مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: simab

بۇ سۆزلەر قايسى تىلغا تەۋە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27358
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gunes يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 01:29 PM
ئىشتان دېگەن ئۇيغۇرچە سۆز،رۇسچە ئەمەس. ئىچتون دېگەن س ...

رۇسچىدە بەلنىڭ ئاستىغا كېيىدىغان نەرسىنى شىتان دەپ ئاتايدۇ.يەنى ئۇيغۇرلار ئىشتان دەپ ئاتاۋاتقان نەرسە شۇ.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6051
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 07:19:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرچىنى قانچە تەرەققىي قىلدۇرساق ،سۆز بايلىقىمىز شۇنچە ئاشىدۇ.ئۆزىمىز تىلىنى ئۆزىمىز سۆيمىسەك ھىچكىم سۆيۈپ ،ئاسىراپ بەرمەيدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78060
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 07:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەشپىياتنى بىز بالدۇر ئىجات قىلساق ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيۇمىز. مەسىلەن : سۈپۈرگە دىگەندەك.

ئاللاھ ئۆزىگە ئە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8191
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 11221 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 08:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
simab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 06:45 PM
ئەمدى چۇشۇنۇپ يەتتىمكى سىز نىڭ مەخسىتىڭىز بۇ تىما ئۇ ...


ئانا يۇرت رومانىنىڭ تۇنجى نەشرى لازىملار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار:591769621QQ. باشقا تاپالمايۋاتقان قەدىمكى قىممەتلىك كىتابلار لازىم بولسىمۇ ئىزدەڭلار!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76096
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 07:00:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللى تىل مىللى مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر.............

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7496
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 07:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرشاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 06:53 PM
رۇسچىدە بەلنىڭ ئاستىغا كېيىدىغان نەرسىنى شىتان دەپ ئ ...

ئۇيغۇرتىلىدىكى  ئىشتان سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى

维吾尔语 Ishtan 一词的词源探析
The Origin of the Word "Ishtan" in Uyghur Language
چاڭخوڭ (常红)

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىدىن


ھەرقانداق بىر تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۇچىرايدۇ .بۇ ناھايتى نورمال ئەھۋال .بۇ ھادىسە شۇ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى موللاشتۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە.سۆزقۇبۇل قلىشنىڭ تاشقى سەۋەبى بولسا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى،سىياسى مەدەنىي تەسىردىن ئىبارەت بولسا ،ئىچكى ئامىلى تىلنىڭ لېكسىكا قىسمىنى بىېيتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ .سىرتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاشۇ تىلنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە <<ئىشتان>>دىگەن بۇ سۆز روس تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا قۇبۇل قىلىنغان دىيىلگەن ،ئەمەليەتتە بۇ سۆز چاغىتاي دەۋرىدە ئۇيغۇرتىلىدىن روس تىلىغا كىرگەن .

ئۇيغۇرلار ناھايتى قەدىمكى مىللەت .ئۇلار قەدىمدە 袁纥،韦纥،乌护،乌纥،回纥،回鹘،畏兀儿 قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان .9-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كۆچمە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ،تەبىئىكى ئوۋچىلىقمۇ ئاشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورمۇشۇدىكى مۇھىم ئىگىلىك ئىدى .شۇڭا <<ئىشتان >> ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم كىيىم ھېساپلىناتتى.قەدىمى تۈرك تىلىدا <<ئىشتان>>سۆزى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن  <<ئىچتون>><<ئوتران>><<ئۆم>>قاتارلىق سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدۇ .
<<ئىچتون>>دىگەن سۆز <<ئىچ>>ۋە <<تون>>دىگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان قوشما سۆز.<<ئىچ>>سۆزى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرتىلىدا نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى،بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ، ئىچىدە بولىدىغان دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ.<<ئىچ>>سۆزنىڭ ئۇيغۇرتىلىدا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى خېلى چوڭ ،بۇ سۆزدىن نۇرغۇن سۆزلەر ياسالغان ،تۈرلەنگەن .مەسىلەن :ئىچ ئەت (جىگەرگە يېقىن بولغان نىپىز گۆش)،ئىچقۇر(تاسما،بەلباغ،ئىشتان باغ)،ئىچ سۆز ....قاتارلىقلار .<<تون>>سۆزىگە كەلسەك ئۇيغۇرتىلىدا ئالدى ئوچۇق ، تۈز ياقىلىق ، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە .قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدا <<ئىچتون>>دىگەن سۆزگە <<لان>>قۇشۇمچىسى قۇشۇلۇپ پىئىل ياسالغان مەسلەن :مەسلەن ئادەم ئىچتونلاندى (ئادەم ئىشتان كەيدى).دىگەندەك .كىيىنچە <<ئىچتون >>سۆزى كالتە ئىشتان،كوسار دىگەن مەنىلەردە قوللىنىلغانلىقىمۇ مەلۇم .
گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس M. Th. Houtsma يازغان <تۈرك تىلى -ئەرەپ تىلى لۇغىتى>دە ئىچتون سۆزىگە كوسار،كالتە ئىشتان ،كۆڭلەك دىگەندەك ئىزاھلارنى بەرگەن .Camalu’l- din ibnu’l- Muhanna     14-ئەسىردە <<ئەرەپ تارك تىلى سۆزلىكلىرى>>دىگەن كىتاپنى يازغان بولۇپ ،ئۇنڭدا تەسۋىرلەنگەن تۈرك تىلى ئاساسلىقى چىڭگىزخان دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىدى .بۇ لۇغەتنىڭ كىرىسلى رېفئەت(Kilisli Ri’fat )تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان نۇسخىسنىڭ 167-بېتىدە <<ئىچتون>>سۆزى <<ئاشتان>><<كوسار>>دىگەن مەنىلەردە دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .Melioranski   تۈزگەن بىر لۇغەتتە ئىشتانباغ سۆزى خاتىرلىنىپ ئۇنىڭغا،ئىشتاننى كۆرسىتىدۇ دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .14-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<قەدىمى تۈرك تىلىنىڭ تەپسىلى لۇغىتى>>دە :<<ئىچتون>> ئىچ كىيىمنى كۆرسىتىدۇ ،ئۇ ئىچ ۋە تون دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .15-ئەسىردە B. A talayتەرپىدىن تۈزۈلۇپ 1945-يىلى ئىلان قىلىنغان <<تۈركچە تەنە سۆزلەر توپلىمى>>دىگەن ئەسەردە ئاساسلىقى تۈرۈكمەن،قىپچاق تىللىرى ئاساس بولۇپ<< ئىچتون>> سۆزىگە كىيىم دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .V. de V eliam inof- Zernof تەرپىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلان قىلىنغان ،<<چاغىتاي تىلى -تۈرك تىلى لۇغىتى>>ۋە Gerard clauson تەرپىدىن ئىلان قىلىنىپ Muhammad Mahdi Xan تەرپىدىن 18-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<پارسچە-تۈركچە لۇغەت>> قاتارلقلاردا <<ئىچتون>>سۆزىگە كوسار ،ئىچ كىيىم دەپ ئىزاھلار بېرىلگەن .
يۇقارقى ماتېرياللاردىن قارايدىغان بولساق <<ئىچتون>>سۆزى قەدىمى تۈرك تىلىدا ئىشتان ،كوسار دىگەن مەنىلەرنى بىكدۈرگەن ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۆز مەنسى ئۆزگەرگەن .ئوغۇرتىلى ،خاقانىيە دەۋرىدىكى تىل ۋە چاغىتاي دەۋرىدە ئىشتان ،كوسار مەنسىنى بىلدۈرگەن بولسا ،قەدىمى تۈركىيە تىلى ،قىپچاق تىلى ۋە 18-ئەسىردىكى چاغىتاي دەۋرىدە ئىچ كىيىم ،كىيىم دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن .
ئىچتون سۆزىگە قارايدىغان بولساق كۆپ قىسىم تۈركى تىلدا بو سۆزنىڭ <<چ>>ھەرىپى <<ش>>ھەرپىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ،ئەمما <<ئو>>ھەرپىنىڭ <<ئا>>ھەرپىگە ئۆزگەرمىگەن .ئەمما چاغىتاي دەۋرىدا بۇ سۆز <<ئىشتان>>بولۇپ ئۆزگەرگەن .يەنى <<ئو>>ھەرىپى <<ئا>>غا ،<<چ>>ھەرىپى <<ش>>غا ئۆزگەرگەن .كاشغەرى مەھمۇدمۇ<<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>تە  بۇنداق <<چ>>ھەرپىنىڭ تۈرك تىلىدا <<ش>>تەلەپپۇز قلىندىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن .مىسالەن بىز ھازىر <<دۇچ كەلدىم >>دىگەن سۆزنى <<دۇش كەلدىم >>دەپ تەلەپپۇز قىلغاندەك .
<<ئىچتون>>سۆزى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تىلىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ <<ئىچدون>>دەپ يېزىلىدۇ .ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا ئچتون(ئىشتان)سۆزى پارىس تىلىدىن كىرگەن <<تامبال>><<شىم>>دىگەن سۆزلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ ،سەھنىدىن چىكىنگەن .
ئىچتون سۆزنىڭ روس تىلىغا قاچان كىرگەنلىكى توغرىسىدا ماتىريال يوق .لىكىن پەرەز قىلىشقا بولۇدىكى -13-ئەسىردە چىڭگىزخان غەرىپنى بويسۇندۇرۇپ ،كەڭ ئوتتۇر ئاسىيا زىمىنى ئىگەللىگەن ،كىيىن بۇ زىمىننى ئىككىنجى ئوغلى چاغىتايغا سۈيۈغال قىلىپ بەرگەن .ئەينى ۋاقىتتىكى روسيەمۇ چاغىتاي تەرپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان .15-ئەسىردە روسلار چاغىتاي ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ روسيەنى قورغان .لىكىن ئەينى زاماندا تۈركى تىلدىن 206سۆز روس تىلىغا ئۆزلەشكەن .بۇ سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ ،ئىشلىتىلىش كەڭ بولغان .دىمەك ئىچتون(ئىشتان)سۆزىمۇ روسلار چاغىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا تورغان ۋاقىتتا روس تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزلەشكەن .يەنى باشتىكى <<ئى>>ھەرىپى تاشلىۋىتىلىپ قوللىنىلغان .ھازىرمۇ ئوخشاش مەنىدە قولىنىلماقتا يەنى -штаны

بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قايتپ كىلىشى-

17-ئەسىردە چارروسىيە ئىلى رايونىنى بېسىۋېلىپ ،روس تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بەلگىلىگەن .يەنە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن روسلار بىلەن قىلىنغان ئالاقىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر تىلىغا روس تىلىدىن نورغۇن سۆزلەر گىرگەن،ئىشتان ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى .شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىشتان سۆزى شىم ،بۇرۇلكا قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنىدە قللىنىلدىغان بولدى .شىم ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ ئىشتىنىنى كۆرسىتىدىغان بولدى .ئەمما ئىشتان سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى ئانچە كەڭ بولمىدى .
يۇقارقىلاردىن خۇلاسىلغاندا ئىشتان(ئىچتون) سۆزى قەدىمى تۈرۈكچە سۆز بولۇپ ،چاغىتاي دەۋرىدە روس تىلىغا كىرگەن ،كىيىن يەنە ئۇيغۇر تىلىغا قايتىپ كەلگەن .

تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى (خەنزۇچە)2005-يىللىق 1-سان

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7496
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 07:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرشاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 06:53 PM
رۇسچىدە بەلنىڭ ئاستىغا كېيىدىغان نەرسىنى شىتان دەپ ئ ...

ئۇيغۇرشاھ ئوقۇپ بېقىڭ . ئىشتان سۆزى ئۇيغۇرچىدىن رۇسچىغا كىرگەن،ئاندىن رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىگە قايتىپ كەلگەن ساپ ئۇيغۇرچە سۆز.
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=36398

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16139
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8172 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 10:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىگە قاراڭ خېلى تەپسىلى بار!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27358
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:23:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gunes يوللىغان ۋاقتى  2012-4-30 07:28 PM
ئۇيغۇرشاھ ئوقۇپ بېقىڭ . ئىشتان سۆزى ئۇيغۇرچىدىن رۇسچى ...

ئۇيغۇرلاردا «تون»سۆزى
ئالدى ئوچۇق،تۈز ياقىلىق،سىرىتقى كىيىم.
-ئانىسى،مېنىڭ تونۇمنى بېرىڭلار،مەن يىغىنغا بارىمەن.(مىسال)
تاجىكىستان،ئۇزبېكىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزدا ئىشتان سۆزىدىكى ئا ھەرىپى ئو غا ئاجىزلاپ ئىشتون دېيىشىدۇ.ئىشتان سۆزىلا ئەمەس،نۇرغۇن سۆزلەر شۇنداق.ئارمان-ئارمون،ئاسمان-ئاسمون...ۋە ھاكازالار.
ئۇيغۇرلار دىكى تامبال،شىم سۆزى دەل ئىشتاننى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر سۆزلۈكلەر ئىزاھلىق لۇغىتىگە قاراڭ.ئىشتان.ئى (ئىلاۋەنى كۆرسىتىدۇ)(ر)بۇ يەردىكى ر ھەرىپى شۇ سۆزلۈكنىڭ مەنبەسى بولغان تىلنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم.ئەمىسە ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىز نېمە دىگەن بولسا شۇنداق بولسۇن.مەن بۇ يەردە پەقەت سۆزلۈكلەر ئىزاھلىق لۇغىتىگە ئاساسەن چۈشەنگىنىمنى دېدىم.يېڭى بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 01:27 AM  


تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73116
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 04:51:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
顶起来,支持楼主 顶~~~~~~~~~~~~~~~






















祛痘印

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش