سۇمرۇق88 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:30 PM
سىز باشقىلارغا ئۆلۈم تىلىمەي، تانسىغا ئاز بىرىپ ئۆزى ...
بولدىلا ، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، تېما ئىگىسى تېمىسىدىلا دەپتىغۇ دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئىشلارنى قوللايدىغانلارمۇ چىقىدۇ دەپ. جەمىيتىمىزدە ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇنداق ئىشلارنى قوللايدىغانلارنىڭ چىقىدىغىنى ئېنىق. بەزىلەر دەپتۇ ئەمەسمۇ ھەممىنى ئاللاھ بىلىدۇ دەپ،بىزنىڭ ئىشخانىدىمۇ ئىككى قىز ( شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن) ئوقۇتقۇچى بار،رامزان رۇزىسىنى قازا قىلماي تۇتىدۇ،ھەر ئايلىق مائاشىدىن نامرات ئوقۇغۇچىلارغا خېلى كۆپ ياردەم قىلىدۇ.ئاغزىدىن خۇدا چۈشمەيدۇ، يۈرۈش - تۇرۇشى،لەدي گاگا غا ئوخشايدۇ،ئەڭ چاكىنا، تار، قىسقا كىيىملەرنى كىيىدۇ،چاچلىرىنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ،ماخابەتلىرى بىلەن تانسىخانىلاردىن كەلمەيدۇ، مەكتەپتە غەيۋەتكە ئارلىشىپ قالمايلى دەپ ھىچكىم بىلەن ئارلاشماي، قۇلىقىغا نائۇشنىك تاقاپ خىيالى دۇنياسىدا ياشايدۇ.دۇ،تەربىيە بەرسەك : تاشقى قىياپەت ئىچكى دۇنياغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، مەن ھەرقايسىڭىزغا ئوخشاش غەيۋەت قىلمايمەن،(بەزىدە تۈزۈم ۋە تەڭسىزلىكلەردىن ئاغرىنىپ باشلىقلىرىمىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ قالاتتۇق)،ئاتا-ئانامغا ۋاپادارمەن، قايسىمىزنىڭ قانداقلىغىنى ياراتقان ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، ماڭا جەننەت دوزاخ پىچىشىپ بېرىشمەي ئىشىڭىزنى قىلىڭ................دېگەندك ‹‹داۋلى››لار بىلەن دەككىمىزنى بېرىپ،نېرىغا كېتىدۇ، بىزمۇ نىمە دېيىشىمىزنى بىلمەيمىز، بەلكىم ھەممە ئادەم ئاشۇنداق قىلغان ساۋاپلىق ئىشىمىز گۇناھىمىزنى بېسىپ چۈشىدۇ دەپ ئويلىسا كىرەك.