خوتەنگە ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش !
ھازىر ئەتىياز پەسلى ، ساياھەت قىلىشقا تازا ئەپسىز، ياخشىسى 6 ئاينى ئوتتۇراقېلۋىتىپ 7 ئايلارغا يېقىن كەلسىڭىز تازا ياخشى پەيتى دەپ قارايمەن ، ھى ھى
خوتەن قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا ئۇلۇغئاتا كەنتىدىكى ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشىئاتى ‹ساياھەت ئورنى› بىر كۆرۈشكە ئەرزىدۇ ، ئاللاھ نىڭ مۆجىزىللىرى بەك كۆپ ،
ئۇنىڭدىن قالسا ئىمامى ئاسىم قۇملۇقى ، سەھۋالىم دىگەندەك ، يەنە خوتەن ناھىيە باغچا بازىرى دىكى ياڭاق پادىشاھى ، خوتەن ناھىيە لايقا يېزىسدىكى ئەنجۇر پادىشاھى ،
لوپ ناھىيە ئۈژمە مازار ، چىرىيە ناھىسىدىكى چاقار ، دىگەندەك ساياھەت ئورۇنلىرى بار،
7 ئاي مەزگىللەردە كەلسىڭىز مىۋىلەرنىڭ تازا مەي باغلاپ پىشقان ۋاقتى ، كۆپ ئۈنۈم كۆرىسىز ،
توڭاپ قالمايسىز ،