ھەيرانمەن ، ئۇسۇل ۋە ساما دېسە بىر كىشلىك ئويناپ قوياتتىم ، ئالى مەكتەپكە چىققاندا بىر كۆڭۈل ئېچىش پائاليىتىدە تانسا ئويناش ئەۋىج ئالدى . مەن ئويناپ باقمىغاندىكىن گازىر چاققاچ ئۇلارنى كۆزىتىپ ئولتۇرسام ، يۇقرى يىللىقتىكى بىر قىز مېنى تانسىغا تارتىپ قالدى . مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا :
__ كەچۈرۈڭ ، مەن ئويناپ باقمىغان ، تانسا ئويناشنى بىلمەيمەن ، دېسەم ، ئۇ قىز چىرايىنى شۇئان ئۆزگەرتىپ :
__ ھە ؟ ۋاي ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇي ، ۋاي قاداق يەرلەردە چوڭ بولغان بايقۇش سىز ؟ تانسىنىمۇ ئۇقمايدىغان ئادەم ئالى مەكتەپكە قانداق ئۆتكەنسىز ......... توۋا يوۋا ..........
دېۋىدى ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، شۇ ئاچچىقىدا بىر تەستەك سېلىپ ، ئىككى ئېغىز ئۆتكۈدەك گەپ قىلىپ ئاندىن يولغا سېلىپ قوياي دەپ ،يەنىلا ئاچچىقىمغا ھاي بەردىم ، ‹ نادانغا نەسىھەت قىلغان قويۇننىڭ پۇتىغا ئىشكەل سالغان بىلەن باراۋەر › دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟!
ھەر ھالدا توۋا دېگەن سۆز ئېغىزىدىن چىقتى ...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-17 11:12 AM