WesT.BoY يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 10:02 PM
موللام، ئۆزلىرى بۇ يەردە نۇرۇزنى تارتىپ چىقىمىسىلىمۇ ...
«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[④].
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش ئاللاھ بەلگىلىگەن بايراملارغا قانائەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ دىنىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ.