jalipkar! يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 06:21 PM
توغرا دەيسىز ، ئادەملىرىدىن ئىمان ، ئىنساب كۆتۈرۈلۈپ ...
قېرىندىشىم، قارىغاندا يولدىشىڭىز سىزگە بەك ئازار بەرگەن ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ سورىقىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەنلا ‹توغرا دەيسىز ، ئادەملىرىدىن ئىمان ، ئىنساب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن جاي ئۇ !› دەپ قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان زىمىنغا ئومۇمىي ھالدا باھا بېرىشكە كۆڭلىڭىز قانداقمۇ ئۇنىغاندۇ؟
بىر ئائىلىدە بىرسى ناچار بولسا، ھەممىسىنى يامان دېسەك سىزچە ئادىللىق بولارمۇ؟
مەن بۇنىڭلىق بىلەن سىز دېگەن ئەھۋاللارنى يوق دېمەيمەن. ئېسىڭىزدە بولسۇن بەش ۋاق ناماز ئوقۇسۇن ئوقۇمىسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇنىڭغا سىز باھا بېرەلمەيسىز، ئوقۇيالمىغان تەقدىردە ئۇنىڭغا يامان دەپ باھا بەرسەك تېخى بولمايدۇ، بۇنىڭغا سىز بىلەن بىزنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ھەقىقىي ئادىل باھا بېرىدۇ! چۈنكى ئۇ قەلبلەردىكىنى بىلگۈچىدۇر!
ھەممە يەردە ياخشى يامان ئادەملەر بولىدۇ، ئۈمۈدۈم : مەيلى قەيەرلىك بولايلى، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنايلى، ئايرىملىق ھەرگىزمۇ ئومۇمىيلىققا ۋەكىل بولالمايدۇ!
ھەممە شەھەردە كېچىلىرى ئۇخلىماي ئاللاھ ئاللاھ دەپ نىدا قىلىۋاتقان، كۈندۈزلىرى ھالاللىق بىلەن ياشاپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىنداشلارمۇ مىليونلاپ بار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەيلى تور دۇنياسىدا بولسۇن ۋە ياكى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، يۇرتۋازلىق قىلساق ھەم ئۆزىمىزگە زىيان ھەم مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدەپ ھاقارەتلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن گۇناھكار بولىمىز.....دىققەت قىلايلى!
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئىنكاسلارنى يۇيۇۋىتىشىنى، يازغانلارنىڭمۇ باشقۇرغۇچىلارغا دەپ تەھرىرلىۋىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تور ئالدىدا ئولتۇرىۋىلىپلا ئاغزىمىزدا شەھەر ئېلىپ، باشقا مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزغا ھاقارەت قىلساق، سىلەرچە توغرا بولامدۇ، ئادىلللىق بولامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ بىر نېمە دەيدۇ سىلەر بىرنېمە دەيسىلەر، ئاقىۋىتىنىڭ بىزگە نىسبەتەن قانداق بولىدىغىنى ئۆزۈڭلارغا مەلۇم....
ھاياتىمىز بىزگە شۇنچە قەدىرلىك تۇرسا، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، خۇددى ئۇلارنىڭ گۆشىنى يىگەندەك گۇناھنى ئارتىپ يۈرگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەقىل ئىگىسى بولساڭلار، مەيلى توردا مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن گەپ سۆز ئىش ھەرىكەتتە دىققەت قىلىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا ئازار بېرىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ساقلانساڭلار...