مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: akbar0997

ھەرخىل پەن ئالىملىرىنىڭ ئادەم ھەققىدىكى تەبىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:09:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىزىمچىلار نەزىرىدىكى ئىنسانلار

  ئىنسان دىگەن نىمە؟
  ئىنسان ئاتىزىمچىلارنىڭ نەزىرىدە زىمىنغا تۇغۇلۇپ، زىمىندا مىڭىپ، زىمىندىن يەپ، زىمىنغا قايتىدىغان مۇشۇ زىمىننىڭ بىر چاڭگال تۇپىرىقى. ئۇنىڭ تۈگەل ۋۇجۇدى ئەت، قان، سۆڭەك، نىرۋاسىستىمىلار، بەزلەر، ھۈجەيرە قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى. ئۇنىڭدىكى ئاڭ، تەپەككۇر دىگەنلەرنى ئۇنىڭ مىڭىسى خۇددى جىگەر سەپىرا، بۆرەك سۈيدۈك ئاجىرىتىپ چىقارغاندەك ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ مۇشۇ يەرشارىدىكى ساناقسىز خىلمۇ-خىل جانلىقلارنىڭ بىرى. بەلكى ئۇ مۇشۇ ئۇچار قاناتلار، ئۆمۈلۈگۈچىلەر، قۇرت-قوڭغۇزلار، ھاشاراتلار ۋە مايمۇنلارغا ئوخشاش بىر ھاياتلىق تۈرى. ئۇنىڭ پائالىيەت چىكى زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ «تەرەققى قىلىش» بىلەن ئىنسانغا ئايلانماق.
  ئىنسان ئۇنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقىنى يەر شارى، يەر شارى بولسا قۇياش سىستىمىسىدىكى كىچىككىنە بىر پىلانىت. قۇياش سىستىمىسى بولسا يۈز مىليونلارچە ئاسمان جىسىملىرى قورشاپ تۇرىدىغان نۇرغۇن غايەت زور سىستىمىلارنىڭ بىرسى.
  بىز كوپىرنىك ئوتتۇرىغا قويغان «قۇياش مەركەز» تەلىماتى زامان ئاستىرونومىيەسىدىن ئىنساننىڭ ئورۇن جەھەتتە بۇ غايەت زور ئالەمدە ئىنتايىن كىچىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇدۇق. دەۋر جەھەتتىن ئىيتقاندا دارۋىن ۋە  بىر قىسىم گىئولوگلار ئىنساننىڭ دەۋر جەھەتتىمۇ ھەم ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى يەر شارىنىڭ ئۆمىرى يۈز مىليونلارچە يىللارغا يىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
  يۇقىرىقىلار ئاتىزىمچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىنساننىڭ ئورۇن ۋە دەۋر جەھەتتىكى قىممىتى.
  ئاتىزىمچىلار ئىنساننى باشقىلارغا ئوخشاش «ئىلاھى روھ» ياكى «سۆز قىلالايدىغان جانلىق» دىگەندەك ئالاھىدە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئىنسان پەقەت بىر ماددى جازا ۋە جانلىق جىسىمدىن ئىبارەت.
  ئۇنداق بولسا ئىنساندىن ئىبارەت بۇ گەۋدە ۋە جىسىمنىڭ ماددى قىممىتى زادى قانچىلىك؟
  ئالىملار ئىنسان بەدىنىدىكى ئاساسلىق ماددىلارنى تەكشۈرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى چىقاردى.
  ئىنساننىڭ ئىغىرلىقى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 75 كىلوگرام  كىلىدۇ. ئىنسان بەدىنىنى تۈزگۈچى ماددىلارغا توختالساق ئىنسان بەدىنىنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
  7 بارچە سوپۇن ئىشلەشكە يەتكۈدەك ماي.
  7 دانە قىرىنداش ئىشلەشكە يەتكۈدەك كاربون.
  120 دانە سەرەڭگە تىلىنى ئىشلەشكە يەتكۈدەك فوسفور.
  بىر توخۇ كاتىگىنى ئاقارتىشقا يەتكۈدەك ھاك.
  پىت بىسىپ كەتكەن بىر ئىتنىڭ تىرىسىنى تازىلاشقا يەتكۈدەك گۈڭگۈرت.
  بىر قىتىملىق سۈرگە دورىسى قىلغۇدەك ماگىنى تۇزى.(ماگىنى سۇلفات)
  بىر تال ئوتتۇراھال مىخ ياساشقا كەتكۈدەك تۆمۈر.
  سىغىمچانلىقى 10 گاللۇن كىلىدىغان بىر مىنزۇركا توشقۇدەك سۇ. (بىر گاللۇن 4.5لىتىرغا تەڭ)
  بۇ ماددىلارنى بازار-رەستىلەردىن 50~60 پىسوغا (جۇڭگۇ پۇلىغا 80 يۇئەن ئەتىراپىدا) سىتىۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭدا بۇ مىسلىسىز جانلىقنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولغان ئاسمان تەرىپىدىن بىرىلگەن جاننىڭ قىممىتى يوق.
  زامانىمىزدىكى ئەرەب دىنسىزلىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىلەن ئەڭ تەرەققى قىلغان ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقمۇ ئەڭ ئاددى بىر ھاشارات بىلەن ئەڭ تەرەققى قىلغان ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقتىن ئارتۇق ئەمەس»
  ئەگەر بىز بولمىساق نىمە ئىش بولماقچى ئىدى؟
  بىزنىڭ يوقلۇقىمىزدىن ئالەمگە، ئاي، كۈنگە نىمە ئىش يەتمەكچى ئىدى؟ ئۇلار نىمىدىن قۇرۇق قىلىپ نىمىگە ئىرىشمەكچى ئىدى؟
  مانا بۇ ئىنساننى ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان روھى قىممىتىدىن، مەنىۋى ئورنىدىن ئايرىپ قاراشتىن كىلىپ چىققان بىلجىرلاشلاردىن ئىبارەت.


          مەنبە:  دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋىنىڭ «ئىمان ۋە ھايات» دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى.

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7097
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1026 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:37:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم_روھ بىلەن تەننىڭ كونتىروللىقىدىكى،ئەركىن تەپەككۇر قىلالايدىغان،ئاللاتائالا تەرىپىدىن يەرشارىغا ئەۋەتىلگەن تېرىقچى ھەم تارىخچى.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1517 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 02:10:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10430
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3470 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 09:43:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ رەخمەت. مەن يەنە كۆچۇرۋالدىم. سىزنىڭ ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمۇسۇن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1143 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 06:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mustapa222 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 08:36 PM
ئادەم ئاللانىڭ قۇدرىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى!

تىما ئىگىسى بۇنى دىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇھە ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش