abdurehim123 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:49 PM
چىچەنخۇ دا بىرەر ئىككى بۇلاقنىڭ بولۇشى..چوقۇم ئۇ يەردە ...
مەن ئۇستىدىكى ئىنكاستا باشقىلاردىن ئاڭلىشىشمغا ئاساسەن بۇ جاينىڭ تارىخى تەخمىنەن ئىككى يۈز يىل ئىكەن دىگەن ،بۈگۈن يەنە باشقا بىراۋدىن سوراپ باقتىم ،ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۈچ- تۆت يۈز يىل بولۇپتۇ ، تۇققۇز ئوغۇز دەۋرىنى تىلغا ئېلىش ئارتۇقچىمۇ قانداق؟ سىزچە بولغاندا بۇ جاي ئەسلى چىچەنلەرنىڭ كۆلى بولسا ئەقىلگە سىغىدىكەن .ئاشۇ يەر دە ئەۋلادتىن -ئەۋلاتقا ياشاپ كىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان تارىخنى سىز قانداقمۇ يەكۈنلەپ چىققانسىز ؟ ئاغىنەم ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئاشۇ بۇلاقتىن تۆتىنىڭ ئېىنىق ئورنىنى بىلىدىكەن .بىر نەچچە يۇز يىل بورۇن يەتتە تال بۇلاق يوق ئىدى دەپ ئىيتالامسىز ؟ ....ئۇنىڭ ئۈستىگە ،چىچەنلەرنىڭ كۈلى نىمىشقا چىچەنكۆل دەپ ئاتالماي چىچانخو دەپ ئاتىلىدۇ ؟ بۇ خۇددى توقسۇ ناھىيىسنى شىڭخا دەپ ئاتىۋالغاندەكلا ئىش .
يۇقاردا تىلغا ئالغان جاينىڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچە نامى بولغان ،كىيىن ئەسلى نامى ئۇنتۇلۇپ ھازىرقى ئەبجەش نامغا ئايلانغان .
مەن تارىخچى ئەمەس ،بەلكىم سىزدەك تارىخنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان كىشى بىلەن مۇنازە قىلىپ بۇلالماسمەن .مەن لەغمەن ئىتەلمەيمەن ،ئەمما تۇزىنىڭ تېتىغان -تېتىمىغانلىقىنى ھىس قىلالايمەن
..............................
رەھمەت!...
تۇرپان توغرىسىدىكى سۆزلەر تاتار-چىچەن-كۆنچىلەرگە باغلانغىنى ئۈچۈنلا چىچەنغار ئاتالغۇسى ھەققىدە قارشى ئىنكاس يازمىغان بولۇشىڭىزنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.
تۇرپانغا 9 ئوغۇزلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەن مىلادىيەنىڭ 840-يىلىدىن كىيىن قەدەم باسقان ئىدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇرپانغا باشقا قەۋملەردىن كىلىپ-كەتكەنلەر بولسىمۇ..لىكىن يەرلىك ئاھالىلەردىن ئەمەس ئىدى.
ئۇنداقتا تۇرپاننىڭ 840-يىلى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى قەبىلىسى ئىدى؟
مەن بىلگەن تارىخى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تورت-تات ناملانغان 4-قەبىلىسىنىڭ شەرقى ئۇرۇقىدىن بولغان تورت پان لار ئىدى، دورت مان-تورت پان سۆزىنىڭ مەنىسى تورتلەرنىڭ شەرقى قەبىلىسى بولغاي.»يازمىلاردىمۇ بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى قوچۇ-قۇسۇ-قۇس دىگەندەك تەلەپپۇزدا ئالغاندۇر.
تورت-توت-چوت-قۇت-قۇتۇ-قوچۇ تەلەپپۇزى شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
تۇرپاندا يىقىلىۋاتقان ناننىڭ ئىسمىنى «قوشۇ نان» دەپ ئاتايدۇ، ھەمدە ناننىڭ يۈزىدە پىچاق بىلەن كىسىلگەن+ مۇنداق بەلگە باردۇر، بۇنى تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچىگە ئالغان بىزلەر قوشۇ ياكى قوشۇش دەيمىز،ماتىماتىكىدىكى قوشۇش دىگەن ئەمەلنى بىلدۈرىدىغان قوشۇ سۆزى شۇ، ناسارالارچۇ؟.....كىرست دەيدۇ.
ئارخىلوگلار تۇرپان ۋە سىبىرىيە ۋادىلىرىدىن ناسارالار زامانىدىنمۇ بۇرۇنقى زامانلاردىن قالغان + شەكىللىك دېنىي زۇننارلارنى تاپقان، بۇنى سىز ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئالاقىدار 12 لىكسىيەمۇ؟..شۇنداقراق رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭ يازمىسىدىن بىلەلەيسىز.
سىز يەنە بىر قىتىم تۇرپان ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ دەرۋازا-ئىشىكلىرىنى كۈزەتسىڭىز + بۇنىڭدەك قوشۇ سىمان بەلگىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىسىز!...ھەمدە ئۆي تاملىرىغا...تۇرپان دوپپىلىرىغا گۈلكەشتە قىلىپ تىكىۋىتىلگەن كىرستسىمان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرەلەيسىز!...ھەتتا تۇرپاندا گۆر ئۈستىگە كىسەك بىلەن + قوشۇ بەلگىسىنى چىقىرىپ قويغان قەۋرىلەرنى ھازىرمۇ تالاي ئۇچرىتالايسىز. مەن تۇرپاندا تۇرغان جەريانلىرىمدا مەخسۇس بۇ ھەقتە ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە بولغان.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى تۆت-توتۇ-قوچۇ-قوشۇ غا باغلانغان.
...................
توقسۇنىڭ نامى شۇ جايدا قۇرۇلغان غەربى تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان سىر تۈركلەرنىڭ يەنە بىر مىللىي نامى تۇرك سون دىن كەلگەن. تۈركسون لار ئىپتالىت ئىمپىرىيەسىنى مۇنقەرىز قىلغانلاردىندۇر. ئەپسۇسكى تۇركسونلار ھالاك بولغاندىن كىيىن 4 تەرەپكە چىچىلىپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈرك چور ئاتالغۇسىدىكى چور-كور-كىر نامىدا بۈگۈنكى كىر ۋە چىر ناھىيەسىدە ياشاۋاتماقتا.كىرىيە ۋە چىرىيە دىگەن ئاتالغۇنى بىزلار زورلاپ قويۇۋالغان بولۇپ، يەرلىك خەلق ھىچقاچاندا ئۆزىنى كىرىيە-چىرىيەلىك دەپ ئاتاپ باقمىغان، ئەكسىچە چىرلىق، كىرلىك دەپ ئاتايدۇ. كىر خەلقىنىڭ پەرىجىسىدە بۈگۈنگىچە ھاۋارەڭ يەتتە بالداق ۋە ياقىسىدىن سىرىلىپ چۈشكەن بىرسى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئى 8 بالداق كەشتە بار، بۇ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 8-تاشقى قەبىلەسى ئىكەنلىگىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر . چۈنكى ھاۋا رەڭ تۈرۈكلەرنىڭ سىمۋول بەلگىسى ئىدى، شۇنداقلا 8 رەقىمى تۈركلەرنىڭ 8-تاشقى قەبىلە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.تۈرك چور ياكى تۈرك كور دىمەكتىن بۇ نام قىسقىراپ چور-چىر-كىر تەلەپپۇزىغا كەلگەندۇر .يازما مەنبەلەردىمۇ 567-يىلىدا تۈرك چورلارنىڭ ئۇدۇندىكى ۋاڭشىن ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى، تۈركچورلارنىڭ تۈركسون-ئۇدۇن قاتنىشغا بەك مۇھىم بولغان مازار تاغ ئارقىلق بولىدىغان ئۇدۇن-تۈركسون-توقسۇ لىنىيەسىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلغانلىقىنى، تۈرك چورلار خانلىقى ھالاك بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇدۇن تەۋەسىدە قالغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
تۈركسون لارنىڭ يەنە بىر قىسمى بۈگۈنكى خاتا ھالدا شىنخا دەۋالغان تۇركسون-توقسۇن-توقسۇ ناھىيەسىدە كۆچمەي قىپ قالغاندۇر .توقسۇن دىسە تۇرپاندىكى توقسۇن بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىكەن دەپ توقسۇ ياكى شىنخا دەپ ئاتىغانلىقىغا ئالاقىدار بىر يازمىنى كۆرگەن ئىدىم،
شىنخا دىگەن يۇرتنى توقسۇغا ئەمەس بەلكى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىنغا يىزىسىغا قويسا توغرا بولاتتى، شىنغا نامىنىڭ توقسۇغا قويۇلۇپ قىلىشى تارىخى ئۇقۇشماسلىقتۇر .
.........................
تۈرك سون لارنىڭ بىر بۆلىكى شەرققە كۆچۈپ بۈگۈنكى توقسۇنغا ماكانلاشقان، شۇلار بىلەن بىللە كەتكەنلەر ئارىسىدا شى فامىلىلىك تۇنيوقۇقنىڭ ئەۋلادىمۇ بار ئىدى، شى دىمەك سىر ياكى شىر دىمەكتۇر، شىر بولسا شىر تۈرك ياكى سىر تۈركلەرنىڭ تۇتۇمى ئىدى،
تۈركسونلارنىڭ بىر بۆلۈكى بۈگۈنكى باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن نامىدىكى يۇرتىدا ماكانلاشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر تاشقى قەبىلىسى ئىچكى 5 ئۇرۇققا بۆلۈنەتتى.دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا بەزىدە 36 بەزىدە 45 يەنە بەزىدە 56 بەگلىك بولاتتى، بەگلىكنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى زىمىن بىسۋىلىپ باشقا قەبىلىلەرنى ئەسىر ئالغانلىقتىن ياكى، قەبىلەلەرنىڭ پارچىلانغانلىقىدىن بولاتتى.
شۇڭلاشقا تارىختا مەيلى كۇشانلارنىڭ بەش يابغۇلىقى بولسۇن، مەيلى ھونلارنىڭ 5 كە پارچىلىنىشى بولسۇن، مەيلى تۈركى تىللار دىۋانىدا بىرىلگەن خەرىتىدە بەش شەھەرنىڭ بىر گۇرپا ھالىتىدە سىزىلىشى بولسۇن...مەيلى ئورخۇن خانلىقى يمىرىلگەندە ئۇيغۇرلار 5 كە پارچىلانغانلىقى بولسۇن... ھەممىسى دەل يۇقارقى «بىر بالق 4 كەند » 5 ئۇرۇق ئىتتىپاقى ئاساسىدىكى تۈزۈلمە سەۋەبىدىن شۇنداق بولغاندۇر، شۇڭىمۇ تۈرك سونلار مۇنقەرىز بولغاندا 5 كە بۆلۈنۈپ كۆچكەن ئىدى.........
تۇرپان يۇرتىمىزدا تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن ماكانلاردىن بىرىدۇر.
ئۇ يەرنىڭ ئىسسىق كىلىماتىدا بىر يەردە بۇلاق بولسا...ھەممە يۇرت ئەھلى ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالمايدۇ، چۈنكى تۇرپاندا سۇنىڭ ناھايىتى قىسلىقىدىن ئەمگەكچان تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىزنى كەشىپ قىلغان.
ئەلبەتتە كارىزغا غار ئاز-غاردەك ئاز(ئازگال، سۇ ئويۇۋەتكەن جاينى ئاز-ئازما-ئازگال دەيمىز) دەپ ساپلا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويالىغان ئۇيغۇرلار، 7 بۇلاققىمۇ ئۇيغۇرچە يەتتە يۈل(يۈل-قەدىم ئۇيغۇرچە ئوغۇزچە تىلدا بۇلاق دىمەكتۇر)، ياكى يەتتە بۇل ئاق، ياكى يەنىمۇ قىسقارتىپ يەتتە بۇل...دەپمۇ ئىسىم قويالىغان بولاتتى، قەدىم ئۇيغۇر تىلىدا سۇنى بۇل دەپمۇ ئاتىغان، «بۇلاق-بۇل ئاق» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئاقار سۇ» دىمەكتۇر،
مۇبادا يەتتە بۇلاق بولغىنىدا ئىدى، تۇرپاننى گاۋچاڭ دىگىلى ئۇنىمىغان ئانا تىلنى سۆيەر تۇرپانلىق ھەق ئۈچۈن تىك تۇرالايدىغانلار ، زىنھار ۋە زىنھاركى «چىچەنخۇ» دىگەن نامغا تولۇق يۈز پىرسەنت ئاۋاز قوشمىغان بولاتتى.ھەتتا يەتتە بۇلاقنى خەنزۇچە ئاتاش توغرا كەلسە ھىچ بولمىغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇماستىن «چى بۇلاق» دەپ ئاتىشاتتى،ياكى سۆزنى قىسقا قىلىدىغان ئۇدۇمى بويىچە «چى چۇەن » دەپلا ئاتىشاتتى، يۇرتىمىز ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تۇرپان شىۋىسىنىڭ سۆزلەرنى قىسقارتىۋىتىدىغان ئارتۇقچىلىقى مەشھۇردۇر.
چىچەنخۇ نامىنىڭ 200-400 يىللار بۇرۇنقى زامانلاردىن ئاشالمايدىغانلىقى ئاغزاكى بايانلار ئارقىلق تەستىقلانغان بولۇپ، يازما دەلىلى يوق، ئەمما چىچەنلەرنىڭ تۇرپان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارت تىكىن بىلەن بىرگە تاتار،گاۋچاڭ-گۇزانلار بىلەن قوشۇلۇپ چىڭگىز ئىستىلاسىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكرار ئىسپاتلانغان تارىختۇر .
تۇرپاندا ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىدىن بۇرۇنمۇ تاتارلار ياشىغان. تۇرپاندا ئۆتكەن «داتقان-داتكەن» شەھەر خارابىسى نەق ئەشۇ «دورت-دوت-دات-تات كەند» نىڭ تارىخى يادىكارلىقىدۇر.
مۇبادا چىچەنخۇ نامىنى تاتار-چىچەنلەردىن چەتلەشتۈرگەن ھالەتتىمۇ تۇرپان-تورمان، داتكەن، قوچۇ-قوشۇ...ناملىرىنىڭ تۆتكە باغلىنىش تارىخنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.
سىزچە چىچەنلەرنىڭ تۇرپاندا ياشىغىنى پەخرلەنگۈدەك ئىش ئەمەسمىدۇر؟...
غار سۆزى تەلەپپۇز تارىخدا غار-قار-كار-كور-كۆل-كۆ-قۇ-خۇ غا ئالمىشىپ قالسا تۇرپاندا ئەجەپلەنگۈدەك نەرى بار؟...
چىچەنغار سۆزىنىڭ چىچەنخۇ غا ئۆزگىرەپ قىلىشىنىڭمۇ ئەجەپلەنگۈدەك نەرى بار؟...
ئەجەپلىنىش توغرا كەلسە يەتتە بۇلاق سۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ياشاۋاتقان تۇرپاندا چىچۇەن گە ئەمەس بەلكى چىچۇەنخۇ غا ئالمىشىپ قالغىنىغا ئەجەپلەنگۈلۈك!..
شۇنداقلا تۇرپاندەك سۇنىڭ ناھايىتى قىس، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى ناھايىتى زور بولغان بىر يەردە 7 بۇلاق بولسۇنۇ...ئۇ يەردە ئادەم ماكانلاشقىلى 400 يىلدىنمۇ ئاشمىسۇن؟!....
سۇ يوق يەرگە كارىز كولىيالىغان ئەمگەكچان ۋە ئەقىللىق خەلق ، مۇتقا چىقىۋاتقان سۇنى تاشلاپ كىتىش ئەمەس، شۇ بۇلاق قۇرۇپ كەتسىمۇ بۇلاقنىڭ تىگىنى كولاپمۇ بولسا سۇ چىقىرىشنى بىلىدۇ!...
بۇلاق يەر ئاستى سۈيى يوق يەردە پەيدا بولمايدۇ،يەر ئاستى سۈيى ھەتتا دەيالىرى قۇرۇپ كەتكىلى2 مىڭ يىل بولغان تىكلىماكاننىڭ ئاستىنى كولىسىمۇ چىقىدۇ. ھالبۇكى «ئۈستى چۆل، ئاستى كۆل» تۇرپاندا بىر ئەمەس ئون بۇلاق بولسىمۇ ئاسانلىقچە قۇرۇپ قالمايدۇ، بۈگۈنكى توك قۇدۇقلىرىدا سۇ تارتىۋاتقان زامان بولسىمۇ...بىر كاشكى.....
..............
تۇرپاندا كورلىنىڭ ئۇ تەرپىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى «دولان» دەپ قويىدىغان بىر ئادەت بار، دولاننى ياتلىغان «مىللەتپەرۋەر» تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تازىلىق قەغىزى ئەمەس، بەلكى تۇرپاندەك سۇ بەكمۇ مۇھىم بولغان، قۇرغاق ھەم ئىسسىق رايۇندا ، مۇھىم بايلىق بولغان سۇغا ئىتىبارسىز قاراپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنىمۇ بولسا «يەتتە بۇلاق» دىيەلمىسە «يەتبۇل»،«يەت بۇلا»،«يەت بۇلاغ» دىيەلمەيدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنمەيمەن.
شۇنى ئۇنتۇماڭكى، مەن بىلگەن ۋە كۆرگەن تۇرپانلىقلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى ناھايىتى كۈچلۈك كىلىدۇ.