ئايچىن يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 09:57 PM
باياتىن بېرى مۇشۇ توغرىسىدا جىدەل بولىۋاتمامدۇ ، تېم ...
ھازىرقى ئەھۋال،ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىمۇ مىللىيچە ئېسىل بېزەلگەن ،ئىستىمال سەۋىيسىمۇ ھەرھالدا بەك يۇقىرى ئەمەس تاماقخانىلارمۇ جىقلاپ قالدى.لېكىن دىققەت قىلساق ئادەتتە تاماق يىگىلى كىرگەنلەر ئىچىدە ئاندا-ساندا خالىغانچە ياسىنىپ كىرگەنلەرنى كۆرەلەيمىز.قانداق كىيىنسەم نېمە كارىڭ،ئىستىمالچىمەن،نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى ...دېسەك بولمايدۇ.ئۇ ئۆزىمىزنىڭلا سۈپىتىمىزگە ئەمەس،شۇ تاماقخانىنىڭمۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
چەتئەللەردىكى بىرقانچە دوستلىرىمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن يىغىلىشلىرىغا قاراپ ھەيران قالىمەن تېخى.كىچىككىنە تازلار ھە،ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ،رېستۇرانلاردا،قەھۋەخانا،ئارامگاھلاردا يىغىلىش قىلغانلىرىدا غەربنىڭ كاتتىلىرىدەك ياسىنىشىپ،بىر بىرىدىن سۆلەتلىك كېلىشىپ شاھلارنىڭ يىغىلىشىدا ئولتۇرغاندەك چوڭ سۈپەت ئولتۇرۇشۇپ خوشلىشىپ كېتىدىكەن.بىزنىڭكىنى ئويلاپ باقسام ئازاپلىنىمەن.چەتئەللەردىن ھاراق ،بۇزۇپ -چېچىش مەدەنىيىتىنى تازا قوبۇل قىپتۇق،شۇنچىلىك سورۇنلارغا دىققەت قىلىشنى ئانچە قوبۇل قىلىپ كېتلمەپتۇق.
مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمدە.بارلىق ساۋاقداشلار يەنىلا شۇ ئوقۇغۇچى پەدىمىزدە خالىغانچە،ھەرخىل ھەر ياڭزا كىيىنىشىپلا چۇۋالچاققىنە مەلۇم سەيلىگاھقا بېرىپ تاماق يېيىشىپ،ئوينىشىپلا«ھە،خوش باللا،تىلفۇن قىلىشىپ تۇرامىز.»دېيىشىپ كېتىشكەنىدۇق....