ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالدىنقى قېتىم جىگەر توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتكەن ئىدىم. خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن داۋامىنى يوللىيالماي قالدىم. بۈگۈن ئازىراق يوللاپ قۇياي دەپ كونوپكا تاختىسىنى تاراقلىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن قېنى ئۇقۇپ باھا بىرىپ قۇياسىلەر.
5. جىگەر ساغلاملىقنىڭ بەلگىللىرى
1)بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشنىڭ نورمال بولۇشى.2)ئەزالار خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇشى (يەنى سەزەۇ ھەركەت ئەزالىرىنىڭ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمال بولۇشى). 3) بەدەندىكى قۇۋەتلەرنىڭ بولۇپمۇ، قۇۋۋىتى تەبىيتىنىڭ نورمال بولۇشى جىگەر ساغلاملىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.بۇنداق دىيشىمىزدىكى سەۋەپ ، بارلىق جانلىقلاردا ھاياتلىق باشلانغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۈسۈپ تەرەققى قىلشىغا جىگەر ئۇزۇقلۇق يوللاپ بىرىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇق مەلۇم ئەزاغا يىتىشمىسە ياكى ئۇزۇقلۇق بارىدىغان يول تۇسالغۇغا ئۇچىرىغان بولسا، شۇ ئەزا كەمتۈك ياكى يوق بولىدۇ. مەسىلەن :بەزى ئاياللاردا بالياتقۇنىڭ يوق بولۇشى، تەرەققى قىلماسلىق ، ئەرلەردە ئۇرۇقداننىڭ بىرى بولۇپ، يەنە بىرى بولماسلىق، بولغاندىمۇ ئۇرۇق ئىشلەش ئىقتىدارى بولماسلىققا ئوخشاش ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش نورمال بولغاندا ماددا (خىلىت)سەۋەبىدىن بولىدىغان كىسەللىكلەر پەيدا بولىمايدۇ. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا،ئەزالارنىڭ كەمتۈك ياكى تەرەققى قىلالماسلىق ئىچكى سەۋەبدىن(يەنى ماددىلار ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇشتىن)بولدىغان ماددىلىق كىسەللەرنىڭ جىگەر ساغلاملىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
(6)جىگەر كىسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئورتاق ئالامەتلەر
قىزىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، دىماغ پۈتۈش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، ھۆ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش،مايلىق غىزالارنى كۆرگەندە ھۆ بولۇش، كۆڭلى غىزا تارتماسلىق قاتارلىقلار جىگەر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ ، جىگەر كىسەللىكلىرى ئىسسقتىن بولسا سېرىق سۇ ياندۇرىدۇ. چۈشتىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ، تېزلا سېرىقلىق چۈشىدۇ. ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ئەتتىگەندەھۆ بولىدۇ. ماغزاپتەك شال ياندۇرىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆپۈنچە چۈشتىن كىيىن ئىسىلىپ قالىدۇ.
جىگەر ساھەسىدە تېلىپ، چىڭقىلىپ، ئېچىشىپ، قادىلىپ ئاغرىشلار بولىدۇ.قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش جىگەر كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۇتۇپ كۆرگەندە جىگەر قولغا يۇمشاق بىلىنسە ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىنىڭ ، قاتتىق بىلىنسە سوزۇلما جىگەر ياللۇغىنىڭ ، بەكرەك قاتتىق، چوڭ بىلىنسە جىگەر راكىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.ئۇنىڭدىنن باشقا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىشىش، قول پۇت تىتىرەش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللرى يىگلەش ، چىراي نۇرسىزلىنىپ قارداپ قېلىش، ئالقان قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تاپان قىزىشمۇ بەلغەمدىن بولغان جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ماغدۇرسىزلىنىش جىگەر كىسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. يىنىكلىرىدە يەڭگىل ماغدۇرسىزلىنىش سېزىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا پۇت قول بۇششىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىشنىلا خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر ھالدىكى جىگەر كىسەللىرى قاتتىق چارچىغانلىقىدىن ھەركەت قىلالماي يېتىپ قالىدۇ. كىسەلنىڭ سۈيدىكى قېنىق چايدەك كېلىدۇ. سوزۇلما جىگەر ياللۇغىلىرىدا تال چوڭىيىپ كىتىش بولۇپمۇ، قىل قانن تومۇرلار كىڭىيىپ كىتىش، بۇرۇن ئۇچى، بويۇن ئەتراپىنىڭ تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ قېلىش ھەمدە يۈز، بويۇن، كۆكرەك ساھەسىدە، قول ئالقىندا ئۆمۈچۈك تورىدەك توسىمان مەڭلەر پەيدا بولۇش بەلگىللىرى كۆرۇلىدۇ، بۇلار سۇزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كىسەللىكلىرىدە كۈرلىدىغان ئالامەتلەردۇر. سۇزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كىسەللىكلىرى ئاياللادا بولسا سۈت بىزى چۇڭىيىدۇ ھەمدە ھېيىز قالايمىقانلىشىدۇ،
بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازغاچ تۇراي داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى ياكى مۇنبىرىدىن داۋامىنى كۆرگەيسىز.
بىزنى قوللاپ ئىلان چىكىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مەنبە:
http://bbs.alsihat.com