ئۈمىد يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 04:04 PM
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي. ئاتالغۇ دېگەن نېمە؟ بۇنى ئەگەر ...
ھاجەتسىز قارىغاندا سىز تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇمىغان ياكى تىمىنى سۆرەپ باشقا ياققا ئاپىرۋەتتىڭىز ئەڭ ئاخىردا مۇنۇ ئۇچ سۆزنى سىز گە سۇناي سېلىشتۇرۇپ بېقىپ ئاندىن مىنىڭ نىمە دىمەكچىلىكىمنى بىلىڭ ، ئەڭ ئاددى بولغان تۇرمىشىمىزدىكى گەپ
ساپ ئۇيغۇرچە تېلىفۇنۇم ( بۇدىگەن بىر ئاتالغۇ ) نىڭ پۇلى قالماپتۇ ، پۇل قاچىلاپ كىلەي
ئازراق ئەبجەش تىلىفۇنۇم نىڭ پۇلى قالماپتۇ ، پۇل جالاپ كىلەي ( جالاپ ، ئەجىبا بۇمۇ ئۇيغۇرچىدا يوق ئاتالغۇما
تازا ئەبجەش يەنى ئۆزگەرگەن ئۇيغۇر تىلى شۇو جىرىم چىيەنفى بۇلۇپ قاپتۇ ، پۇل جالاپ كىلەي
تىلىمىز خامىلىيۇن ئەمەستۇ تىلىفۇن دەپ بىر ئاتالغۇ بىلەن ئۇمۇمقلاشقان ئەمدىلىكتە بۇنىڭغا ئۆز گەرسە ، يەنە كىيىن بىر نىمىگە ئۆز گەرسە توختىماي ئۆزگىرىپ نەرگە بار ار
مىنىڭ بەرەڭگە ياڭيۇ تۇدۇ دىگەنلەنى مىسالغا ئىلىشىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەنىسى بىلمىگەنلىكىمدىن ئەمەس ، كاللىڭىز ئۇچۇق بولغان بولسا بايقىيالايىتتىڭىز مەن ئەقلىمگە كىلىپ بەرەڭگەنى ياڭيۇ دەپ ئاتايدىگەنتۇق ،بەزىلەرنىڭ مەككە چامغۇرى دىگىنىنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتىم ، چوڭ بولغانسىرى ئىشلار كۇپەيدى ، ئۇنىڭغا بەرەڭگە دىگەن ئىسىم قېتىلدى ، بۇ ئىسىمنى تېرىغان دىھقانلارنىڭ ئاغىزىدىن ئەمەس بەلكى ، بەرەڭگە قەلەمچىسى بەرەڭگە ياپراقچېسى ، بەرەڭگە ئۇيۇتمىىسى دىگەن ئىلانلاردىن ، يىقىنقى زامان كىتابلىرىدىن ئاڭلىدىم ، ئەمدىلىكتە بولسا ، بۇ ئىسىم تۇدۇ غا ئۆز گەردى ، زادى بۇ تىللار نىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىمىز ، سىز مىللەتنىڭ كەلگۇسىدىن قارغۇلاچە ئۇمۇدسىزلەنمەيلى دەيسىز ئەجىبا كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ، ئۇمۇدۋار ياشاش كىرەكما ، ھەرقانچە ئۇمۇدۋار بولسىڭىزمۇ تىرىشمىسىڭىز بىكار ،
سۇئالڭىز جاۋاپسىز قالمۇسۇن ئاتالغۇ دىگەن ئاددىي قىلىپ ئىيىتقاندا مەلۇم بىر شەيئىنىڭ نىمىلىكىنى ، قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغان سۆز ، ئۇنىڭغا كىتاپ كۇرۇش بىھاجەت چۇنكى
ئاللا ئىنسانغا بۇنچېلىك لەرنى بىلەللەيدىغان ئەقىل نى بەردى
خوش ئەمدى توختاپ قالايلى ، بۇيەردە ھىچكىم ھىچكىمنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بار ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتا دەپ مەجبۇرلىمىدى ، پەقەت ئۆز كۆز قارشىمنى ئوتتىرغا قويدۇم ، قۇبۇل كۇرۇڭ كۆرمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، ھەركىمنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ھەرخىل
كۆپ خىل تىلى بىلىش شەرەپ ، ئۆز تىلىدىن ۋاز كىچېش نۇمۇس تۇ ر