sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:08 PM
ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق گەپ بولسا قىلىڭە ! بىر ئادەم ...
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلارگە ھارام قىلىندى. (سۈرە نۇر3-ئايەت)
سىز ئۇلۇغلىغان مۇھەببەت......... تە جىنسىي ئالاقە زىناخورلىقىدىن باشقا، قاراش، ئاڭلاش، چەكتىن ئاشقاندا تۇتۇش قاتارلىق ھەرخىل زىنايى ھاراملار شەكىلللىنىدۇ.
«دىندار ئايالنى ئال! ياخشىلىق كۆرىسەن» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
سىز ئىسلامنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى ئادەملەردىن ئەمەس بەلكى، قۇرئان ۋە ھەدىستىن كۆرۈڭ، ئۇلار ساقال قويۇپ ھاراق ئىچكەن بولسا، يۆگىنىپ مەست بولىۋالغان بولسا ئۇلار ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.. بىز شەخىسكە چوقۇنمايمىز. ھەقىيقى (ھەقىقىي ئەمەس) ئىبادەت ھەر بىر كۈننى پاك، ھالال، سۆيگۈ بىلەن ئۆتۈزۈشتۈر دەپسىز.. سىزنىڭچە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمۇسىمۇ، پاك، ھالال، سۆيگۈ بىلەن ئۆتسە مۇسۇلمان ھېسابلىنامدۇ؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىمۇ پەيغەمبىرىمىزگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلغان، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدىغان ئادىل، راستچىل، سەمىيمى ئادەم ئىدى.. ئەمما پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭمۇ دەۋزەخكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەنغۇ؟! سىز مېنى ئەۋلىيا ئەمەس دەپسىز... پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىندار قىزلارنى ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسىنى ئىنكار قىلامسىز؟ كىمنى ئالغۇم كەلسە ئېلىشقا ھەقلىقمەن دەپسىز، مۇشرىك ئاياللارنى ياكى پاھىشىلەرنىمۇ ئېلىۋېرەمسىز؟ (چاخچاق..)
بۇرادەر بىز يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ لېكىن ما مۇنبەردە مىتەۋلىشىپ قاپتىمىز... ئىنكاسلىرىڭىزدىن خېلى غورۇرلۇق يىگىت ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ. مۇنبەردىكى گەپلەرنى دەپ كۆڭۈل ئاغرىتىشىپ يۈرمەيلى. ئاخرىدىكى كىمنى ئالغۇم كەلسە شۇنى ئېلىشقا ھەقلىمەن دېگەن سۆزىڭىز چوقۇم ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ دېيىلگەن گەپلەر. ئىنكاسلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىق جايلىرى بولسا قوبۇل قىلايلى، مەنمۇ سەل كۆپ سۆزلەپ ساپتىمەن. ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس دېگەن گەپ بار.. بەزى گەپلەرنى كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز....