مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

ئوقۇتقۇچى ھەققىدە ئاچچىق ئىبرەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75979
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3049
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 03:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        مۇنازىرە بەك قىزىپتىغۇ ،مەنمۇ سۆزلەپ باقاي .ئەخلاق كىرزىسى بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتۋاتقان مۇشۇ  دەۋىردە ،ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن نۇرغۇن ئەخلاققا ،ئۆرۈپ ئادەتكە زىت بولغان قىلمىش- ئەتمىشلەر كۈپىپ قالدى .ئەڭ ئاۋال شۇنى تۇنۇش كېرەككى ،بۇنداق ناچار قىلمىشلار ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن بار .ئىشەنمىسىڭز ماۋۇ كەسىپتە يوق دىيەلەمسىز؟تۇرمۇش ئەمىليىتىدە سۇئالىڭىزغا جاۋاپلار تەيياردۇر ئەلۋەتتە.
        ئەمدى بۇ ناچار قىلمىشلارنى قامچىلاشنىڭ تىپىنى تاللاش ياكى ئوبراز تاللاش مەسلىسىدە «ئۆچكىنىڭ ئۇچۇق تۇرسا ھىچكىمنىڭ كارى يوق ،قوينىڭ ئىچىلىپ قالسا پۇتكۈل جاھانغا پۇر كىتىپتۇ»دىگەن پىرىنسىپقا ئىسىلۋىلىش بەك ئەدەپ كىتۋاتامدۇ قانداق ؟ئەلۋەتتەقوينىڭ ئىچىلىپ قىلىشى يىڭىلىق ،كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ ،ئەمما ئىچىلىپ قىلىشى بىلەنلا ئۆچىنىڭكىدىنمۇ بەكرەك قامچىلاش سەل ئىشىپ كەتمەسمۇ؟
        توغرا ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزەش ،قامچىلاش كېرەك .ئەمما بەك قامچىلاپ كەتسەك ،پۇتكۈل جەمىيئەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشەنمەسلىك ئۇمۇمى كەيپىياتى پەيدا بۇلۇپ قالسا ،مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ،جاپاكەش  ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز ،بىر قانچە نەپەر ناكەس ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىسىغا كىتىپ قالسا ،ئەڭ مۇھىمى پەن -مائارىپ ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۈش تەكىتلىنۋاتقان مۇشۇ  ۋەزىيەتتە ، ئاتا-ئانىلار ئۇقۇتقۇچىغا ،مائارىپقا ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى پەيدا بۇلۇپ قالسا ،بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربيىلەمدۇ ؟
        بىز ئوقۇتقۇچىلاردىكى ناچار قىلمىشلارنى قامچىلىشىمىزدىكى ئاساسى مەقسەت ،ئۇلارنىڭ ساپاسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ  مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر .ئەگەر،مەقسەتكە يىتەلمىسەك ھەركىتىمىز خاتالىق جۈملىسىدىندۇر.
       ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ،كوپ سانلىق ئۇقۇتقۇچىلار يەنىلا ،ھالال ھارامنى ئايرىيدىغان ،ۋەتەن خەلققە ئۆزىنى بېغىشلىغان،ئۆز ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلالايدىغان لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلاردۇر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkaxarkuti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 03:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8084 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 02:29:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقۇرقىنىڭدەك ئەخلاقسىزلىق ئىش-ھەرىكەتلەر،  ئوقۇتقۇچىلار قوشىنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماي ،بەلكى ھەمىلا كەسىپلەردە ئورتاق مەجۇت ھادىسە . باشقا كەسىپلەردە بەلكىم تېخىممۇ ئېغىر بولىشى مۈمكىن . سەۋەبى ،ئۇلارنى مىڭلىغان كۆزلەر ھەر دەقىقە كۈزۈتۈپ تۇرمايدۇ .مېنىڭچە ،ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ شەرەپلىك ئەمەس ،بەلكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئۇلۇغ شەرەپلىك كەسىپتۇر . بىزدە مۇشۇ نوقتىنى چۈشۈنىشتە ئازراق مەسىلە بار . يەنى دېمەكچىمەنكى ، بارلىق ئوقۇتقۇچى ئاتالغانلىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ بولىۋىرىشى ناتايىن. يېقىنقى 20يىل مابەينىدە ،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشونىمىزدە ،غايەت زور چېكىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى . 50-60يىللاردا ئالى پىداگوگىكا كەسىپلىرىنى پۈتتۈرۇپ ،پۈتۈن مىھرىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئايىغى چىقماس كەسىپكە بىغىشلىغان پىشقەدەملىرىمىز ،80-يىللارنىڭ ئاخىرى ،90-يىللارنىڭ باشلىرىدا پىنسىيەگە چىقتى .بۇنىڭغا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئۈزۈكچىلىگى قوشۇلۇپ ،مەكتەپلىرىمىزدە ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئاز بولۇش ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئازلاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى ،بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرغا نىسبەتەن مائارىپ ئىشقا  ئورۇنلىشىشنىڭ ياخشى جايى بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ،كىشىلەر بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتا « بولالىساڭ كادىر بولارسەن،ھىچنىمە بولالمىساڭ ئوقۇتقۇچى بولاسەن » دېگەن ئىدىيە بويىچە ئىش كۆرۈپ ،تېخنىكوم ۋە ئىشچى تېخنىكوملارنى ئوقۇغان بالىلىرىنى، كادىر قىلالماي ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ مائارىپ سېپىغا ئەكىرىپ قويدى .مانا مۇشۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىغان ،ئەقلىي ۋە ئەخلاقى قوش كەمتۈك بالىلار مائارىپ سېپىمىزغا قىسىلىپ كىرىۋىلىپ ،مائارىپىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى .بۇنداقلار ھەتتا بەزى يوللار بىلەن مائارىپنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋىلىپ ،مەكتەپلەرگە مۇدىر بولۇپ ئىشلەپ كەلدى .بىزگە كەلگەن مىللى ماارىپىمىزدىن ئايرىلىپ قىلىش ئاپىتىنىڭ تۈپ يىلتىزى مۇشۇ يەرگە تۇتىشىدۇ . ئەسلىي بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ،بىزنىڭ  ھىچقانداق كەسىپ ياراتمىغان كىشىلىرىمىز تۇرۇپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ،مىللىي مائارىپنىڭ سۈپۈتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنگە قاراپ ئىنتىلدى .بۇنى سەزگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى خەنزۇچە ئوقۇتۇشقا تۇتۇش قىلدى .بۇنىڭ بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان مىللى بالىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ھەسسىلەپ ئاشتى .ھەتتا بەزى شەھەرلەردە ،تام خوشنا ئىككى مەكتەپنىڭ برىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىپ بالىلارنى سېغدۇرالماي قالسا ،يەنە بىر مىللى مەكتەپ تاقىلىپ قالدى.چۈنكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خوشنا مەكتەپكە كىرىپ كەتكەن ئىدى . بۇ ھادىسە ،ئىقتىسادتا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «ئىھتىياج » دېگەن ئۇقۇمغا چۈشۈپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ،مىللىلارنىڭ خەنزۇچە ئوقۇتۇش ئىھتىياجى كۈچلۈككەن دېگەن يەكۈن چىقىرلىپ ،نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كىيىن ھازىرقى « قوش تىل » مائارىپى پەيدە بولدى . دېمەك ،بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى ،ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن كەسىپنى ئۆزىمىز پايپاق قىلىۋەتتۇق . ھېلىقى « كادىر بولالمىساڭ ھىچ بولمىغاندا ئوقۇتقۇچى بولارسەن» دېگەن خاتا ئىدىيەنىڭ زىيىنى بىزگە چوڭ بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلدى . شۇڭا مەكتەپلەردە ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلارنىڭ چىقىپ قىلىشى نورمال دەپ قارايمەن . سەۋەبى سەن قاغىنى بۈركۈتتەك بول دېسەڭ ئۇ مەڭگۈ بۈركۈت بولالمايدۇ .ئۇ ھامىنى بىر كۈنى پوق يەيدۇ . بىز مەكتەپلىرىمىزدە بار بولغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك . ئۇلارنىڭ سانى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئومومى سانىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىسىمۇ ، بىراق ،ۋەزىپىنىڭ 90%دىن كۆپرەگىنى يۈدۈپ كېلىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ يۈكى بەك ئېغىر . ئۇلار ئۆزىنىڭ يۈكىنى كۆتەرگەندىن سېرت يەنە ھېلىقى « ئەقلىي ،ئەخلاقى قوش كەمتۈك » لەرنىڭ  يۈكىنىمۇ كۆتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . سۈيۈملۈك تورداشلار  ،نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدە ئۇنداق مۇنداق گەپلەرنى قىلىشنى ئۆز بۇرچى ، ئۆز مائارىپىغا كۆيۈنگەنلىك ، ئۇلارنى سۆكمىسەك تۈزەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ . لىكىن ،سىزنىڭ مۇشۇ مەۋھۈم سورۇندا قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزىڭىز ،ئوقۇتقۇچى بولۇشقا بەل باغلاپ ،پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈن قانداق تەسىر بىرەر . مېنىڭچە ،ئۇلار مەكتەپكە ئاياق باسماستىن تۇرۇپلا  ،ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن كۆڭلى سۆۋۈپ  كېتىدۇ . بۇ بىزگە ئىككىنچى قىتىملىق زور زىياننى ئېلىپ كەلمەسمۇ ؟ سىزدىن ئۆتۈنەي ،سىز ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن ناۋادا بىرەر تال بىلىم ئالغان بولسىڭىز ،ئۇنى مىڭ ھەسسە بىلەن قايتۇرۇڭ ،ھەرگىز تاپا-تەنە قىلماڭ .چۈنكى ،ئۇنىڭ دۇنياسى بەك زىرىكىشلىك ۋە  بېسىملىرى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulsire + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67528
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3327
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:39:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-18 08:23 PM
ئامال  يوق

ئەمىسە سۈكۈت قىلىش كېرەكما.............

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10144
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7861 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:03:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقۇرقىنىڭدەك ئەخلاقسىزلىق ئىش-ھەرىكەتلەر،  ئوقۇتقۇچىلار قوشىنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ

تىۋىلغا ئىسىملىك تورداشنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىلا يىتەرلىك بوپتۇ،بەزى تىمىلاردىن شۇ تىمىغا چۇشكەن ئىنكاسلار كىشىنى قايىل قىلدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 11:10 AM  


ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7862
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 02:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇتقۇچىلىرىمنى بەك ھۆرمەتلەيمەن.
بىراق.....

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 02:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5232
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى ياخشى مۇنازىرە
بۈگۈن ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياخشى مۇنازىرىنى كۆرۈپ قالدىم. بەك ياخشى پىكىرلەر بار ئىكەن، ۋاقتىڭلار بولسا، ئوقۇپ باقارسىلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 03:25 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10700
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق مول تائاملار توشقۇزۇلغان دوستىخاندىمۇ چىۋىن ئۇچراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ...

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 06:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشاش كۆزدە قارمىغان ئوختوچىلارغا بەك ئوشلىگۈم كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78204
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا ئامال يوق،مىنىڭچە  مائارىپ  تارماقلىرى  بۇ  مەسىلىنىمۇ ئالاھىدە  ئويلىشىپ  كورسە بولىدۇ ،كىشىلەر  پەرزەنتلىرىنى  مەكتەپكە ئىسىل ئەنئەنىلەرنى ئۈگەنسۇن ،بىلىم ئىگەللىسۇن،ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولسۇن دەپ بېرىدۇ،ھەرگىزمۇ مۇئەللىملەرنىڭ بۇزەك قىلىشىنى خالىمايدۇ ،.ئويلاپ بېقىڭ؟ئەي ئەقىل ئىگىسى،سىزمۇ ئاتا-ئانا بولىسىز ،بەلكى ھىزىر ئاتا-ئانىدۇرسىز،بىر بالىنىڭ مۇشۇ  ئوقۇتقۇچىنىڭ  پەسكەشلىكى تۈپەيلى   ئىستىقبالىنىڭ  نابۇت بولىشى نىمىىدىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھە!جەمئىيەتنى  ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلغاندا ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئەخلاق قارشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ،ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى  بولىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش