axkar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:16 PM
كەچۇر ، مەن غۇلجىدىن ، مۇشۇ ماكاندا ياشاۋاتقىنىمغ ...
قەيەردىن بولغىن، ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىم، گەپلىرىڭ بولسا بەك ئوچۇق دېيەلمىسەڭمۇ، ھەرھالدا ئاز مىقداردا بولسىمۇ چۈشەنگىدەك مەلۇمات بەرگۈدەك ئىنكاس ياز، بولمىسا يازمىغانلىق مىڭ ئەلا. بولمىسا بىلىپ-بىلمەي ئۇقۇشماسلىققا سەۋەپچى بولۇپ، يۇرتۋازلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشكە باشلامچى بولۇپ قالىسەن. مېنىڭچە سەنمۇ بۇنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن؟
مەن يازغىنىڭغىلا قاراپ باھا بەردىم، باشقىلارمۇ شۇنداق، مەن چۈشىنەي دېسەم چۈشەنگىدەك يازماپسەن،چۈشۈنەي دېسەم ‹مەلۇم ساندىكى› دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتمەپسەن. قەلبىڭدىكىنى ئازراق بولسىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ يازساڭ ياكى يېزىش ئۇسلۇبىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن بولساڭ چۈشەنگەنمۇ بولاتتىم، ھەم باشقا پۇتاقچىلارغىمۇ باھانە بولمايتتى.
قاراپ باق، سېنىڭ سۆزۈڭ بەزىلەرگە قانداق باھانە بولۇپ بەردى؟
بىزگە ئىتتىپاقلىق زىيان قىلمايدۇ جۇمۇ.