مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

ئوقۇتقۇچى ھەققىدە ئاچچىق ئىبرەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى . بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇنداق بەدقىلىق قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يوق .لېكىن باشقا جايلاردا ، باشقا مەكتەپلەردە  بۇنداقلىرى ئاز ساندا بۇلۇشى مۇمكىن . ھازىر بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىستىلى ياخشى ئەمەس .بەزى شەھەر رايۇنلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرىدىن سوۋغات ئالىدىغان ھەم تەمە قىلىدىغانلىرى بار دەپ ئاڭلىدىم .  قازاننىڭ قۇلىقى تۆت . ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭمۇ ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىدىغان جايلىرى كۆپ ، باشقا كەسىپلەرغۇ مەيلى . ئەۋلات تەربىيىلەيدىغان مۇشۇ كەسىپمۇ جالاشقىلى تۇردى ئەمدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47380
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 2588 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بىچارە ئوقۇتقۇچىلار ، كۆتەرمىگەن نىمە يۈك قالدى ؟ ئاڭلىمىغان نىمە گەپ قالدى ؟ تارتمىغان نىمە جاپا قالدى؟ غاجىمىغان يەنە كىملەر قالدى ؟
    سىزنى مۇشۇنداق خەت يازالايدىغان قىلغان شۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەسمىدى ؟ ئازراق بولسىمۇ ئاق قارىنى تونۇتقان يەنە شۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەسمىدى ؟  
نىمىشقا ھەمىشە تىللىنىدىغانلار ئوقۇتقۇچى ؟ تىخى ئەگىشىپ تىللاپ كىتىدىكەنمىز . بۇنداق قىلمايلى ، ھىلىمۇ ئوقۇتقۇچى سىسىتىلىپ بولدى بۇ جەمىيەتتە . ئەجىبا ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ماختاشقا تىگىشلىكلەر يوقما ؟ ناچارلارنى تىللاۋەرمەي ياخشىلارنى بولسىمۇ ماختاپ قويايلى ، ئۇلارمۇ سۆيۈنسۇن ، شاتلانسۇن  ، ئۇلار ياخشى ئىش قىلسا «قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى»، ياخشى ئىش بولماي قالسا «تىللاپ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرىۋىتىش كىرەك » شۇنداقمۇ ؟  بىرەرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى تور يۈزىدە ماختاپ باقتۇقمۇ؟ تىللاشقا باھانە نورغۇنكى لىكىن ماختاشقا يوق .
    قىرىنداشلار ، تورداشلار ،ئىسىمىزدە چىڭ تۇتايلىكى  يۇقىردا دىيلگەندەك ئەھۋال ھەممە مىللەت ، ھەممە كەسىپتە مەۋجۇت، ئىشىنىمەنكى ياخشىلار يەنىلا كۆپ ساندا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirindax8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 11:30 PM  


-ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ !
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ،
ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ !

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:05:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق ناكەس خۇمسى گۇيلارنى قاتتىق جازالىسا بولىدۇ....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:07:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كەلگۇسىدە بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇندا ۋەدە بىرمەنكى،بۇنداق شەرەپسىزلەرنى  كۆرگىنىمدە تاڭ قىلىپ ئىتىۋەتەلمىسەممۇ ،ۋاڭ قىلىپ مۇشتىن بىرەر ئىككىنى سىلىپ قىلغان ئىشغا دات  دىگىزۇپ ،نامىمىزغا تاغ تەككۇزگنلىكىگە بىر ئۆمۇر پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن !

barisjan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:26:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13436
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5934 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:41:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيييييييييي نىمىمۇ دەرمىز مۇنداق ئىشلارغا !
1-بۇرۇنلاردا يىگىتلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا(پىداگۇگىكا مەكتەپلىرىگە) قۇبۇل قىلغاندا بۇغدىيىكى گەپ قىلغاندا بەكرەك مىدىرلىسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئوتسەڭ دىققىتىنى چېچىۋىتىدىكەنسەن دەپ مۇئەللىملىككە قۇبۇل قىلمايدىغان!
ھازىر ئىمتىھاندىن ئۆتسىلا ئىشەك داۋالاشتا ئوقۇغان بولامدۇ ياكى تۇقۇمچىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلامدۇ بىر -ئىككى ھەپتە پىداگۇگىكا،پىسخولوگخيەدىن تەكرار قىلىپلا ئۆلچەمسىز ئىمتىھاندىن بىرنى ئېلىپ لاياقەتلىك قىلىپ خەنزۇ تىلى ۋە كومپىيوتىر كىنىشكىسى باركەن دەپلائوقۇتقۇچىلىق سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنى بىرىپ مائارىپ تارماقلىرىغا تەخسىملەۋاتىدۇ،بۇلاردىنمۇ يامان ئەمەسلىرىمۇ باركەن بىراق ئاساسەن شۇنداقراق.يەنە بىرى سىفەن خاراكتىرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارمۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس.ئۆزىنى بېغىشلاش ،بارلىقىنى باللارغا ،باللارنىڭ بارلىقىغا،بارلىق باللارغا بېغىشلىيالمايدۇ.
2-مائارىپ باشقۇرغۇچىللىرىمۇ  مەن يېڭى ئوقۇتقۇچىلىققا چىققان 20يىللار ئىلگىركىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنۋۇرسال ساپا جەھەتتە تۇۋەن.ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە،كۇيۇنۇشكە دىققەت قىلمايدۇ.مۇكاپات-جازا ئېنىق ،تەرتىپلىك ئەمەس.
3-كەسپى ئەخلاقنى چىڭ تۇتۇش بولمايۋاتىدۇ،مەكتەپ ئەتىراپىدىكى كىچىلىك بازارلاردا يول تۇپىسىدە قۇيۇلغان ئۇستەل-ئۇرۇندۇقلاردا بەزى مۇئەللىملەر خخخخخخخخخخخخۇشەەەەەەەەەەەەە دەپ توۋلاپ ھاراق ئىچىپ يېنىدىكى بالىلارغا دىققەتمۇ قىلىپ قويمايدىغان،خىجىلمۇ بولمايدىغان ئىشلار ئومۇمىلىقىقا ئايلانغان!
4-ھاراق -پىجۇ ،لازا ،سوغاققا مايىل يىمەكلىكلەردىن بەدەن سوۋۇپ بۇرەك ئاجىزلىغانسىرى  ئىش قانچە قاملاشمىغانسىرى پەيلاسۇپ ئوشو ئېيىتقاندەك تەتۇر ئۇنۇم قانۇنىيىتى بۇيۇنچە ئۆزىدە نىمە بولمىسا شۇنىڭ گىپى يەنى جىنسى سىقىلىش كىسەللىگىگە گىرىپتا بولغانلار كۇپەيگەن(بۇ ئەھۋال مىسرانىمدىمۇ كۆرىنەرلىك مەسلەن قايسى ئىپىك ئەسەردە ناشايان ئىشلار قانچە تەسۋىرلەنگەنسىرى ئوقۇرمەنلەر شۇنچە كۆپ).شەخىسنىڭ تۇرمۇشدا رەڭدارلىق،مەزمۇن قانچە ئازلىغانسىرى كاللىدا شۇلا ئىش ...قاتارلىق سەۋەپلەرنىڭ مائارىپتىمۇ ئەكىس تەسىرى تۇپەيلىدىن ئەنە شۇنداق قالايمىقان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن زىرىكتۇردىغان ۋە....ئىشلار چىقىۋاتماقتا.
يەنە بىرى مۇشۇ ئىگىز-پەس ئىشلارنىڭ ھەممە كەسىپ ھەممە ساھەدە چىقىپ تۇرىشى تورداشلارغا بىر خىل نۇرمال ھادىسىدەك تۇيۇلۇپ مائارىپتىن چىققان ئىشلارنى پەقەت ئۇنتۇلماسلىقىنى نىمىمۇ دىسەك بۇلار؟مەن دىمەكچى: مائارىپتىن چىققىنى توغرا دىمەكچى ئەمەس،مائارىپچى سانى بىر ناھيە ياكى شەھەردىكى ئومۇمى كادىرنىڭ يېرىمى ياكى ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلدۇيۇ 81ناھيىدىكى باشقا كەسىپتىن 81كۇپەيتىلگەن 81ئىش چىقسا ھېچگەپ يوق ئاڭلاپلا ئۇتۇپ كىتىمىز بىراق بىر قانچە يىلدا    81ناھيىنىڭ بىرسىدە  بىر ئوقۇتقۇچى خاتالىقتىن بىرنى ئۆتكۇزسە 81قېتىم ئۇنتۇپ قالمايمىز.
قىسقىسى ھەممە كەسىپ،ھەممە ساھە،يوقۇرى-تۇۋەن ھەممە مائارىپقا مۇشۇنداق كۆڭۇل بۇلۇپ كەتسەك يەنە شۇنداق ناچار ئىشلار چىقارمىدى؟؟؟؟؟؟

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:11:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا، قاراڭ بىز مۇئةللىملةرنى.
1. مةكتةپتىكى ھةممة ئوقۇتقۇچى بىردىن قىزغا(ئوقۇغۇچىسىغا) پوخۇرلۇق قىپتىمۇ؟ ئۇلارغۇ شۈبھىسىز مةلئۇن.
2. شۇ سىنپتىكى بارلىق بالىلار ئارقا ئىشكتىن كىرپتىمۇ؟ تويماس ئةبلةخ.
3. ئوقۇتقۇچدىن باشقا ھىچكىم ھاراق ئىچمةپتىمۇ؟ گۇناھى ئۆزىگة.
دېمةككى جةمئىيةتنىڭ دىققتى بىزدة دىققةت قىلشقا تىگىشلىك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 01:11 AM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:16:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىمدىمۇ ھېسسىيات بار. چۈنكى ئۇمۇ سىلەردەك ئىنسان. بىر نورمال ئىنسان بولىدىكەن، ئۇنىڭدا ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق سەۋەنلىك بولىدۇ.  بىر تاياق بىلەن ھەممىسىنى تەڭ دۇمبالاش سىلەردىكى ھېسسىياتچانلىق، ئاۋال ئۆزگىنى دۇمبالاش ئۈچۈن ئۆزىنى بىلىش كېرەك.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5232
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:19:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرىگە ئىنكاس قايتۇرىشىم كېرەك ئوخشايدۇ. بۇ ماقالىدە ئوقۇتقۇچىلارنى غاجاش، سۆكۈش، چۈشۈرۈش، ئوسال قىلىش، قورساق كۈپۈكىنى چىقىرىش مەقسەت قىلىنمىغان.  ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى ئەڭ ھۆرمەتلىنىشكە، ئىتراپ قىلىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەردۇر،ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئالى مەكتەپتەمېنىڭ شۇنداق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىم بولغان، ئۇلارنى ئاتا-ئانامدىن ئېزىز كۆرىمەن.
  مەن بۇ يەردە پەقەت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، سۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، ھەل قىلىش ئۈچۈن.  مۇنبەردە كەمچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويسا، سۆكۈش، غاجىلاش دەيسىلەر؟ ماختاش كېرەك دەيسىلەر، بىز جۇڭگولۇقلار ماختاشقا شۇنچە ھېرىسمۇ؟ ماختاشتىن باشقىنى بىلمەيمىىزمۇ؟
ئەگەر ماختاش زۆرۈر بولسا. ھەر قايسى گىزىت، ژورنال، مەكتەپلەرنىڭ يىللىق خۇلاسە... ھەممىسىدە بار. ئەلۋەتتە ماختاشقا تېگىشلىك ئوقۇتقۇچىلار بەك كۆپ، بىراق مەسىلە يوقمۇ؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان، پۈتۈن بارلىقىنى مائارىپ ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەن كۆپ بولسا، ھازىرقى رىئاللىققا نېمە دەيمىز؟
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ھەرگىزمۇ باشقا كەسىپتىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، باشقا كەسىپتىكىلەردىمۇ قىلىدىكەن، ئوقۇتقۇچىلار قىلسا يامانمۇ، دېگەن چۈشەنچىدە بولساق بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار جەمىيەتنىڭ كۆزى، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزى، ھەركىتى، پائالىيىتى جەمىيەت تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىدۇ،جەمىيەت ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئىش قىلىشقا تېرىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى، ئېغزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوخشاش بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى، مائارىپنى چىن قەلبى بىلەن سۆيۈشى كېرەك.  خاتا ئويلىۋالغان بولسام، داۋاملىق پىكىرلىشەيلى.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76375
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىل مائارىپىنىڭ تەخىرسىزلىگى مۇشۇنداق بىر تۇركۇم‹‹ياۋايلارنى››مىللى مائارىپىمىز قوشۇنخا سىڭدۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەرەپلىك نامىنىڭ سۇسلىشخا سەۋەپ بولۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.چۇنكى ھازىرقى ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ھىشقانداق پىداگوگىگا.پىسخولوگىيە تەربىسى كورمەيلا،ئۆزلىرنىڭ تىل جەھەتتىكى ئەۋزەللىگىگە تاينىپلا ئەپەندى بولۇپ يۇرۇشمەكتە....ھەي...دىسەك گەپ جىق....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش