كۆرىڭ سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۈكۈم چىقىردىغىنى سىز ئەمەس . بەلكى ئاللاھدۇر .  ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنى كۇفارلار مەيلى قوللىسۇن ، مەيلى قللىمىسۇن بۇلار مۆمۈنلەر ئۈچۈن بەر بىر ، چىنكى  ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلار كۇفارلارنىڭ قوللاشلىرىغا مۇھتاچ ئەمەس . بەلكى ئاللاھ نىڭ قوللىشىغا مۇھتاچتۇر .  ئاللاھ  بەندىلىرنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ، مۆمىنلەرگە ھامىيدۇر ، ئادىلدۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر .
  
                                             
ئاپتۇر : ئۆز تەپەككۇرۇمدىن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arzuumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 08:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73116
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 04:49:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Mark up 一下,留个印






















有效的祛痘方法

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش