مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

«كروران گۈزىلى» بىولوگىيەلىك قورالدا شەھىد بولغانمۇ؟...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8850
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 06:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...........................خەنزۇچە يازمىلاردا ، بۇ ۋادىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ نامى سۈپىتىدە «تۇلانچۇەن» دەپ خاتىرلەنگەن ، ھالبۇكى «توكار بالق»نامى تاكار بالقتىن كۆچمەي قالغان كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ كىرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىنىدىن يۇقۇرى ئىقىنىغا سۈرۈلگەن بۈگۈنكى « تەكە »(توكار-تۇخار) بىلەن «باراق»(بارق) ئىككى جەمەتنىڭ «توكار بارق» دىگەن قەدىم ماكانىنىڭ نامنى ئىككىگە بۆلۈپ تەگئات قوللۇنۇش ئارقىلىق ، يىقىن تۇققانلارنىڭ توي قىلىپ قىلىشىدىن ساقلانماقچى بولۇشلىرى ئارقىسدا  «تەكە» ۋە «باراق» دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ ياشاشلىرى بىلەن تا ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە قوللۇنۇلماقتا ....................

يۇقىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇپ كىتىۋېتىپ ئانامنىڭ بىر چاغلاردا دەيدىغان بىر گىپى ئىسىمگە كەلدى. ئانام ئاتا-بوۋىلىمىزنىڭ گىپى چىقسا، بالام بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىكى چوڭ بوۋىسى «باراق» دەيدىغان بىر پالۋان كىشى ئىكەن، بىز ئەنە شۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادىمىز دەيدىغان...
ئادەتتە ئۇ گەپلەرگە ھە... دەپلا قوياتتىم، تەپسىلى ئويلىنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى تېما ئىگىسىنىڭ ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇر بىلەن بايان قىلغان بۇ تارىخى بايانلىرىنى ئوقۇۋىتىپ بۇ قۇرلارنى كۆرگىنىمدە، توۋا ئانامنىڭ دىگىنىنىڭ ئاساسى بار گەپمۇ نىمە؟ دەپ ھەيران قېلىۋاتىمەن.
قانداقلا بولمىسۇن تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، تەپەككۈرىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولغاي! بۇ يازمىڭىزدىن ئاجايىپ ئۆتمۈشلەر كاللامدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتكەندەك بولدى. مەن ئۆزۈممۇ تارىخقا قىزىقىمەن، لېكىن تېتىملىق، چىنلىقى يۇقىرى مىللى تارىخلىرىمىزنى تېپىپ ئوقۇش ئاسان ئىش ئەمەس. تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئەنئەنىۋى تارىخچىلىقتىن باشقىچە بىر تۈستە ئىكەنلىكى ئېنىق. تېخىمۇ ئېسىل نەتىجىلىرىڭىزگە تەشنامەن!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئىزدىنىشتىن ئۆزگە كەمتەرلىكنىمۇ ئۆز يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ، ئىشىنىمەنكى ئۇ سىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ...

ئالدىن پۈتۈلگەن قىسمىتىڭنىڭ ھەممىسى ساڭا بۇيرۇلغان ئىش ئەمەس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 322
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1262 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 07:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(1) يازما ئىگىسىنىڭ تارىخىمىز ئۈستىدە خېلى ئىزدەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
(2) يازما ئىگىسىنىڭ مۇنۇ دادىل قىياسىغا ئاپىرىن دەيمەن : مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاتا تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققان كېلىدۇ ( تورداشلارغا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ‹قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا› ناملىق كىتابىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:  قەدىمدە ئىراقتىكى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان سۇمېرلار مەركىزى ئاسىيادىن كۆچۈپ بارغان مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىگە مەنسۇپ خەلقلەردۇر.. ئۇلار بىلەن قېرىنداش خەلقلەردىن ھېتتىلار ئاسىيا ياۋايىلىرى دەپمۇ ئاتالغان - كېيىنكى مەزمۇن دۇنيا تارىخى دەرسلىكلىرىدىمۇ بار- ... مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخىنى بايان قىلغان نوپۇزلۇق ئەسەرلەردە بۇ بۈيۈك زاتنىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسى سۇمېرلار رايۇنىدىن ھارانغا كەلگەنلىكى يېزىلغان، ھاران بولسا ھېتتىلارنىڭ ئات تۇياقلىرىنىڭ ئىزى قالغان يەردۇر. يۇقارقى قىياسنىڭ ئىگىسى ئېيىتقاندەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانا جەمەتى قەدىمقى ئەرەپلەردىن ئىكەن، بۇمۇ كىتاپلاردا يېزىلغان...)
(3) يازما ئىگىسىگە تەكلىپ شۇكى، ئىزدىنىشلىرىڭىز داۋام قىلغاي. يەنە، ھاياجىنىڭىزنى سەل بېسىۋېلىڭ، يازمىلىرىڭىز ياقىدىغانلا بولسا كىشىلەر سىزنى ئىززەتلەيدۇ، سىزگەئاتاپ دۇئا قىلىۋېرىدۇ.
(4)مېنىڭچە، ماقالا، ئەسەرلەردىن ئازراق نەپ تەگسىلا شۇ كۇپايە، ئاپتورغا يۇقۇرى تەلەپ قويۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. قانچىلىك يازالىسىڭىز شۇنى يوللاۋېرىڭ !

تەمكىنلىك، ئاقىلانىلىق ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29903
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4174
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1273 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 07:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، مەن ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم كۆرگەن ماتىريالىڭىز ھەقىقەتەن جىقكەن ،ھازىز بۇنداق تارىخى ماتىريالنى تاپقىلى بولمايدۇ ،ھەتتا بىزمۇ بۇنى يەنى (كىروران )دېگەن نامنى ئويغۇرچە نام دەپ يۇرۇيدىكەنمىز ئەمەسمۇ.

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە ، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن .

http://anana05.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6288
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 07:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...ئۇيغۇر تارىخىدا ھازىرغىچە يىزىلغان بارلىق تارىخى ئەسەرلەردىكى مەزمۇندىنمۇ كاتتاراق ۋە كەڭ دائىرىلىك بولۇشۇ مۈمكىن...سىز بىرەر تۈزۈم ئىچىدىكى ئەسەرنى ياقتۇرسىڭىز...دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى قانۇنىنى ئوقۇسىڭىز...ئۇ ھەممىدىنمۇ تەرتىپلىك يىزىلىدۇ...

ئىلمي نەرسىلەرنى يازغان كىشنىڭ ئىلمىي بولغۇنىنى كۆرگەن!  ....   ئەپسۇس  سىز دە بۇ ھۈجەيرە كەم ئىكەن! ،،،،

مىنىڭ نىمنى ئۇقۇشۇمنى سىز بەلگىلىيەلمەيسىز!  ... ئەلۋەتتە ئۇقۇش قا تىگىشلىك، بىلم ئېلىشقا تىگىشلىك بولسا نومنىمۇ ئۇقۇپ باققۇلۇق!   چۈنكى  ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ بۇتپەرەسلەرگە ياخشى  رەدىيە بىرەلەيسىز!....  شۇڭا  ماڭا سۆزلەپ بەك جۇۋاپ كەتمەڭ!...
چۈشەنسىڭىز مەنمۇ يامان گەپ قىلمىدىم! بولسا شۇ دىگەنلىرىڭىز چەتئەلدىكى تارىخشۇناسلارنى قايىل قىلالسا (سىز شىنجاڭدىكى ھىچقايسى تارىخ شۇناسنى ياراتمايدىكەنسىز ئەمەسمۇ) مەنمۇ خوش...   ئېغىزنى قۇيىۋەتسە ھەممە گەپ چىقىدۇ....بۇ دىگەن ئىلمىي سورۇن  بىراۋنىڭ غورورىغا  ياكى شەخسىيىتىگە تىگىش قىلدىغان جاي ئەمەس! . ...قالغان گەپنى مەن ئالدىنقى ئېنكاستا دەپ بولغا ن! قارسام سىز تارىخنى يازمايدىكەنسىز بەلكى تارىخ يازدىكەنسىز!!

تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2149
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17844
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6769 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 08:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالە بەك يۇقۇرى ئىلمى قىممەتتە يېزى؛مىغان بولمىسىمۇ لېكىن ئاپتۇرنىڭ خېلى ئىزدەنگەنلىكىنى،بۇ يازمىنى يېزىشقا خېلى كاللا قاتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.ئاپتۇر ماقالە ماۋزۇسىدا ‹‹بىئولۇگىيەلىك ئۇرۇشتا ›› دەپ ئالغان بىلەن بىئولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىكەن. پەقەت گەپدانلىق قىلىپ يۇمۇرلۇق پاراڭلارنى قىستۇرۇپ قويۇپتۇ.بىز تېخى ھازىرغىچە بىرەر كىشىنى پىت چېقىۋېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىمىدۇق.
بۇ پىت جەسەت بىلەن ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرغانلىقى ئېنىق.نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋىردە جەسەت ھازىرقىدەك يۇيۇلۇپ كېپەنلەنمەيتتى بەلكى مۇشۇ جەسەتتەك ئەڭ ياخشى كىيىملىرى بىلەن توغراق ياغىچىدا ياسالغان تاۋۇتقا سېلىىنىپ كۆمۈپ قويۇلاتتى.ھازىر كىرىيەنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىمۇ جەسەت پاكىز يۇيۇپ كېپەنلىنىپ توغراق نورىغا سېلىنىپ يەرلىككە كۆمۈلىدىكەن.
پىت ھازىرقى خىمىيەۋى سوپۇنلار تەسىرىدە يوقاپ كەتكەن بىلەن 80-90يىللاردا كىيىملىرىمىزدە ساياھەتچىدەك ئۆمۈلىشىپ يۈرەتتى.ھازىر ئۇنى دورىلىققىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.پىت چېقىپ تۇرغان كىشىدە قانغا ماي ئۆتىۋالماسمىش. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 08:07 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللاھ..ئاللاھ يەي!....
تۇرمۇش جىددىيلىكىدە يۈرگەن بۈگۈنكى زاماندا....نامازنى جايىدا ئوقۇماقمۇ ناھايىتى قىيىندا بولۇۋاتقان بۇ كۈلەردە....كىچە ئۇيقۇنى ھالال قىلىپ قىپ-قىزىل بولۇپ كەتكەن كۆزلەرگە قەھۋە بىلەن ماغدۇر بىرىپ، ...غوڭۇلداپ يىرىلىپ كىتەي دىگەن نىرۋامنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ پەسكويىغا سىلىپ...ئاران مۇشۇ ھالدا بىر نەرسە قىلىپ ئولتۇرسام...
مىنىڭ ئورنۇمدا قان بىسىمى 220 دە 160 قا چىقىۋالغان بىر ئادەمنىڭ...ناھايىتى زور جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىپ يىزىۋاتقان نەرسىسىدە..سىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان مەنانى تىخىچە ئاڭقىراپ بولالمىغانلىقىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ گاللىقىدىن ۋە .....ئازاپلاندىم...
سىلەرگە توپان بالاسىغا تۇتاشقان تارىخنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىما قىلغانلىقىم تىخى مۇئەييەنلەشتۈرۈكە تىگىشلىك ئىلمىي ئەمگەك بولالمىغانلىقىدىن ...نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم...مىنىڭ ئورنۇمدا مەن بىلگەننى بىلگەن...مەن تىپىۋالغان تارىخى يىپ ئۇچىنى چۇۋۇپ چىقالايدىغان بىرىڭلار بولغىنىڭلاردا ئىدى....دوختۇرخانىغا بىرىپ...قۇلاققا مازنى تىقىپلا...ياتقان بولاتتىم!...
مەندىكى يا كىبىردۇ، ياكى سىلەردىكى يەڭگىلتەكلىككە...يازمامدىكى يوشۇرۇن قىممەتنى بىلەلمىگەنلىكىڭلاردىكى يەڭگىلتەكلىككە قاراىتا تىت-تىتلىنىشتۇ؟...ياكى..سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن بولغان....نورمال پىسخىكىلىق روھىي ھالەتتۇ؟...

...................................
سىلەر دە-تالاش قىلغان مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلدىم.
سىلەرگە سىلەرنىڭ ۋە مىنىڭ ئەجدادىم-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى يەنىمۇ ئىنىقراق بايان قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن...مەن جىم-جىتلىققا مۇھتاج....

ئەقىللىق كىشىلەرگە بىر دۆۋە داشقالغا ئارىلىشىپ كەتكەن بىر-ئىككى تال ئالماس بار  ئەخلەتنى سۇنساڭ...ئۇنىڭ كۆزى داشقالغا ئەمەس...بەلكى گۆھەرگە چۈشىدۇ...مەن سىلەرگە پايانسىز داشقاللار چىرمىۋالغان بىر ۋادىدىن بىر خالتا داشقال ئۇزاتتىم...شۇ سوۋغامدىن ئۆزۈڭلەرگە لازىم بولىدىغان 4 تال گۆھەرنى تونۇيالمىساڭلار...ئەپسۇس...مەن مىللەتنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئوتتۇرا قاتلىمىغا مەنسۇپ تەپەككۈر ئىگىلىرى بار دەپ تونۇغان سورۇندىكى ىسىلەردە شۇنچىلىك دىتنىڭ بولماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن!...

زۆرۈر بولسا يازمامنى ئوقۇمىساڭلارمۇ..ياكى مۇنبەردىن ئۆچۈرۈۋەتسەڭلارمۇ بولىۋىرىدۇ...ئەچكۈگە ياغ ياراشماس دەپ....بۇ يازمىنى جەۋھەر تىما ئورنىغا چىقىرىپ قويۇپ نىمەمۇ قىلار بولغىيدى...سۆيۈملۈك مۇنبەربەگلەر؟....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايدىڭ كۆل سۆزىنى ئاڭلىغان تۇنجى ئادەم دەرھاللا ئايدىڭدەك يورۇق كۆل دىگەن بولىدۇ..دەپ چۈشىنىدۇ.
ئايدىڭ كۆل نامىنى بۇ كۆلنىڭ دۇنيا بويىچە 2- چوڭقۇر جاي دىگەن سۈپەت نامىغا باغلاپ چۈشەنسەك  «ئايدىڭ كۆل» نامىدىن قانداق مەنا چىقار؟.....
چوقۇمكى «ئوي داڭ كۆل» دىگەن مەنا چىقىدۇ..يەنى بەكمۇ ئويمان بولغان كۆل...دىگەن مەنا چىقىدۇ!....
ئۇيغۇرلار ئوي داڭ كۆل  نامىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇز ۋە مەناسىنى ئۇنتۇپ قالغان بىر زاماندا سىزگە مەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى شەرھىلەپ بىرىۋاتىمەن..بۇ تەكەببۇرلۇق ئەمەس بەلكى ھەقلىق  ماختىنىشتۇر.......
بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ تۇمان ئاستىدا قىلىشىنىڭ سەۋەبى دەل بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان تارىخى مىراسلىرىنى يۈزە چۈشەنگىنىمىزدىندۇر!...
قەشقەر ۋە يەركەندىكى خاڭدى ، پىچان لەمجىندىكى خاندو ناملىرى بىۋاستە ئۇيغۇرلارنىڭ 2-تاشقى قەبىلىسىدىن بولغان دو قەبىلىسىنىڭ جەنۇبى ئۇرۇغىغا باغلانغان ئاتالغۇ ئىدى.بەزىلەر بۇ ئاتالغۇنى پادىشاھلىق يەر مەناسىدىكى «خۇاڭدى» دىگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ تەبىر بىرىشىدۇ...خۇددى شۇنىڭدەك...چىچانخۇ دا يەتتە بۇلاقنىڭ بارلىقىنى كۆرگەنلەر يوق...ئەمما ھەرقانداق تىرىك جان بار يەردە بىرەر ئىككى بۇلاق...بىرەر ئىككى دەريا ياكى ئىقىن بولىدۇ....ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ يەردە ھاياتلىق مەۋجۇت بولالمايدۇ!....
چىچەنخۇ دا بىرەر ئىككى بۇلاقنىڭ بولۇشى..چوقۇم ئۇ يەردە 7 بۇلاقنىڭ بولۇشىغا دەلىل بولالمايدۇ...شۇنداقلا 7 بۇلاق بار جاينى بوۋىلىرىمىزدىن بولغان 9 ئوغۇزلارنىڭ «يەتتە بۇلاق» ياكى «يەتتە يۇل» دەپ ساپ ئۇيغۇرچە نامدا ئاتىماي...چىچەنخۇ دەپ ئاتىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ!...
شۇڭلاشقا چىچەنخۇ دىمەك چىچەنغار دىمەكتۇر!
بىر كىتاپنى ئوقۇسام ،تۇرپاندىكى قارا غوجا يىزىسىنى «قارا خانىيلەر» تۇرپاننى ئىشغال قىلغاندا بۇ جايدا «قارا خانىيلەرنىڭ دېنىي ئۆلىمالىرى تۇرۇپ قالغان ئىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ نامىدىكى قارا بىلەن ئۇلارنىڭ غوجا دىگەن دېنىي نامىنى قوشۇپ قارا غوجا دەپ ئاتاپتۇ»...دىگەن قۇرلارنى كۆرۈپ يا يىغلاشنى..يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم...تۇرپان قەدىمدە «قارا قوچۇ» دەپمۇ ئاتىلاتى.ئۇ زامانلاردا ھەتتا غوجىلار تۇرماق ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ تۇغۇلمىغان ئىدى!....
يۇرتىمىزدا شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قارىساڭ ئىلمىي...چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلساڭ سەرگە توختىمايدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بەك كۆپ!....
..................

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:25:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كور ئوران ھەققىدىكى يازمامدا تەھقىقلەپ چىققىنىم نىمە؟


1-مەن كور ئوران نامىدىنمۇ بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ سونچى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ۋە كۆنچىلەرنىڭ سومچىلەرگە باغلانغان مىللىي يىلتىزىنى تاپتىم.
2-مەن كور ئوران دىگەن نامنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى تاپتىم.
3-مەن تۇمۇر ۋە سۇمۇر دەپ ئىككى دەريانىڭ قۇرۇپ كەتكەن ۋادىسىنى تاپتىم،
4-مەن تۇمۇر ۋە سۇمۇر دەريا ۋادىسىدا ئۇيقۇغا كەتكەن ئاز بولغاندا 15 قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ ئورنى بار تۈز سىزىقنى تاپتىم!...
5-مەن مەركىت، كەلپىن،بارچۇق ناملىرىنىڭ نىمە سەۋەپتىن قويۇلغانلىقىنى تاپتىم.
6-مەن ئاقسۇ نامى بىلەن ئۆزبەك نامىنىڭ تارىخى يىلتىزداشلىقىنى بايقاش ئارقىلىق قىرىنداش ئۆزبەك مىللىتىنىڭ 500 يىللىق تارىخنى توپان دەۋرىگە سۈرۈپ ئاپارىشقا دەلىل تاپتىىم.
7-تۇران تاغ ۋە تۇران چۆل نامىنى دەلىللەپ چىقتىم.
9-مەن ئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرىشىگە دەلىل بولىدىغان ئانا ماكاننىڭ ئورنىنى تاپتىم.
10-مەن سۇمۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشىگە باغلانغان دەلىلنى تاپتىم.................
......................
سىۋىن ھىدىن كور ئوران قەدىمىي شەھرىنى ئۆردەكۋاينىڭ ياردىمىدە تاپقىنى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا زىلزىلىگە كەلگەن ئىدى، مەن سىۋىن ھىدىن تاپقان كور ئوراننىڭ ھەقىقى نامىنى توغرا دەلىللەش بىلەن بىرگە، ئۇ شەھەرنىڭ كور ئوران دىگەن نامى پەيدا بولۇشتىنمۇ بۇرۇنقى يىراق دەۋرلەردىن قالغان سونچى دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى تاپتىم...
سىزچە مىنىڭ يۇقارقى ئاز بولغاندىمۇ 9 ئىجادىي بايقىشىمنى ، قۇياشتىنمۇ يۈكسەك ئورۇنلاردا پەرۋاز قىلىۋاتقان مۇبارەك نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىۋەتكەندىمۇ، سونچى-كۆنچى شەھرىنى كور ئوران ناملانغان چاڭ نەسەپلىك كىشىلەرنىڭ قولىدىن،  سونچى شەھرىنى بەرپا قىلغان سونچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەۋلادى كۆنچىلەرنىڭ نامىغا قايتۇرۇپ بەرگىنىم سىۋىن ھىدىننىڭ دۇنياۋىي نەتىجىسىدىن  ئىشىپ چۈشەلمەمدىكەن؟!....
ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق...دىگەن شۇ دە!....
مۇبادا سىزدە ئادالەت تۇيغۇسى بولغىنىدا مىنى ئىزلەپ...ئىمزايىڭىزنى قويۇپ بىرىڭ دەپ يۈرىكىڭىزنى ئىلىپ ئالدىمغا تۆۋەنچىلىك بىلەن كەلگەن بولاتتىڭىز!....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەردەمىي سىڭلىم!..
ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن بىۋاستە نام ئالغان «ئادەمي-ئەردەمي(ئەدەپ)» ئاتلغۇسىنى ئىسىم قىلغاندەك...شۇ خۇلۇقنى ياقتۇرۇپ ياشايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنى ھەممە ھەدە-سىڭلىمىزغا تەۋسىيە قىلىمەن!...
ماڭا بەرگەن ئىلھامبەخش رىغبىتىڭىزگە تەشەككۈر!...
ئاللاھ جانابىلىرى ھەممىمىزنى ياخشىلىق ئۈستىدە بىرلەشتۈرگەي..ئامىن!....

ھۆرمەتتە :
قۇرىغار.

www.adghar.org

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


www.adghar.org بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 11:25 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش