coolbala يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 02:46 AM
قاپقارا يالغان گەپقۇ ماۋۇ ، تازا تارىخ ئوقۇمىغان ئوخش ...
2003-يىل 20-مارت ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر: ئىراقنىڭ قىرغىنچىلىقى زور قوراللىرى بار، شۇنداقلا ب د ت بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ، دېگەن باھانە بىلەن ب د ت ئىراققا بىرلىشىپ ئەسكەر چىقارغان بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغان. ئاپرېلدا گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئامېرىكا-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئىراق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور قوراللار بارلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە دەلىل-ئىسپات تېپىلمىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىندى، لېكىن ئىراق خەلقىنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىشىۋېرىدۇ. توققۇز يىل داۋاملاشقان ئىراق ئۇرۇشىدا، ئىراق خەلقى ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى. يۈز مىڭغا يېقىن پۇقرا قازا قىلدى، نەچچە مىليون كىشى سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار ۋە مال-مۈلۈك چەتئەللەرگە ئېقىپ كەتتى. سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ.
بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە پۇل مۇئامىلە خېيىمخەتىرى تۈپەيلىدىن، ئىراق ئىقتىسادىدا ھازىرغىچە ياخشىلىنىش بولمىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتا ئىشسىزلىق نىسبىتى %15 كە يەتكەن، تۆتتىن بىر قىسىم كىشى نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ