خوتەنگە كەلگەنلەر چوقۇم يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بىر كىلىپ تەنگە شىپا ئەركەك دەريا سۈيىنى ئىچىشنى قەتئى ئۇنۇتماڭلار !
نى نى ساقايمىغان كىسەللەر ، شۇ دەريانىڭ سۈيىدىن شىپالىق تېپىۋاتىدۇ جۇمۇ !
شۇ سەۋەپتىن مىكىن بۇرۇن ئىككى كويلۇق بىر باك سۇ ( 10 كىلولۇق باكتا ) ھازىر 4 كويغا چىقتى ،
مۇشۇ بانادا تىخى كاللاڭلاردەك تاشتىن بىرەنى تېپىۋېلىپ مىليونۇر بۇپ كېتەمسىلەر تىخى ....
چاخچاق قىلمىدىم جۇمۇ ، سۇ ئەكىرگىلى ، سۇ ئىچكىلى ، ھاۋا يىگىلى چىققارلارغىمۇ چىقىۋاتىدۇ !
پېقىرغىمۇ ئۆمرۈمدە تۆت قېتىم قاشتېشى ئۇچۇرغان ، باش قېسىنى دېمەيلا تۇراي ھېلىبىكا ما مۇنبەردىكى قىزچاقلار مىليونۇرلىقىمنى بىلىۋالسا خوتەنگە كەلگەندە مېنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمىسۇن يەنە .......
تۆت قېتىم ئۇچۇرغان تاشلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇرغىننىڭ ھېكايىسى بەك قىززىق مەن شۇنى سىلەرگە دەپ بىرەي قۇلىقاڭلار مەندە بولسۇن ......
شەھەر ئىچىدىن يەتتە كويغا بىر تاۋۇزنى ئېلىپ دەرياغا ئەپ چىقىپ ، دەريادىن تاۋۇزنىڭ يېرىمىنىڭ يېرىمىچىلىك كىلىدىغان بىر قاشتېشىنى شەھەر ئىچىگە ئەكىرىپ 85000 سەكسەن بەشمىڭ كويغا سېتىپ ، بۇ پۇلنى 24 كۈندە قانداق خەجلىگىنىمنى دەپ بىرىمەن ........
بىرىنجى قېتىملىقى خۇددى ئاسماندىن خۇدايىم
ھەي بەندەم ئالە مانى دەپ پوككىدە تاشلاپ بەرگەندەكلا ئۇچۇرغان دېسە ! ۋاي ۋاي ۋاي شۇ شىرىن كۈنلەرنى ئويلىسام زە ......
بىر كۈنى ئاغىنە باللار بىلەن دەريا بويىدا بىردەم ھاۋا يەپ كىرەيلى دەپ مۇزدەك تاۋۇزدىن ئىككىنى ئېلىپ دەريا بويىغا چىقىپ ئولتۇردۇق ( كونا كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا ، ھازىرمۇ پات پات چىقىپ تۇرىمەن ، لېكىن ئەپسۇس ھازىرغىچە بوغداي چىلىك بولسىمۇ قاشتېشى ئۇچۇرمىدى ) توساتتىن تاۋۇزنىڭ بىرسى يۇمىلاپ دۇمىلاپ پەس تەرەپكە قاراپ چۈشۈپ پوڭڭىدە قىلىپ يېرلىپ كەتتى ........
ۋاي جان پەقەتلا خوش ياقمايۋاتىدۇ دېسە ، سۆزلەپ كەلسەم قىززىقارلىق گەپلەر بەك جېق ! قىززىقىدىغانلار بولسا ئايرىم تېما قىلىپ يوللاي مەن ، بولمىسا مۇشۇنداق ھۇرۇنلىق قىلىپ يازمايمەن ، ھازىر ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ ، ئاخىرى ئەتە بىرگەپ بۇلار ھە .....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aㄒamaη تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 05:03 AM