adil2052103 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:54 AM
ھەراس بەدەندىكى بەزەن بىر ئەزالانى كۈچۈرۈپ يېڭىسىن ...
مەن سىزگە تىببى جەھەتتە ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىمنى كۆرسۈتۈپ ئۆتسەم
جىگەر بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ، فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان ئەزا.
جىگەرنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن چوڭ.(لىكىن ھەممىنى كېسىپ ئېلىۋەتسە بولمايدۇ.) ھايۋانات تەجىربىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، نورمال بولغان بىر جىگەرنىڭ (جىگەرنىڭ ئېغىرلىقى 1500-1200گىرام ئەتراپىدا بۇلىدۇ. ) %80-%70ىنى كېسىۋەتسە يەنىلا ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدۇ. كېسىۋېتىلگەن جىگەر ئالتە ھەپتە ئىچىدەئۆسۈپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېغىرلىقىغا ئاساسەن يېقىنلىشىدۇ. لىكىن ئادەم بەدىنىدە بولسا بىر يىل ئىچىدە نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.(جىگەرنىڭ قايتا ئۆسۈشى بەدەندىكى مەلۇم خىل ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك )شۇڭا جىگەردە كېسەللىك كۆرۈلگەندە جىگەرنىڭ مەلۇم قىسمىنى كېسىش ئوپراتسىيەسىنى قىلدۇرسا بولىدۇ.
ئادەم بەدىنىنى قان بىلەن تەمىنلەپ بېرىدىغىنى قىزىل يىلىك ،ئۇ ئادەتتە(قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ )ئۇزۇن سۆڭەكنىڭ ئۆسۈش قىسمىدا،قىسقا سۆڭەك بىلەن ياپىلاق سۆڭەكنىڭ سۆڭەك شالاڭ ماددىسىدا بولىدۇ. سېرىق يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بولمايدۇ .
جىگەر بولسا ھەزىم قىلىش،ئاجىرتىپ چىقىرىش، زەھەر قايتۇرۇش ۋە مىتابولىزىم قاتارلىق جەريانلارغا قاتنىشىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە مېتابولىزىمدىكى رولى ئەڭ چوڭ. جىگەردىكى قاننىڭ %30-%25 ى جىگەر ئارتېريىسىدىن،%75-%70ى قاپقاق ۋېناسىدىن كېلىدۇ. لىكىن جىگەر ئارتېريىسىنىڭ بېسىمى يۇقىرى بولغانلىقتىن ،قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى .شۇڭا جىگەرگە كېرەكلىك بولغان ئوكسىگېننىڭ %60-%40ىنى جىگەر ئارتېريىسى تەمىنلەيدۇ . قاپقاق ۋېنا بولسا ھەزىم قىلىش يولىدىكى قانلارنى يىغىپ ، جىگەرنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ .
جىگەرنىڭ بىر قانچە خىل رولى :
1.قەنت ئالمىشىشتىكى رولى :يىمەكلىك ھەزىم بولغاندىن كېيىن ئۈچەيدە سۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇقلار قاپقاق ۋېنا ئارقىلىق جىگەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.جىگەر ئۇ ئوزۇقلۇقلارنى گىلىكوگىنغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىدە ساقلىۋالىدۇ.قان قەنتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە بولسا،گىلىكوگىن پارچىلىنىپ گىلىكوزىغا ئايلىندۇ ۋە قانغا سىڭىپ كىرىپ قان قەنتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ .
2.ئاقسىل ئالمىشىشتىكى رولى .
3.بەدەندىكى ياغ ئالمىشىشتىكى رولى.
4.ۋىتامىنلارنىڭ ئالمىشىشىدىكى رولى .
5.قان ئۇيۇتۇشتىكى رولى :
جىگەر بولسا تالا ئاقسىل ئاساسلىرى ، قان ئۇيۇتقۇچى فېرمېنت ئاساسلىرىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن باشقا يەنە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورلارنى ھاسىل قىلىدۇ .
6.زەھەر قايتۇرۇشتىكى رولى :
ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلار جىگەردە ئايرىشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئوكسىدلاندۇرلۇپ زەھەرسىزلەندۈرۈلىدۇ.
7.جىگەردىكى يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ رولى:
جىگەردىكى يەككە يادرولۇق زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ يۇتۇش رولى ئارقىلىق قاندىكى باكتېرىيە ، پىگمېنت ۋە باشقا پارچىلانما ماددىلارنى جىگەر سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ .
...