2004-يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتا جىنايەتچىلەرنى خورلاش سەتچىلىكى ئاشكارلىنىپ، نامى پۇر كەتكەنىدى. يەنە شۇ يىلى ماي ئېيىدا، «نيو يورك ۋاقىتلىق گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭمۇ بۇ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرىنى خورلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارلىغان. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بەش يىل ئۆتۈپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قايتا-قايتا مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن 24-ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئاخىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر پارچە ئىچكى قىسمىدىكى دوكلاتنى ئاشكارە قىلغان، بۇ 2004-يىلى يېزىلغان دوكلاتتا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن بۇيان دۆلەت سىرتىدىكى «قارا تۈرمە» دە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرىنى خورلاشتىكى تەپسىلاتلىرىنى تەپسىلىي خاتېرىلىگەن، گەرچە يېقىنقى يېرىمدەك مەزمۇن قارا سىياھ بىلەن يوشۇرۇپ قېلىنغان بولسىمۇ ئەمما يوشۇرۇنمىغان قىسىملىرى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالايدۇ.
مۇخبىر توردىن بۇ قەتئىي مەخپىي سانالغان دوكلاتنى چۈشۈرۈپ ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش كېيىنكى تەسىراتىنى «ھاڭ-تاڭ قېلىش» بىلەنلا تەسۋىرلىيەلىگەن. بۇ 106 بەتلىك ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستېرلىكىنىڭ دوكلاتى گەرچە نۆۋەتتە ئاشكارە قىلىنغان قىسمى قارا سىياھ بىلەن يېرىمىگە يېقىن مەزمۇنىنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما يوشۇرۇپ قېلىنمىغان قىسمىدىكى مەزمۇنلار قانغا تولغان ھالدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ قانداق قىلىپ قەبىھ جازا ئۇسۇللىرىنى قوللانغان؟ بۇنىڭغا قايسى ئورگانلار مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگەن ۋە باشقۇرغان؟ قانداق جازالاش ۋاستلىرىنى شۇنداقلا سوراق قىلىش پرىنسىپىنى، ئۈنۈمىنى ۋە قانۇنىي خەۋپ قاتارلىقلارنى قوللانغان؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ.
كۆپلىگەن ئورگان ۋە تەشكىلاتلار جىنايەتچىلەرنى خورلاشقا قاتناشقان
2004-يىلى ئاشكارىلانغان جىنايەتچىلەرنى خورلاش ۋەقەسىدە كىشىلەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئېراققا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي تەرەپ ئاندىن جىنايەتچىلەرنى خورلاشقا باشلىغان دەپ قارىغان. ئەمما بۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىن قارىغاندا، ئېراق ئۇرۇشى پارتلاشتىن بىر يىل بۇرۇن، مەركىزىي ئاخبارات ئىداردى دۆلەت سىرتى تۈرمە سېستىمىسىنى قۇرغان، شۇنداقلا جىنايەتچىلەرگە قاتتىق جازا قوللانغان.
بۇ ئورگانلارنىڭ بەزىلىرى كونكرېت ئىجرا قىلىشقا، بەزىلىرى «ئالاھىدە قىسىم سوراق قىلىش» تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا، بەزىلىرى قانۇنىي خەۋپنى تەتقىق قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا، بەزىلىرى دۆلەت سىرتىدىكى سوراقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھالدا باشقۇرۇلۇشى ۋە سوراق قىلىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەن.
جىنايەتچىلەرنى خورلاش ۋاستلىرى بىرلىككە كەلگەن
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەت سىرتىدىكى قىيناپ سوراق قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. سوراق جەريانىدىكى جازانى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پىسخولوگىيە ۋە قىيناپ سوراق قىلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يىغىپ، سېستىمىلىق ھالدا ئاتالمىش 10 خىل «قىيناپ سوراق قىلىش تېخنىكىسنى كۈچەيتىش» نى خۇلاسىلاپ چىققان، بۇلار باندىت، ساقچىلارنىڭ كىنولىرىدا كۆپ كۆرىلىدىغان «سىپايە» ھەرىكەتلەردىن تارتىپ جاننى ئالىدىغان «ياۋايى» جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جازا قوللانغاندا جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «كۆيۈمچانلىق» بىلەن ھەربىر خىل جازانى چېگرىسىنى بېكىتىپ بەرگەن:
بىرىنچى خىل ئۇسۇل: «دىققەتنى چىڭ تۇتۇش»، ئىككى قولى بىلەن جىنايەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ سوراقچىغا يېقىنلاشتۇرۇش.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: «تام دىۋارى تېخنىكىسى» جىنايەتچىنى تارتىپ ئەكىلىپ كۈچ بىلەن تامغا سوقتۇرۇپ، ئۇنىڭ تاغاق سۆڭىكىنى تامغا ئۈستۈرۈش، جىنايەتچىنىڭ گەجگىسىنىڭ يارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بوينىغا لۆڭگىنى چىڭ ئوراپ قويىدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل: «بېشىنى كونترول قىلىش» بىر قول بىلەن جىنايەتىچىنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ مىدىرلاتماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بارماقنىڭ جىنايەتچىنىڭ كۆزىگە تىگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ.
تۆتىنچى خىل ئۇسۇل: «يۈزىگە شاپىلاقلاش»، يەنى كاچاتلاش، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئېنىق قىلىپ جىنايەتچىنىڭ كالپۇكى بىلەن قۇلىقىغىچە بولغان ئارىلىققا ئۇرۇشنى بەلگىلىگەن.
بەشىنچى خىل ئۇسۇل: «قىسىش»، يەنى كىچىك كامىرغا سولاش، جىنايەتچىلەرنى كىچىك ھەم قاراڭغۇ بوشلۇققا سولاپ قويۇپ، ئۇنى مىدىرلاتماسلىق. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كىچىك يەشىككە سولىغاندا ئىككى سائەتتىن، چوڭراق كامىرغا سولىغاندا 18 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى بەلگىلىگەن.
ئالتىنچى خىل ئۇسۇل: «قۇرت-قوڭغۇز بىلەن بىللە سولاش»، كىچىك كامىرغا سولاشنىڭ ئاساسىدا ئىچىگە قۇرت-قوڭغۇز سېلىپ قويۇش، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قۇرت-قوڭغۇزنى سالماسلىقنى بەلگىلىگەن.
يەتتىنچى خىل ئۇسۇل: «تامغا تىرەش»، جىنايەتچىنىڭ تامدىن تۆت-بەش ئىنگىلىزچى يىراقلىقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئىككى پۇتىنى كېرەپ قولىنى ئالدىغا سۇنغۇزۇپ، ئىككى تال بارمىقى بىلەن پۈتۈن ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تامغا تىرىلىپ تۇرغۇزىلىدۇ. سوراقچىلار جىنايەتچىلەرنىڭ بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.
سەككىزىنچى خىل ئۇسۇل: «جىددىيلىشىش ھالىتى» جىنايەتچىلەرنى پۇتىنى ئالدىغا سوزۇپ ياكى تىزلاندۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەينىگە 45 گرادۇس ئېگىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي شۇ ھالەتتە تۇرۇش.
توققۇزىنچى خىل ئۇسۇل: «ئۇيقۇسىنى تارتىۋىلىش»، جىنايەتچىلەرنى ئۇخلاتماسلىق بىلەن قىيناش، ئەمما پرىنسىپ جەھەتتىن 11 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئونىنچى خىل ئۇسۇل: «سۇ بىلەن جازالاش»، جىنايەتچىنى ياغاچ ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ، پۇتىنى بېشىدىن ئېگىز قىلىپ قويۇپ مىدىرلاتماسلىق، ئاغزىغا لاتا تىقىپ قويۇپ ئۈستىگە سۇ چېچىپ جىنايەتچىلەر تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈش، ھەر قېتىملىق نەپەس ئېلىۋىلىش ۋاقتى 40 سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.