qenikix يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 02:49 PM
باشتىن كەچۈرگەن ياكى كەچۈرمىگەنلىكىم سىز ئۈچۈن ئانچە ...
مىنى ، ‹‹ئىسلامدىن چىقىپ تۇرۇپ بەخىت ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپسىز ›› دەپ
قارىسىغا سۆزلىمەڭ ! كىمنىڭ قانداقلىقىنى خۇدا بىلىدۇ . باشقىلارغا ئالدىراپ
تون پىچماڭ ! مەن پەقەت مۇسلىمە ( ناماز ئوقۇيدىغان ) قىزلارغا ئۆيلەنمىسە
بەخىتلىك بولغىلى بولمامدۇ ؟ دەپ سورىدىم . بۇنچە قاينىشىڭىزنىڭ نىمە ئورنى ؟
مەن بىر ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا ، ياغلىق چىگىۋالغىنىغا ، ساقال قويۇۋالغىنىغا
قاراپ باھا بەرمەيمەن . ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ يېتىپ قالغان ، پۇل
ئۈچۈن تېنىنى سېتىۋاتقان ، ئوغۇرلۇق قىلۋاتقانلارنىمۇ پەس كۆرۈپ يىرگىنمەيمەن .
ھەم خۇدادىن ، ئىنسانلارغا مۇھەببەت ، سۆيگۈ ، ھىسداشلىق بىلەن قارايدىغان
يۈرەك ئاتا قىلشىنى تىلەيمەن .
ھەم ھېچكىمگە باھا بېرىشكە لايىق كەلمەيمەن .
پەقەت خۇدالا ئاخىرەتتە ئادىل ھۆكۈم چىقرىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 07:31 PM