foormat يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 08:09 PM
ئاشۇ پەتىۋانى چىقارغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پەتىۋا ك ...
ئەگەر ئۇلار پارىسلار بىلەن بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبلىكلا بىدئەت دىگەن بولسا، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشىمىز جايىز بولسا،قىيامەت كۈنى ئۇلار جاۋاپكار.بىزنىڭ ئارىمىزدىن مەيلى ئۆتكۈزگەنلەر بولسۇن مەيلى ئۆتكۈزمىگەنلەر بولسۇن بۇ بايرام ۋەجىدىن گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما بەزىلىرىمىز، مەدەنىيتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى يوقاتقان بولىمىز.
ئەگەر ئۇلارنىڭ دىگىنى ھەقىقەت بولسا،ئۆتكۈزمىگەنلەر مۇكاپاتلىنىپ ئۆتكۈزگەنلەر ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.
ئەگەر ئۇلار پارىسلار بىلەن بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبلىك بىدئەت دىگەن بولسا، ھەم بۇ بايرام راستىنلا بىدئەت بولسا، بىز ئۇلارنىڭ خاتا دىگەن سەۋەب بىلەنلا بايرام ئۆتكۈزسەك ،خاتالىقنى خاتالىق بىلەن تۈزەتكىنىمىز ھىساپلىنىدۇ.
ھەقىقەتەنمۇ دىگىنىڭىزدەك، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قورقۇپ مەدەنىيەتتىن كېچەمدۇق؟ياكى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گۇناھ ئۆتكۈزەمدۇق؟ بۇ ھەربىر كىشىنىڭ تاللىشى.
دۆلىتىمىز قانۇنى: ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزمەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكى بار.
ئىسلام: ھەربىر كىشىنىڭ جەننەت ۋە دوۋزاخنى تاللاش ئەركىنلىكى.