hokumran يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:30 PM
كاللا دېسە پاچاق دەيدىغان تورداشلار يىغىلىپ قالدىمۇ ن ...
شۇ ئەمەسمۇ، پاكىز، رەتلىك دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ يېڭى، كونا، مودا ...دىگەنلىك ئەمەس. كونا كىيىملەرنىمۇ يۇيۇپ پاكىز قىلىپ، يېرتىلغان بولسا ياماق سېلىپ رەتلىك قىلىپ كىيىپ كىرسە بولىدىغۇ.
مەن قوللايمەن، ھەممىلا ئادەم پاكىز بولسا قانداق ياخشى. مۇنبەرداشلار سىلەر گەپنى نەگە ئەكىتىپ بارىسلەر، ئەجىبا قېرىنداشلىرىمىز مەينەت، چۇۋالچاق يۈرسە مەيلىما، مىنىڭ ئەھۋالىم مۇشۇ دەپ ھەممىلا يەرگە كىرىپ ئۆز ئوبرازىلا ئەمەس، مىللەتنىڭمۇ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزسىمۇ مەيلى؟؟؟
سىز بىر تاماقخانىغا كىردىڭىز، ئەمدى تاماق يەي دەپ تۇرىشىڭىزغا، ئۈستى بېشىنى قاسماق بېسىپ كەتكەن، گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان بىرى كىرىپ ئولتۇرسا، ئاشۇ تاماقنى يەنە يىگىڭىز كېلىشىگە ئىشەنمەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 06:43 PM